1
[1:1]
بۇ سۈرە قۇرئان كەرىمنىڭ باشلىنىشىدىكى سۈرە بولغانلىقى ئۈچۈن فاتىھە (ئاچقۇچى)، نامازنىڭ ھەربىر رەكىتىدە تەكرار ئوقۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن مەسانى (تەكرارلانغۇچى) دەپ ئاتالغان. بۇ سۈرىنىڭ باشقا ئىسىملىرىمۇ بار.
1 _ مەن قۇرئان ئوقۇشنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمەن. ﴿اَللهُ﴾ ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھنىڭ خاس ئىسمى بولۇپ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمايدۇ. ﴿اَلرَّحْمنُ﴾ بۇ دۇنيادا جىمى مەخلۇقاتقا ناھايىتى رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى، ﴿اَلرَّحِيْمُ﴾ ئاخىرەتتە مۇئمىنلەرگىلا شەپقەت قىلغۇچىدۇر. ﴿اَلرَّحْمنُ﴾ بىلەن ﴿اَلرَّحِيْمُ﴾ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بولۇپ، «رەھىم» دېگەن سۈپەتنى ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
[1:2]
2 _ بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى، ئەڭ مۇكەممەل سۈپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق نېمەتلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەمدۇساناغا تامامەن ھەقلىق بولغان يېگانە زات بولۇپ، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ۋە ئۇلارنى چەكسىز نېمەتلىرى بىلەن پەرۋىش قىلىپ تۇرغۇچى، دوستلىرىنى بولسا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.
[1:3]
3 _ ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتقا رەھىم _ شەپقەت قىلغۇچىدۇر، (ئاخىرەتتە) مۇئمىنلەرگىلا رەھىم _ شەپقەت قىلغۇچىدۇر. «رەھمان» ۋە «رەھىم» ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدۇر.
[1:4]
4 _ ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىگە مۇكاپات ۋە جازا بېرىلىدىغان قىيامەت كۈنىنىڭ يېگانە ئىگىسىدۇر. (مۇسۇلمان ئادەم ھەر كۈنى نامىزىدا بۇ ئايەتنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاخىرەتنى ئەسكە ئالىدۇ. بۇ ئايەت ئۇنى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا ۋە يامان ئىشلارنى تاشلاشقا ئۈندەيدۇ).
[1:5]
5 _ (ئى رەببىمىز!) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، بارلىق ئىشلىرىمىزدا پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. ھەممە ئىش سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، ھېچكىم زەررىچىلىك ئىشقا ئىگە بولالمايدۇ. (بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، دۇئا، ياردەم تىلەش، قۇربانلىق قىلىش، كەئبىنى تاۋاپ قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئاللاھتىن باشقىسىغا ئاتاپ قىلىش قەتئىي توغرا ئەمەستۇر. بۇ ئايەتتە ئاللاھنى قويۇپ مەخلۇقاتقا ئېتىقاد قىلىش، رىياكارلىق، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر ئۈچۈن شىپا باردۇر).
2
[1:6]
6 _ (ئى ئاللاھ!) بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، يېتەكلىگىن ۋە مۇۋەپپەق قىلغىن، بىزنى بۇ يولدا سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان كۈنگە قەدەر مۇستەھكەم قىلغىن. توغرا يول — پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلام دىنىدۇر. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغان روشەن يولدۇر. بەندىنىڭ بەخت _ سائادىتى ئىسلامدا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەنلا قولغا كېلىدۇ.
[1:7]
7 _ (ئى ئاللاھ!) بىزنى سەن ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، راستچىللارنىڭ، شېھىتلەرنىڭ ۋە ياخشىلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. چۈنكى ئۇلار ھىدايەت ۋە ئىستىقامەت ئەھلىدۇر. (ئى ئاللاھ!) بىزنى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن غەزەپ قىلىنغانلارنىڭ ۋە ياكى خىرىستىيانلارغا ئوخشاش نادانلىقتىن ھىدايەت تاپالمىغان ۋە توغرا يولدىن ئازغانلارنىڭ يولىدا قىلمىغىن. (بۇ دۇئا مۇئمىن ئادەمنىڭ قەلبىنى نادانلىق، ئازغۇنلۇق ۋە ئىنكارچىلىق ئىللەتلىرىدىن پاكلايدىغان شىپادۇر. بۇ دۇئا يەنە ئەڭ كاتتا نېمەتنىڭ ئىسلام نېمىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەقىقەتنى ئەڭ ئوبدان تونۇغان، ئۇنىڭغا ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئەگەشكەن ئادەم توغرا يولدا ماڭغان ئادەمدۇر. شەكسىزكى، پەيغەمبەرلەردىن قالسا، ساھابىلەر توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرىدۇر. بۇ ئايەت ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە، يۇقىرى مەرتىۋىسىگە دالالەت قىلىدۇ).
نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «ئامىن» دېيىش مۇستەھەپتۇر. ئامىن — ئى ئاللاھ ! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن دېگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭ فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئايەتلىرىدىن ئەمەسلىكىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا، ئۇ قۇرئان كەرىمگە يېزىلمىغان.
[2:1]
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
1 _ ئەلىف، لام، مىم (بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن بۇ ئۈزۈك ھەرپلەر قۇرئاننىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب مۇشرىكلىرى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكىدىن، ئۇلاردىن قۇرئان سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار بىرەر سۈرىنى ئەمەس، ئون ئايەتنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرەلمىگەن، يەنى ئەرەبلەر ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تىلى مۇشۇ ھەرپلەردىن تەركىب تاپقان تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرئان سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىرەر سۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن).
3
[2:2]
2 _ بۇ قۇرئان ئاللاھتىن كەلگەنلىكىدە قىلچە شەك بولمىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. شۇڭا بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ شەك كەلتۈرۈشىگە ئورۇن يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ھەق كىتاب ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر. تەقۋادار كىشىلەر قۇرئاندىن ئىلىم _ ھېكمەت ھاسىل قىلىدۇ ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
[2:3]
3 _ ئۇلار سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن بىلەلمەيدىغان ۋە ئەقلى بىلەنلا ئىدراك قىلالمايدىغان غەيىب مەسىلىلىرىگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى غەيىب ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھيى قىلىشى ئارقىلىقلا بىلىنىدىغان ساھە بولۇپ، ئۇ پەرىشتە، جەننەت ۋە دوزاخ قاتارلىقلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە ئوخشاش، ئاللاھ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى خەۋەر بەرگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ (ئىمان—ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، ياخشىلىق _ يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ، تىل بىلەن ئىقرار قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەمەل ئۇنى نامايان قىلىدۇ). تەقۋادار كىشىلەر غەيىبكە ئىشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامازلىرىنى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە كۆرسەتكەن بويىچە ۋاقتىدا، مۇكەممەل ۋە دۇرۇس ئادا قىلىدىغان، بىز ئاتا قىلغان پۇل _ مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىدىغان، سەدىقە بېرىدىغان كىشىلەردۇر .
[2:4]
4 _ ئى پەيغەمبەر! ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان بىلەن سۈننەتكە(1) ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى كىتابلارغا، ئۆلگەندىن كېيىنكى ھاياتقا، ئاخىرەتتىكى ھېساب، مۇكاپات ۋە جازا قاتارلىقلارغا چىن ئىشىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشەنگەنلىكىنى تىلى ۋە ئەمەللىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. (بۇ ئايەتتە ئاخىرەتكە ئىشىنىش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاخىرەت ئىشەنچىسى كىشىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىپ تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئەڭ كۈچلۈك تۈرتكىدۇر). (1)ئىزاھات: سۈننەت _ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش _ پائالىيەتلىرى، ئەمەل _ ئىبادەتلىرى ۋە باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىشلاردىن دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېگەنلىكتۇر. ھەدىس _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، كۆپ سانلىق ئۆلىمالار سۈننەت بىلەن ھەدىسنى بىر مەنىدە ئىشلىتىدۇ. سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلدىكى تەتبىقاتىدۇر. سۈننەتمۇ ۋەھيى سانىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەنىسى ئاللاھتىن، لەۋزى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن.
4
[2:5]
5 _ يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان تەقۋادار كىشىلەر ئاللاھ ئاتا قىلغان ھىدايەت نۇرى سايىسىدا، ئاللاھنىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشكۈچى ۋە ئۆزلىرى قاچقان نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلغۇچى كىشىلەردۇر.
