يۈكلىنىۋاتىدۇ…

بۇ كىتابچە «قۇرئان كەرىم تامام بولغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالار» ۋە «مول مەزمۇنلۇق دۇئالار»دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ زېھنىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، دۇئالارنىڭ ئەرەبچىسى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارىلاشتۇرۇلماي، ئايرىم - ئايرىم بېرىلدى. بۇ دۇئالارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا، رامىزان ئايلىرىدا ئائىلىدە ۋە مەسچىتلەردە كۆپرەك ئوقۇلىدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، كىتابچىگە «رامىزانلىق دۇئالار» دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، ھەرگىزمۇ بۇ دۇئالار باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنمايدۇ، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالاغا ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇمكىنقەدەر كۆپ دۇئا قىلىشىمىز لازىم.
خەتكۈچ قويۇش، خاتىرە يېزىش ۋە ئوقۇش ئىزىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن كىرىڭ.