ئاخىرقى يېڭىلانغان ۋاقتى: 2026-يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى
قىسقىچە خۇلاسە:
بىلىم خەزىنىسىدە كىتاب ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن ھېسابات ئېچىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. تور بېكىتىمىزدە ھېچقانداق ئېلان، سىتاتىستىكا (Analytics)، ئىز قوغلىغۇچ (Tracker) ۋە ئۈچىنچى تەرەپ كودلىرى يوق. شەخسىيىتىڭىز ۋە ئىزلىرىڭىز تولۇق قوغدىلىدۇ.
تىزىملاتماي كىرگەن ئابونتلارنىڭ ھېچقانداق ھەرىكىتى (قايسى كىتابنى ئوقۇغانلىقى، نېمە ئىزدىگەنلىكى ۋە قانچىلىك ۋاقىت تۇرغانلىقى) ساندانغا يېزىلمايدۇ.
سىزنىڭ بەزى تەڭشەكلىرىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىدىلا (تور كۆرگۈچتە) ساقلىنىدۇ، مۇلازىمېتىرغا يوللانمايدۇ. ئۇلار:
cookie غا يېزىلىدۇ. بۇ پەقەت بەت ئالماشقاندا كۆزىڭىزنى قاماشتۇرماسلىق ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.localStorage قىسمىدىلا ساقلىنىدۇ.(ئەسكەرتىش: تور كۆرگۈچىڭىزنىڭ «تارىخ ۋە سانلىق مەلۇماتنى تازىلاش» ئىقتىدارى ئارقىلىق يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈۋېتەلەيسىز.)
ھېسابات ئېچىش — پەقەت خەتكۈچ، شەخسىي خاتىرە ۋە ئوقۇش ئىزىڭىزنى باشقا ئۈسكۈنىلەردىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. ساقلىنىدىغان ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:
بۇ ئۇچۇرلار پەقەت ئۆزىڭىزگىلا كۆرۈنىدۇ. ساندانىمىزدا قۇر دەرىجىلىك بىخەتەرلىك قائىدىسى (RLS) يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھېچكىم سىزنىڭ شەخسىي خاتىرىلىرىڭىزنى ئوقۇيالمايدۇ.
كىرىش ۋە تىزىمدىن ئۆتۈش بەتلىرىدە بىر سائەت ئىچىدە ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئۇرۇنۇش شۇ بەتنى بىر سائەت توسىدۇ. بۇنى ھېسابلاش ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ سانى ئوقۇغىلى بولمايدىغان شەكىلدە (hash) تەخمىنەن بىر كۈن ساقلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئېلخەت ئادرېسىڭىز، IP ئادرېسىڭىز ۋە پارولىڭىز يوق. بۇ ساناق ئۈچۈن، جەدۋەلنى يوللىغىنىڭىزدا تور كۆرگۈچىڭىزگە ئىختىيارىي بىر نومۇردىن باشقا ھېچنەرسە يېزىلمىغان كىچىك بىر cookie قويۇلىدۇ.
جەدۋەلگە يازغان ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە ئىسمىڭىز (پارولىڭىز ئەمەس) قايتا يېزىپ ئولتۇرماسلىقىڭىز ئۈچۈن 15 مىنۇتقىچە cookie دا ساقلىنىدۇ.
ئاممىغا كىتاب تارقىتىش ئۈچۈن تور بېكىتىمىز بۇلۇت مۇلازىمېتىرىغا تايىنىدۇ:
بىز ھېچقانداق تاشقى CDN ياكى ئېلان تورى ئىشلەتمەيمىز. سىزنىڭ تور كۆرگۈچىڭىز پەقەت مۇشۇ تور بېكەتنىڭ ئۆزىدىنلا رەسىم ۋە خەت نۇسخىلىرىنى ئالىدۇ. مۇلازىمېتىر خاتىرىسى (Server log) سىتاتىستىكا ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئەگەر ھېساباتىڭىز بولسا، «ھېساباتىم» بېتىگە كىرىپ تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزەلەيسىز:
JSON ھۆججىتى قىلىپ چۈشۈرۈۋالالايسىز.مەزكۇر تور بېكەت ھېچكىمدىن، جۈملىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن شەخسىي ئۇچۇر تەلەپ قىلمايدۇ. تور بېكەتتە پۇل تۆلەش، پاراڭلىشىش ۋە ئابونتلار ئارا ئالاقە قىلىش ئىقتىدارلىرى يوق بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن تولۇق بىخەتەر.
مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولسا، يۇقىرىدىكى يېڭىلانغان ۋاقتى بىلەن بىللە مۇشۇ بەتتە ئېلان قىلىنىدۇ. مەنبەلەر ۋە نەشر ھوقۇقى توغرىسىدا «ھەققىدە» بېتىگە قاراڭ.
سوئال، تەكلىپ ياكى مەزمۇن ئۆچۈرۈش تەلىپىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
ئېلخەت: kelemdepter@gmail.com