[2:6]
6 _ ئى پەيغەمبەر! ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىپ، ئۇنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرامسەن ياكى ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر. چۈنكى ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ ۋە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادىغا چىڭ ئېسىلىۋالغانلىقتىن، ھەرگىز ئىمان ئېيتمايدۇ.
[2:7]
7 _ ئۇلار كۇفرىلىقى، تۇزكورلۇقى ۋە ھەقىقەت ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىنمۇ ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، قۇلاقلىرىنى ۋە كۆزلىرىنى پەردىلىۋەتتى. شۇڭا ئۇلار ھىدايەت تاپالمايدۇ، ئۇلارغا دوزاختا قاتتىق ئازاب بار.
[2:8]
8 _ بەزى كىشىلەر مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قايسىسىغا تەۋە بولۇشىنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇناپىقلاردۇر. مۇناپىقلار ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇپ، دىلىدا ئىشەنمەيدىغان ئالدامچىلاردۇر.
[2:9]
9 _ ئۇ مۇناپىقلار نادانلىقىدىن، ئاغزىدا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ، دىلىدا كۇفرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىيالايمىز دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئالدامچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزلىرىگە بولىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن نادانلىقى ۋە ئىچكى دۇنياسىنىڭ بۇزۇقلۇقىدىن ئۆزىنى ئۆزى ئالداۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
[2:10]
10 _ ئۇلارنىڭ قەلبىدە شەك ۋە بۇزۇقلۇق بار. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئازابقا تۇتىدىغان شۇنداق قىلمىشلار بىلەن سىنالغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى شەكنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋەتتى. ئۇلارغا يالغانچىلىقى ۋە مۇناپىقلىقى ئۈچۈن تولىمۇ ئەلەملىك، تولىمۇ قاتتىق ئازاب بار.
[2:11]
11 _ ئۇلارغا كۇفرى ۋە گۇناھ _ مەئسىيەت بىلەن يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن، مۇئمىنلەرنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ۋە كاپىرلارنىڭ تەرەپدارى بولۇشتىن يېنىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىنسا، ئۇلار يالغاندىن: «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دېيىشىدۇ.
[2:12]
12 _ ئۇلارنىڭ يالغاندىن ئىسلاھ دەۋالغان نەرسىسى بۇزغۇنچىلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىدىن ۋە جاھىللىقىدىن بۇنى ھېس قىلمايدۇ.
5
[2:13]
13 _ ئۇ مۇناپىقلارغا: «سىلەرمۇ ساھابىلەردەك دىلىڭلار، تىلىڭلار ۋە ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار تالاش _ تارتىش قىلىشىپ: «بىز ئاشۇ ئەقىلسىز كىشىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ئەقىلسىزلىكتە ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، ئەقىلسىزلەر دەل ئاشۇ مۇناپىقلارنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ئازغۇنلۇق ۋە زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
[2:14]
14 _ ئۇ مۇناپىقلار مۇئمىنلەر بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئەمما ئۇلار مۇئمىنلەردىن ئايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كاپىر كاتتىباشلىرىنىڭ يېنىغا بارغان چاغلىرىدا بولسا، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى ۋە كۇفرىدىن يانمىغانلىقىنى، پەقەتلا مۇئمىنلەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ شۇنداق دەپ قويغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.
[2:15]
15 _ ئاللاھ ئۇلارغا بۇ مەسخىرىنىڭ جازاسىنى چوقۇم تېتىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىشى، تېخىمۇ گاڭگىرىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى تېتىتىدۇ.
[2:16]
16 _ ئەنە ئاشۇ مۇناپىقلار زىيانلىق بىر تىجارەتكە كىرگەن بولۇپ، (ئۇلار تىجارىتىدە) ئىماننى بېرىپ، كۇفرىنى سېتىۋالدى-دە نەتىجىدە ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىدى، بەلكى ھىدايەتتىن مەھرۇم قالدى. مانا بۇ ئوپئوچۇق زىياندۇر.
[2:17]
17 _ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن دىنغا تىلىنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقىنى ئاشكارىلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئازغۇنلۇق پاتقاقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى قاراڭغۇ كېچىدە ئىسسىنىش ۋە ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن مەشئەل ياققان، مەشئەل ئەتراپنى يورۇتقاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىپ قاراڭغۇلۇقتا قالغان ۋە ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، يولىنى تاپالماي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.
