«بىلىم خەزىنىسى» — ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق كىتابلار جەملەنگەن، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن رەقەملىك تور كۇتۇپخانىسىدۇر. كىتاب ئوقۇش، ماتېرىيال ئىزدەش ۋە قۇرئان كەرىمنى مۇتالىئە قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھېسابات ئېچىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەگەر ھېسابات ئاچسىڭىز، خەتكۈش، شەخسىي خاتىرە، ئوقۇش ئىزى ۋە خاتىرە دەپتەر قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلاردىنمۇ ھەقسىز بەھرىمەن بولالايسىز.
مەزكۇر كۇتۇپخانىدا ئېلان، ئىز قوغلاش (Tracking) ۋە سىتاتىستىكا قىلىش قاتارلىقلار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ بەتلەردە ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ كودى ئىجرا قىلىنمايدۇ. تەپسىلاتىنى «مەخپىيەتلىك ۋە بىخەتەرلىك» بېتىدىن كۆرەلەيسىز.
كۇتۇپخانىنىڭ تورسىز ھالەتتىمۇ ئىشلەيدىغان «بىلىم خەزىنىسى» (Windows) نۇسخىسىمۇ تارقىتىلدى. ئۇنىڭغا سىكاننېرلانغان PDF ھۆججەتلەرنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش (OCR) قاتارلىق، تور نۇسخىسىدا يوق قۇلايلىق ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان.
مەزكۇر تور بېكەت تۆۋەندىكى مەنبەلەرنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىلگەن ئىجازەتنامە شەرتلىرىگە ئاساسەن ئىشلىتىدۇ:
| مەنبە | ئىگىسى | ئىجازەتنامە شەرتى |
|---|---|---|
| قۇرئان ئەرەبچە تېكىستى (ئوسمانىي، ھەفس) | Tanzil Project | CC BY 3.0 — تېكىستكە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن |
| قۇرئان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى | شەيخ مۇھەممەد سالىھ — QuranEnc.com, v1.0.2-xml.1 | QuranEnc نەشر شەرتلىرى بويىچە |
| UKIJ خەت نۇسخىلىرى (Ekran, Tuz, Tuz Tom, Tuz Kitab) | Uyghur Computer Science Association (ukij.org) | LGPL |
| Uthmanic Hafs خەت نۇسخىسى (قۇرئان ئۈچۈن) | King Fahd Glorious Quran Printing Complex (KFGQPC) | ھەقسىز تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ — ئەينەن ساقلانغان |
| ئىملا لۇغىتى | UyghurSpell (gheyret/UyghurSpell) | MIT |
| SymSpell ئىملا ئالگورىزىمى | Wolf Garbe | MIT |
كۇتۇپخانىدىكى بارلىق كىتابلارنىڭ نەشر ھوقۇقى ئۆز ئاپتورلىرى ۋە نەشرىياتلىرىغا تەۋە. بۇ كىتابلار تور بېكىتىمىزدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەقسىز ۋە ئېلانسىز پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى.
ھەر قانداق سوئال، تۈزىتىش پىكرى ياكى تەكلىپ-مەسلىھەتلىرىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئېلخەت ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
ئەگەر مەزكۇر تور بېكەتتىكى مەلۇم بىر مەزمۇننى نەشر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسىڭىز، يۇقىرىقى ئېلخەت ئادرېسىغا ئۇچۇر قىلىڭ. مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دەرھال تۈزىتىلىدۇ ياكى سىستېمىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ.