1
رامىزانلىق دۇئالار
ئەسكەرتىش: بۇ كىتابچە «قۇرئان كەرىم تامام بولغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالار» ۋە «مول مەزمۇنلۇق دۇئالار»دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ زېھنىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، دۇئالارنىڭ ئەرەبچىسى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارىلاشتۇرۇلماي، ئايرىم - ئايرىم بېرىلدى. بۇ دۇئالارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا، رامىزان ئايلىرىدا ئائىلىدە ۋە مەسچىتلەردە كۆپرەك ئوقۇلىدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، كىتابچىگە «رامىزانلىق دۇئالار» دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، ھەرگىزمۇ بۇ دۇئالار باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنمايدۇ، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالاغا ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇمكىنقەدەر كۆپ دۇئا قىلىشىمىز لازىم.
يېگانە ئاللاھقا دۇئا قىلايلى
قَالَ اللّه تعَالَى: ﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِى عَنِّى فَإِنِّى قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ ٱلدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُواْ لِى وَلْيُؤْمِنُواْ بِى لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ﴾ [البقرة، 186].
﴿مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)؛ ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)﴾.
قَالَ اللّه تعَالَى: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ [غافر، 60].
﴿پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)». شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ﴾.
عَنِ النُّعْمَانِ بْنِ بَشِيرٍ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ» أخرجه أبو داود وابن ماجة.
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ: «دۇئا ـــ ئىبادەتتۇر».
كىرىش سۆز
دۇئا ـــ بەندىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا تېۋىنىپ، ھاجەتلىرىنى تىلىشى دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇئا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە بەندىلىرىنى بۇيرۇغان ئەۋزەل ئىبادەتلەر جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)﴾[1].