[2:18]
18 _ مۇناپىقلار ھەقىقەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشتىن گاس، ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن گاچا، ھىدايەتنىڭ نۇرىنى كۆرۈشتىن كوردۇر. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرى ۋاز كېچىپ كۇفرىغا تېگىشكەن ئىمانغا قايتالمايدۇ.
[2:19]
19 _ ياكى بۇ مۇناپىقلارنىڭ گاھ ھەقىقەتنى كۆرەلىگەن، گاھ ئۇنىڭدىن شەكلىنىپ قالغان ئەھۋالى خۇددى چۆلدە كېتىۋاتقاندا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، ئۈستى _ ئۈستىگە قاراڭغۇلۇق، گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئاستىدا قالغان، چاقماق ئاۋازىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قورقۇپ كېتىپ قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئاللاھقا غالىب كېلەلمەيدۇ.
6
[2:20]
20 _ چاقماق قاتتىقلىقىدىن ئۇلارنىڭ كۆز نۇرىنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ھەر قېتىم چاقماق چاققىنىدا، ئۇلار چاقماقنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ. چاقماق ئۆچۈپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسقاندا بولسا ئۇلار ئۆز جايىدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا مۆھلەت بەرمىسە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوق قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئاللاھ شۇنداق قىلسا قىلالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
[2:21]
21 _ ئاللاھتىن بارلىق ئىنسانىيەتكە شۇنداق نىدا قىلىنىدۇكى، سىلەرنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن پەرۋىش قىلىپ تۇرۇۋاتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت (1) قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭ دىنىدىن چەتنەشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە سىلەرمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدىغان تەقۋادار كىشىلەردىن بولسۇن دەپ، سىلەرنى ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىڭلارنى يوقتىن ياراتتى. (1) ئىزاھات : ئىبادەت _ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىش دېگەنلىكتۇر.
[2:22]
22 _ سىلەرنىڭ رەببىڭلار تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ قولاي بولۇشى ئۈچۈن سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا قىلىپ بەرگەن، ئاسماننى تورۇس قىلىپ ياراتقان، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن سىلەرگە تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى رىزىق قىلىپ چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. شۇڭا، سىلەر ئاللاھنىڭ يېگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ھەممىگە رىزىق بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە يالغۇز ئىبادەت قىلىنىشقا تامامەن ھەقلىق زات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا مەخلۇقاتنى شېرىك قىلىۋالماڭلار.
[2:23]
23 _ ئى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرلار! ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان بۇ قۇرئانغا شەك كەلتۈرسەڭلار ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس دەپ گۇمان قىلساڭلار، قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەر بۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە بۇ ئىشتا ياردەم قىلالايدىغان بارلىق ياردەمچىلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىڭلار.
[2:24]
24 _ ئەگەر سىلەر ھازىر بىرەر سۈرە كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن بولساڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەلۋەتتە ئاجىز كېلىسىلەر، بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئۇنداقتا، سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭلار، دوزاخ ئوتى يېقىلغۇسى ئادەم ۋە تاشلاردىن بولىدىغان دەھشەتلىك ئوت بولۇپ، ئۇ ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلاندى.
7
[2:25]
25 _ ئى پەيغەمبەر! ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرىدىغان بىر ياخشىلىقتىن خەۋەر بەرگىنكى، ئاخىرەتتە ئۇلارغا ئالىي قەسىرلىرى ۋە قويۇق دەل-دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ گۈزەل باغلار بار. بۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرى ئۇلارغا سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ جەننەت ئەھلىنى ھەر قېتىم ئەڭ لەززەتلىك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغاندا، ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مېۋىلەر بىلەن ئىلگىرىمۇ رىزىقلاندۇرغان ئىدى» دەيدۇ. گەرچە بۇ مېۋىلەرنىڭ ئىسمى، رەڭگى ۋە شەكلى بىر _ بىرىگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئۇلار بۇ مېۋىلەرنى ھەر قېتىم تېتىغاندا، باشقىچە لەززەت، باشقىچە تەمدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتە يەنە ھەيز ۋە نىپاسقا ئوخشاش جىسمانىي پاسكىنىچىلىقلاردىن، يالغانچىلىق قاتارلىق مەنىۋى ئىللەتلەردىن تامامەن خالىي بولغان پاك جۈپلەر بار. جەننەتنىڭ نېمەتلىرى مەڭگۈلۈكتۇر، جەننەت ئەھلى جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھېچ ئۆلمەيدۇ، جەننەتتىن چىقىرىلمايدۇ.
