1
ھەدىس كۆرسەتمىلىرى
بىرىنچى توم
ئابدۇمىجىد مۇھەممەد
ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
مۇقەددىمە
أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرجيم بسمِ اللهِ الرّحمنِ الرّحيمِ
الحمدُ للهِ ربِّ العالمين، والعاقبةُ للمتّقين، والصّلاةُ والسّلامُ على رسوله محمّد وعلى آله وأصحابه أجمعين، أمّا بعد:
ھەدىس − پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئەڭ بۈيۈك مىراس بولۇپ، ئىسلامىي قانۇن - ئەھكاملارنى چىقىرىشتا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان؛ گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلەرنى ئۆگىتىدىغان؛ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتلەردە قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئىسلامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان؛ رەسۇلۇللاھ بېسىپ ئۆتكەن ئۆتكەللەرنى، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىزگە سۆزلەپ بېرىدىغان مۇھىم مەنبەلەردىن بىرىدۇر. شۇنىڭدەك، ھەدىس بىزگە قانداق قىلغاندا ئەڭ ئادىل، مۇنەۋۋەر ۋە سۈپەتلىك بىر ئۈممەت بولالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىتىدۇ ۋە يول كۆرسىتىدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەسۋىرلەپ، قوشنىلىرى، ئائىلىسى، ساھابە كىراملاردىن ئىبارەت ھەمراھلىرى ۋە باشقا كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇ زاتنىڭ يولىدىن مېڭىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا﴾ ﴿پەيغەمبەر سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇسا، شۇنى قىلىڭلار؛ نېمىدىن چەكلىسە، شۇنىڭدىن يېنىڭلار!﴾[1]. رەسۇلۇللاھمۇ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ؛ كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»[2]. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە چىڭ ئېسىلىشىمىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، نۆۋەتتە «معالم السنة النبوية» «پەيغەمبەر كۆرسەتمىلىرى» ناملىق كىتابنى دەرسلىك قىلماقچىمىز.
ھۆرمەتلىك كىتابخان! تۆۋەندە بىز قولىڭىزلاردىكى «پەيغەمبەر كۆرسەتمىلىرى» ناملىق بۇ كىتابنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3921 بولۇپ، بۇ ھەدىسلەر «سەھىيھۇل بۇخارىي»، «سەھىھ مۇسلىم»، «سۇنەن ئەبى داۋۇد»، «سۇنەن تىرمىزىي»، «سۇنەن نەسائىي»، «سۇنەن ئىبنى ماجە»، «سۇنەن دارىمىي»، «بەيھەقىي»، «مۇۋەتتا»، «مۇسنەد ئەھمەد»، «سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە»، «سەھىھ ئىبنى ھىببان»، «مۇستەدرەك» ۋە ئىمام مەقدىسىينىڭ «ئەھادىيسۇل مۇختارە» قاتارلىق 14 پارچە كىتابتىن خۇلاسىلەپ ئېلىنغان. مەزكۇر 14 پارچە كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 114 مىڭ بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ تەكرارلىرى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن 3921 ھەدىس قالغان. تەكرار ھەدىسلەرنى چىقىرىۋېتىشتا مۇنداق ئىككى خىل مېتود قوللىنىلغان: