1
مەھمۇت شاكىر
ئىزباسار تۆت خەلىپە
(خۇلەپائىر راشىدىن)
ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
خلفاء الراشدين
محمود شاكر
تەرجىمە قىلغۇچى:
سابىرجان
بەتچىك:
ئا.روزى توختى
ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
مۇندەرىجە
تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرىگە ئومۇمىي نەزەر 14
خەلىپىلىك ۋە بەيئەت ئۇقۇملىرى 24
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) 32
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئىسلام دەۋرىدىكى ھاياتى 36
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىكى 58
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى 58
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك خىزمەتلىرى ۋە فەتىھلىرى 72
زەيد ئىبنى ئۇسامە قوشۇنى 75
مۇرتەدلەر (ئىسلامدىن يېنىۋالغانلار) گە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەر 79
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن فەتىھلەر 93
ئىران سېپى 94
شام (سۈرىيە) نىڭ فەتىھ قىلىنىشى 100
پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدىكى جەمئىيەتكە بىر نەزەر 118
ھەزرىتى ئۆمەر (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) 124
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھاياتى 124
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەر 161
يەرمۇك جېڭى 163
فىھل ئۇرۇشى 177
دەمەشق (شام) نىڭ فەتھى 177
بەقەئە ۋەقەسى 182
مارجۇررۇم ئۇرۇشى ۋە ھىمسنىڭ فەتھى 183
قىننەسرىنىڭ فەتھى 184
ئەجنادەيننىڭ فەتھى 185
قۇددۇسنىڭ فەتھى 187
ھىمس شەھىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق فەتھى 188
جەزىرە (جىزرە) نىڭ فەتھى 189
سۈرىيە ساھىللىرىنىڭ فەتھى 189
مىسىرنىڭ فەتھى 192
شەرقىي سەپلەرنىڭ ئەھۋالى 194
نەمارىق ئۇرۇشى 196
ئەل جىسر ئۇرۇشى 196
ئەل بۇۋەيب ئۇرۇشى 197
قادىسىيە ئۇرۇشى 199
مەدائىننىڭ فەتھى 208
جەلۇلەنىڭ فەتھى 209
ھەلۋاننىڭ فەتھى 210
تىكرىت ۋە مۇسۇلنىڭ فەتھى 210
مەسەبزاننىڭ فەتھى 211
ئەھۋازنىڭ فەتھى 211
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ۋاپاتى 221
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى 221
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى 235
اﷲ نىڭ بەندىسى ئۆمەردىن ئىسيانكارنىڭ بالىسى ئىسيانكارغا: 243
ھەزرىتى ئوسمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) 257
ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاياتى 257
ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكى 266
ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى فەتىھلەر 272
غەربىي سەپ 273
شەرقىي سەپتە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەر 276
ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى 279
ھەزرىتى ئەلى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) 297
ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھاياتى 297
ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى 303
ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى 303
ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى 310
ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنىشى 338
2
كىرىش سۆز
ئالەملەرنىڭ رەببى اللە تائالاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ھەزرىتى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 30 يىلغا يېقىن بىر مەزگىل ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مەزگىل ئىسلام تارىخىدا «تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە تۆت خەلىپە ئارقىمۇئارقىدىن خەلىپىلىك تەختىگە چىققان، اﷲ تائالا نىڭ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن تاللىغان، مەمنۇن ۋە رازى بولغان بۇ مەزگىل خىلافەتىرراشىدە (ئەڭ ئەۋزەل ۋە توغرا خەلىپىلىك) دەۋرى دەپ ئاتالغان.
بۇ دەۋر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشلاتقان دەۋرنىڭ ۋە ئىدارە شەكلىنىڭ داۋامى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىدىن باشلاپ، تاكى ھەزرىتى ئەلى شېھىت بولغانغا قەدەر ئارىلىقتىكى 40 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇددەت ئىزچىل تۈردە داۋام قىلغان ئەڭ توغرا ئىسلامىي رەھبەرلىك شەكلىنىڭ يېگانە ئۆرنىكىدۇر، دۇنيادا بارلىق ئالاھىدىلىك ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇنداق بىر رەھبەرلىك شەكلى قايتا مەيدانغا كېلىپ باقمىدى. پەقەت بەزى ۋاقىتلاردا ئۈمەۋىيلەر خەلىپىلىكىدىكى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ قىسقا سۈرگەن دەۋرىدىكىگە ئوخشاش بەزى جەھەتلەردىن ئۆزىدە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرسەتكەن ئىسلامىي ئىدارە شەكىللىرى بولۇپ ئۆتكەنىدى. بۇ ئىدارە شەكلى، ئۆزى ۋە مىللىتى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەيدىغان ھەرقانداق رەھبەر ۋە سىياسەتچى تاللىيالايدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆز رەھبەرلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە اﷲ تەرىپىدىن دەۋەت قىلىنىدىغان ئىلاھىي نىزامدۇر.
مۇسۇلمانلارنى تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى ئۆرنەك قىلغان ھالدا باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ دۆلەت ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانىدى. ئەلۋەتتە! بىز ئېيتقان مەدەنىيەت بۇ يەردە بىز چۈشەندۇرمەكچى بولغان مەدەنىيەت بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت ئىنساننى ئۆزىگە قۇل قىلىدىغان، ئۇنى ئېزىدىغان، شەھۋەت ۋە ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە، پۈتمەس ـ تۈگىمەس مەنپەئەت ـ توقۇنۇشلىرىغا شەرت ـ شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان، پىتنە ـ پاسات تېرىپ، باشباشتاقلىقنى ھەر يەرگە يايىدىغان، قانۇنسىزلىق ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىغا سەۋەبچى بولۇش ئۈچۈن ئۇنى ھايۋانىي ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىنىڭ قۇلى قىلىۋالىدىغان، كۈچ ـ قۇۋۋەتنى زورلۇق ـ زۇمبۇلۇق قىلىش، بايلىق ۋە قولىدىكى ئەۋزەل شارائىتنى يولدىن ئېزىش ۋە يوغانچىلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدىغان، جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئىنسانلار جەمئىيتىنى بىزار قىلىپ، ھەر تۈرلۈك شۇملۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان مەدەنىيەت ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىدىن ئۇرغۇپ چىققان ۋە ئۇنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان مەدەنىيەت بولۇپ، ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي بەخت ـ سائادەت ئاتا قىلىدىغان مەدەنىيەت مانا بۇ مەدەنىيەتتۇر.
ئەنە شۇ مەنىدىكى (ۋەھشىي سۈرەتلىك) مەدەنىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى سەۋەبى بىلەن ئاۋام خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ قان ـ تەر بەدىلىگە كەلگەن ئەجىر ـ مېھنىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئاز ساندىكى كىشلەر بىر ـ بىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر ـ بىرىنى يۆلەش ئارقىلىق بۇ مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەدەنىيەت پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا ئەمەس، بەلكى بەلگىلىك دائىرىدىكى مەلۇم كىشىلەرگىلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى.
3
ھەقىقەت شۇدۇركى، ئىسلام دىنى ئىنسانغا ھاياتنى ئەڭ توغرا شەكىلدە شەرھىيلەپ، اﷲ بېغىشلىغان ھەرتۈرلۈك ئارتۇقچىلىق ۋە ئۈستۈنلۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارنى ئۆز ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ئاستىغا ئېلىشى ۋە قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىشىنى ھەقلىق دەپ قارىغۇدەك دەرىجىدە ئۇلۇغ ۋە ئالاھىدە بىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغانىدى. چۈنكى ھېچبىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشىغا ھېچقانداق ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىنسان باشقا جانلىقلارغا ئوخشاش قەدىر ـ قىممەتسىز ۋە ئېتىبارسىز مەخلۇق ئەمەس. شۇنداقلا، ئىنسان مەيلى قەدىمكى ياكى زامانىمىزدىكى كۈنگە، ئايغا، يۇلتۇزلارغا، دەل ـ دەرەخلەرگە چوقۇنىدىغان بۇتپەرەسلەرنىڭ مەبۇدلىرىمۇ ئەمەس. ئەكسىچە ئىنسان قىممەت ـ ئېتىبارلىق، شۇنداقلا دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغان مەخلۇق. ئەمما ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندا، بۇ ھوقۇقىدىن چەكسىز دەرىجىدە پايدىلىنىش ھەققى بېرىلمىگەن. ئەكسىچە ئۇ ئۆزىنى ياراتقان، يەر يۈزىنىڭ ۋارىسى قىلغان، ھاياتىنى رېتىمغا سالىدىغان پرىنسىپ ۋە يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن اﷲ تائالا ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ۋە قىلغان ھەر بىر ئىش ـ پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىگە جاۋابكار بولۇپ، ياخشىلىق قىلسا، ئەلۋەتتە مۇكاپاتىنى ئالىدۇ؛ يامانلىق قىلسا، ئەلۋەتتە تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ.
مۇسۇلمان ـــ رەببىنىڭ ئۆزى ۋە ئۆز ئىلكىدىكى ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە رەببى ئالدىدا ھەر بىر ئىش ـ ھەرىكىتىدىن جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكى ۋە يەر يۈزىنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا بارلىق مەۋجۇدىيەتلەردىن تېخىمۇ ئۈستۈندۇر.
