1
موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ھەمىدى»
1
موللا مۇسا سايرامى يەنى موللا مۇسابىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى (مىلادى 1836 ـــ 1917 ـ يىللار) يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى ۋە شائىرى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرنەچچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. تۆۋەندە ئالىمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە مەزكۇر «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
مىلادى 19 ـ ئەسىرنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دېھقان، چارۋىچى ۋە قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللى زۇلۇمىغا ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كەينى ـ كەينىدىن مەغلۇپ بولۇشى، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ ئۆزۈن مۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلىرى ۋە بۇنىڭغا ئۇلىنىپلا كەلگەن چەت ئەل تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقى تەخمىنەن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزدى.
19 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىرنەچچە ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ زور ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارنى ئەسـلەپ، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە شائىر ئارزۇ مۇھەممەت تەرىپىدىن يېزىلغان «ئىسلام نامە»، غېرىبى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۆمەر ئالى»، ئۈمىدى تەرىپىدىن يېزىلغان «جەڭ نامە»، مۇھەممەت ئەلەم تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر»، قاسىم بەك تەرىپىدىن يېزىلغان «غۇلجا ۋەقەئاتلىرى بايانى»، مۇھەممەت سالىھ ياركەندى تەرىپىدىن يېزىلغان «غازات ئەل مۇسلىمىن»، موللا بىللال بىننى موللا يۈسۈپ تەرىپىدىن يېزىلغان «غازات دەرمۈلكى چىن»، سىيىت مۇھەممەت تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرھى شىكەستە نامە»، موللاشېكەر تەرىپىدىن يېزىلغان «زەپەر نامە»، ماخمۇت شېيىخ غېرىبى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخنامە يەئقۇبخان»، قۇربان سوپى سەپەر باي تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى بەدۆلەت»، بولۇپمۇ موللا مۇسا سايرامى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى ئەمىنىيە» ۋە ئۇنىڭ تۈزىتىپ تولۇقلانغان نۇسخىسى «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەر بار. بۇلار دەل ئەنە شۇ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان مۇھىم مەدەنىي مىراسلار ھېسابلىنىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرى ۋە بىزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ھىجرى 1252 ـ يىلى ماھى جەمادى ئەۋۋەلنىڭ 10 ـ كۈنى (مىلادى 1836 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھىيە توخسۇن يېزىسى ئاناقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. ①