
«ھەدىس كۆرسەتمىلىرى» ناملىق بۇ كىتاب تۆھپىكار ئالىم سالىھ ئەھمەد شامىينىڭ «معالم السنة النبوية» ناملىق ھەدىس ساھەسىدىكى شاھانە ئەسىرىگە ئاساسەن، ئۇستاز ئابدۇمىجىد مۇھەممەد تەرىپىدىن تەييارلانغان كىتابتۇر. كىتابتا ھەدىسلەرنى تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، مۇھىم نۇقتىلىرىنى سۈزۈپ چىقىش قاتارلىق مېتودلار قوللىنىلغان. سالىھ ئەھمەد شامىينىڭ بۇ ئەسىرىدە «سەھىھۇل بۇخارىي»، «سەھىھ مۇسلىم»، « سۈنەن ئەبى داۋۇد»، «سۈنەن تىرمىزىي»، «سۈنەن نەسائىي»، « سۈنەن ئىبنى ماجە»، «سۈنەن دارىمىي»، «بەيھەقىي»، «مۇۋەتتا»، «مۇسنەد ئەھمەد»، «سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە»، «سەھىھ ئىبنى ھىببان»، «مۇستەدرەك ھاكىم» ۋە ئىمام مەقدىسىينىڭ «ئەھادىيسۇل مۇختارە» قاتارلىق نوپۇزلۇق 14 ھەدىس كىتابىدىكى 114 مىڭ ھەدىستىن تېكىست ياكى مەزمۇنى تەكرارلانغانلىرى چىقىرىلىپ، 3921 ھەدىسكە يىغىنچاقلانغان. مۇئەللىپ بۇ كىتابتا نەقىل قىلغان ھەدىسلەرنى مەزمۇنىغا ئاساسەن، «ئەقىدە»، «ئىلىم ۋە ئىلىم مەنبەلىرى»، «ئىبادەت»، «ئائىلە ئەھكاملىرى»، «زۆرۈر ئېھتىياجلار»، «مۇئامىلىلەر»، «ئىمامەتچىلىك، رەھبەرلىك ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى»، «ئەدەپ - ئەخلاق»، «تارىخ»، «پىتنىلەر»دىن ئىبارەت 10 قىسىمغا بۆلگەن. «ھەدىس كۆرسەتمىلىرى» ناملىق كۆپ قىسىملىق بۇ ئۇيغۇرچە ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمىغا ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر ھەدىسلەر تەرجىمە ۋە شەرھ قىلىنىپ، ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مەزھىپىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە تەرجىمە قىلىنغان ۋە شەرھلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتاب كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىدا ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالغۇسى. ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
خەتكۈچ قويۇش، خاتىرە يېزىش ۋە ئوقۇش ئىزىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن كىرىڭ.