مانا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇنجى ئۆرنەك ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر شەخس ئىسلامنى ئەڭ توغرا شەكىلدە چۈشىنىپ يېتىشى ۋە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي ئورنىنى بىلىشى نەتىجىسىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانىدى. شۇنداقلا ھەر بىر شەخس جەمئىيەتتە ياراملىق كىشى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ بىردىن ئۇل تېشىنى ھاسىل قىلغانىدى. مانا بۇ سەۋەبتن، ئۈستۈن ۋە ئۈلگىلىك جەمئىيەت مەيدانغا كەلگەن بولدى. ۋە يەنە شۇ سەۋەب بىلەن ۋە ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە سىڭگەن ئۇ ئىسلامىي ئاڭ تۈرتكىسىدە ھەر كىشى ئۆزلىكىدىن جىھادقا ئاتلىناتتى، شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. مانا بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ناھايىتى چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن، كۆپلىگەن يەرلەر فەتىھ قىلىنغانىدى. ئۇ دەۋرنىڭ مەسئۇللىرى (ئۇلارمۇ خەلىپىلەر ئىدى) بولسا، خەلق ئىچىدە بۇ ئورۇنغا ئەڭ مۇناسىپ ۋە بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى ئىجرا قىلالايدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇ دەۋردە ئىنسانىي بىر مەدەنىيەت دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. جەمئىيەت ئەزالىرى ئاجايىپ زور بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشىپ، تەڭ ـ باراۋەر، تىنچ ـ ئىتتىپاق، ھۇزۇر ـ ھالاۋەت ۋە ئادالەت ئىچىدە ھايات كەچۈرگەنىدى، ئارزۇ ـ ئستەكلىرى ئورۇنلىنىپ، مولچىلىق ۋە باياشاتچىلىققا چۆمگەنىدى.
بۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلىپىلەرنى زامانىمىز دېكتاتورلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا بىر قانچە مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلامنىڭ ئەسلى تۈسىنى ئالغان بۇ نادىر كىشىلەر بىلەن كۆزلىرى ماددىي ۋە دۇنياۋىي مەنپەئەتكە لىق تولغان بۇ دېكتاتورلار ئارىسىدىكى پەرقنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز.
4
تۆت خەلىپىنىڭ ھاياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، خەلق ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەردىن بىر قانچە مىسال كەلتۈرسەكلا، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
بارلىق مۇسۇلمان خەلق ئۆزلىرىنىڭ "ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى" دەپ بىلگەن خەلىپىلەرنىڭ ھاياتىي كەچۈرمىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ھازىر ئۆز بېشىدىكى دېكتاتورلارنىڭ شۇلاردەك ھايات كەچۈرۈشىنى ھەرگىز تەلەپ قىلالمايۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئېغىر بېسىم ۋە شىددەتلىك زۇلۇم ھۆكۈم سۈرگەچكە خەلق ئاۋازىنى چىقىرىشقا پېتىنالمايۋاتىدۇ. ئەمما مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىسلامنىڭ بىر ھايات نىزامى شەكلىدە يولغا قويۇلۇشىنى قاتتىق تەلەپ قىلماقتا ۋە ئالدىغا كەلگەن ھەربىر پۇرسەتتە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سەمىمىيلىك ۋە پىداكارلىق بىلەن مۇجادىلە ئېلىپ بارماقتا. ئىران بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. ئىران پادىشاھلىق دەۋرىدە پىتنە ـ پاسات، زۇلۇم ۋە بېسىم قاتتىق ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە، زۇلۇم، دېكتاتورا ۋە ئىدارىي جەھەتتە باشقا ھەرقانداق مۇسۇلمان دۆلەتتىن ئېشىپ چۈشكەن، شۇنداقلا شاھنىڭ زۇلۇمى ھەممىدىن بەك ئاۋام خەلقنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئىراننىڭ مەخپىي ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەرقانداق تەشكىلاتتىن ئېشىپ چۈشەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۇففار دۆلەتلەر نېفىت ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلار يۈزىسىدىن ئۆزلىرىنى ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق ئىسلامىي ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇشقا ئاتىۋەتكەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، خەلق بىر يەردە ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلگەن ھامان، دەرھال ئۇلارنى قوللاپ، شاھنىڭ دېكتاتورىسىغا قارشى چىقتى. كۇففار دۆلەتلەر بۇ ئىسلامىي ھەرىكەتنى كۆرۈپ ھاڭ ـ تاڭ قېلىشتى، چۈنكى ئۇلار مۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى كۈتمىگەن ۋە ئويلاپمۇ قويۇشمىغانىدى. شۇڭا بۇ ئىسلامىي ھەرىكەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز بېرىلگەن زەربە بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرىدى ۋە ئۇلارغا (يەنى مۇسۇلمانلارغا) ئىسلام ھاكىم بولدى. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەت ئىسلام دۈشمەنلىرى (غەربلىكلەر، ئامېرىكا ۋە دۇنيا سىئونىست ـ خرىستىئان ئىتتىپاقچىلىرى) دۇچ كەلگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە ئەڭ زور ۋەقە بولدى.