[2:26]
26 _ ئاللاھ ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، چوڭ بولسۇن ۋە ياكى كىچىك بولسۇن، مەيلى پاشا ۋە چىۋىنغا ئوخشاش ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ كىچىك نەرسە بولسۇن، ئۇنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ. ئاللاھ بۇ مىساللارنى بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ نەقەدەر ئاجىز مەخلۇقات ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، قانداقلا بىر نەرسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشىدە، ئەلۋەتتە بىر ھېكمەت بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار مەسخىرە قىلىپ: «ئاللاھ بۇنداق ئاددىي ھاشارەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ نېمە قىلماقچىكىنا؟» دېيىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، مۇنداق نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن مەقسەت سىناش، مۇئمىنلەرنى كاپىرلاردىن ئايرىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ بۇ مىسال ئارقىلىق ئۇنى مەسخىرە قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى ۋە ھىدايىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ ھېچكىمگە ئۇۋال قىلمايدۇ. ھەقىقەتتىن پەقەت ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەملەرلا يىراقلىشىدۇ.
[2:27]
27 _ ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىر ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئەھدە ئالغان، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەھدىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، ئەھدىنى بۇزىدىغان، تۇغقانچىلىققا ئوخشاش ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىشلارنى ئۈزۈپ قويۇش ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق تېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئادەملەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
8
[2:28]
28 _ ئى مۇشرىكلار! سىلەر قانداقسىگە ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىغا ئۆزۈڭلاردا كەسكىن دەلىل _ ئىسپاتلار بار تۇرۇقلۇق، سىلەر قانداقمۇ ئىبادەتتە ئاللاھقا مەخلۇقاتنى شېرىك قىلىۋالىسىلەر؟ سىلەر ئەسلىدە يوق ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى يوقتىن يارىتىپ، سىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ئاندىن يەنە ئەجىلىڭلار توشقان چاغدا جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى سىلەرنى يەنە تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن سىلەر ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر.
[2:29]
29 _ ئاللاھ زېمىندا سىلەر پايدىلىنىۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەر ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ياراتقان، ئاندىن ئاسمانلارنى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى نۇقسانسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭ ئىلىمى (بىلىشى) مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
[2:30]
30 _ ئى پەيغەمبەر! كىشىلەرگە رەببىڭنىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ بەرگىن. رەببىڭ: «مەن يەر يۈزىدە بىر _ بىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىدىغان بىر قەۋمنى يارىتىمەن» دېگەندە، پەرىشتىلەر: «ئى رەببىمىز! سېنىڭ يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ناھەق قان تۆكىدىغان ئاشۇ قەۋمنى يارىتىشىڭنىڭ ھېكمىتى ۋە ھاجىتى نېمە؟ بۇنى بىزگە بىلدۈرگەن بولساڭكەن، چۈنكى بىز ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىمىز، سېنى ئۆزۈڭگە لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلاپ، ساڭا تەسبىھ ئېيتىمىز، ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز ۋە سېنى بارلىق ئېسىل سۈپەتلىرىڭ بىلەن مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئۇلارغا: «مەن ئۇلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەتنى ئۆزۈم بىلىمەن، چۈنكى مەن سىلەر بىلمىگەنلەرنى بىلىمەن» دېدى.
[2:31]
31 _ ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرىشتىلەردە بولمىغان ئارتۇقچىلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئىسىملىرى ئاتالغان شەيئىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا: «سىلەر يەر يۈزىدە ئورۇنباسارلىق قىلىشتا بىز ئۇلاردىن ئەۋزەل دېگەن گۇمانىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قېنى بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
[2:32]
32 _ پەرىشتىلەر: «ئى رەببىمىز! سېنى بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، بىز پەقەت سەن بىزگە بىلدۈرگەنلەرنىلا بىلىمىز. ھەقىقەتەن سەن مەخلۇقاتىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن، بارلىق تەدبىرلىرىڭدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى.