
«تەپسىرى مۇيەسسەر» ناملىق بۇ تەپسىر زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن يۈزلەرچە تەپسىرنىڭ جەۋھەرلىرى تاللاپ ئېلىنغان ۋە تەپسىر ساھەسىدە ئالاھىدە تونۇلغان كاتتا مۇپەسسىر ئۇستازلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەڭ ئىشەنچلىك، ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك تەپسىر بولۇپ، بۇ تەپسىر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن 31 مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن مەكۇر تەپسىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ روياپقا چىققان بولدى. «تەپسىرى مۇيەسسەر»دىن ئىبارەت بۇ شانلىق تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «زامانىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تەپسىر پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن، سەلەف سالىھلارنىڭ يولىغا مۇۋاپىق، ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ۋە مەقسەت، غايىلىرىنى روشەن بايان قىلىپ بېرىدىغان، مەزمۇنلۇق، ئىخچام بىر تەپسىر ھازىرلاپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى. مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ‹پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى› بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشقا مۇناسىپ، ئىبارىلىرى ئوڭاي، بايانلىرى راۋان بىر تەپسىر ھازىرلاپ چىقىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەپسىرنىڭ سىناق نۇسخىسىنى تەييارلاپ چىقىشقا تەپسىر ئىلمىدە توشقان، بۇ ساھەدىكى مول ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئۇستازلار تەكلىپ قىلىندى ۋە تۆۋەندىكى شەرتلەر قويۇلدى: 1. ئايەتلەرنى سەلەف سالىھلارنىڭ ئېتىقادىغا ئۇيغۇن، ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائە مەزھىپىدە تەپسىر قىلىش. 2. رىۋايەت تەپسىرلەرنى باشقا تەپسىرلەرنىڭ ئالدىغا قويۇش. 3. نەقىل كەلتۈرۈشتە توغرا دەپ قارالغانلىرىغا كۇپايە قىلىش. 4. تەپسىر جەريانىدا قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش. 5. تەپسىردە ئىشلەتكەن سۆزلەر ئاددىي ۋە ئىخچام بولۇشى ۋە تەپسىر جەريانىدا بەزى يات سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش. 6. توختىلىۋاتقان ئايەتنىڭ مەنىسىنىلا تەپسىر قىلىش، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى شۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىشقا قالدۇرۇش. 7. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى نەقىلگە ھاجەت بولماستىن ئۇدۇل بايان قىلىش، پەقەت زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا شۇنىڭغا قاراپ ئىش كۆ
خەتكۈچ قويۇش، خاتىرە يېزىش ۋە ئوقۇش ئىزىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن كىرىڭ.