تۆۋەندىكىلەر ئومۇمىي خەلق ھاياتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولۇشى ئېتىبارى بىلەن تۆت خەلىپىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات كۆرۈنۈشىدىن بېرىلگەن بىر قانچە مىساللاردۇر.
تۆت خەلىپە (ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلى) كەمتەرلىك ۋە ئاددىي ـ ساددىلىقتا ئەڭ نادىر كىشىلەر ئىدى. مەسىلەن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە سايلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئولتۇرغان سۇنھى مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ قويلىرىنى سېغىپ، باشقا ئىشلىرىغا ياردەم قىلاتتى. ئۇ خەلىپىلىككە سايلانغاندىن كېيىن، قوشنا ئائىلىلەردىن بىرى: "ئەبۇبەكرى بۇندىن كېيىن مەھەللىمىزنىڭ قويلىرىنى ساغمايدۇ" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەبۇبەكرى: "ئۇنداق ئەمەس، ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، قويلارنى داۋاملىق ساغىمەن. مەن تاپشۇرۇۋالغان بۇ ۋەزىپىنىڭ مېنىڭ ئەخلاق ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى خالىمايمەن" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دەرۋەقە، ئۇ بۇ ئىشنى ئۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كەتكىچە بولغان ئالتە ئاي ئارىلىقتا توختىماي داۋاملاشتۇرغانىدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تۆگىسىنىڭ چۇلۋۇرى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئۆزى تۆگىدىن چۈشۈپ ئالاتتى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا: "بىزگە بۇيرىساڭ، بىز ئېلىپ بېرەتتۇق ئەمەسمۇ؟
5
" دېسە، ئۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: باشقىلاردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلماڭلار! ـ دېگەنىدى" دەپ جاۋاب بېرەتتى.
بىر خەلىپە ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن بۇ كەمتەرلىكنى ئىنسانلار (اﷲ ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەن كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتى ھەم يۈتتۈرۈپ قويدى. زامانىمىز كىشىلىرى كىچىككىنە مەنسەپكە ئېرىشكەن كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلاپ، كىشىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىشقا ۋە كۆرەڭلەشكە باشلايدۇ. كىشىلەر بىر مۇنچىلىغان توساق، نۆۋەتچى، قاراۋۇل، مەخپىي جاسۇسلارنىڭ توسالغۇلىرىدىن ئۆتەلىگەندىلا ئاندىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئەمدى جەمئىيەتنىڭ دەرت ـ شىكايەتلىرى، مەسىلىلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى ھەققىدىكى تېمىلارغا قاراپ باقايلى! بۇ، بىزگە دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەسئۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدۇ.
خەلىپىلەر كۈندۈزلىرى خەلق ئارىسىغا كىرىپ، بازارلارنى كۆزدىن كەچۈرەتتى، خەلقنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى سوراپ كۆزىتەتتى. شۇنداقلا، كېچىلىرى شەھەرنى ئايلىنىپ، ئاجىز ـ موھتاجلارنى يوقلايتتى، شەھەر ئەتراپىغا چۈشكەن تىجارەت كارۋانلىرىنى، مۇساپىرلارنى، بەدەۋىيلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا تىرىشاتتى.
بىر كېچە، ھەزرىتى ئۆمەر مەدىنە كوچىلىرىدا ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ، ئەنسارىلىق بىر ئايالنىڭ تۇلۇمدا سۇ توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. ئايال بالىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى، لېكىن خىزمەتچىسى يوقلۇقىنى، كۈندۈزلىرى سىرتقا چىقىشنى بىئەپ كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كېچىلىرى مۇشۇنداق تۇلۇمدا سۇ توشۇيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەر تۇلۇمنى قولىغا ئېلىپ ئايالنىڭ ئۆيىگىچە ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئاندىن: "ئەتە ئۆمەرنىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ساڭا بىر خىزمەتچى تەيىنلەپ بەرسۇن!" دەيدۇ. ئايال: "مەن ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن قانداق كۆرۈشەلەيمەن؟" دېگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر: "سەن بارغىن! ئۇنى اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن كۆرەلەيسەن" دەيدۇ. ئەتىسى، ئايال ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئاخشام ئۆزىگە ياردەم قىلغۇچىنىڭ دەل ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكمۇ خىجىل بولىدۇ ۋە دەرھال ئارقىغا بۇرۇلۇپ قايتماقچى بولىدۇ. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئايالنىڭ كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا بىر خىزمەتچى تەيىنلەپ بېرىش بىلەن بىرگە خەزىنىدىن ئايلىق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
تