1
ئابدۇقەييۇم مەمتىمىن موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى 1836 – يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونى ئانىقىز يېزىسى توغايلا مەھەللىسى (ھازىرقى توخسۇن يېزىسىنىڭ 4 – كەنتى) دە دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئېزىزخان خوجا خېلى يۇقۇرى دىنىي مەلۇماتقا ئىگە كىشى بولۇپ، سايرام رايونى بويىچە ئۆز زامانىسىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق، ھۆرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە خەلقپەرۋەر مۆتىۋەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. موللا ئەيسا تۇنجى ئوغلى موللا مۇسانىڭ ئىستىقبالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇنى ياخشى ئەخلاق ۋە خۇلق – مىجەز بىلەن تەربىيىلىگەن. كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ھۇشيار، چېچەن چوڭ بولغان موللا مۇسا ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلغان. شۇڭا، ئاتىسى ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن موللا مۇسانى سايرام مەدرىسىگە ئوقۇشقا بەرگەن، موللا مۇسا ئۇستازلىرى ۋە دادىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرقانچە يىلدىلا چىرايلىق ھۆسنىخەت يازالايدىغان، ھەپتىيەكنى ۋە سوپى ئاللايار، ناۋايى شېئىرلىرىنى يادقا ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، ساۋاقداشلىرى ۋە جامائەتچىلىك ئىچىدە «بالا موللا» نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان . 1847 – يىلى 9 – ئايدا ، موللا مۇسا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئۇنى يەتتە شەھەر بويىچە چوڭ ئوقۇش يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن، موللا مۇسا بۇ مەدرىسىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنىڭ تەربىيىسىدە قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، گرامماتىكا، ماتېماتىكا پەنلىرىنى ئوقۇش بىلەن بىللە، ئەرەب، پارىس، ئوردو تىللىرىنىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، كۇچا بويىچە تېزلا شۆھرەت قازىنىپ، كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ئۇنىڭ جامائەتچىلىككە تونۇلۇشىغا پاراسەتلىك بىلەن قىلغان مۇنداق بىر ئىشى سەۋەب بولغان: موللا مۇسا ساقساق مەدرىسىدە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر باي سودىگەر مەدرىستىكى تالىپلارغا ئاز – تولا بىر نەرسە «سەدىقە» قىلىدۇ. ئۇ چاغدا موللا مۇسا مەدرىسىدە بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا بېرىلمەيدۇ. بۇ ئىش ئۆتۈپ ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن، موللا مۇسا مەدرىسىگە كېلىدۇ. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، سودىگەرنىڭ يېنىغا بېرىپ بېقىشنى، بىر نەرسە بەرسە ئاز بولسىمۇ ئېلىپ تۇرمۇشىغا سەرپ ئېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. موللا مۇسا خەلپەتلىك مەزگىلىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، بىر ساۋاقدىشىنى ھەمرا قىلىپ ھېلىقى باينىڭ ئالدىغا بارىدۇ. سالام – سائەتتىن كېيىن، باي :- ھە ، كېلىڭ خەلپەت، بۇ ياققا كەپسىز، بىرەر ئىشقا كەلگەنمىدىڭىز؟ – دەپ سورايدۇ. موللا مۇسا كېلىش مەقسىتىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، باي ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا كۆرەڭلىك بىلەن: بېرىدىغان سەدىقىمىز تۈگەپ قالدى، سىز كېچىكىپ قاپسىز، كېلەر يىلى قايتا كېلىڭ، – دەيدۇ . باينىڭ بۇ گېپىدىن دىلى ئازار يىگەن موللا مۇسا گەپ – سۆز قىلماي چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇدۇل بىر دۇكانغا كىرىپ، ئىككى تاختا سامان قەغىزى سېتىۋېلىپ، باينىڭ بۇ رەزىللىكىنى سۆكىدىغان بىر شېئىر يېزىپ رەستىگە چاپلاپ قويىدۇ. بۇ ئىش شۇ ھامان كۇچا شەھىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋېتىدۇ. باي بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلغان قىلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا – سالام بىلەن موللا مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ، موللا مۇسانىڭ داڭقى يىراق – يېقىنغا تارىلىپ كېتىدۇ.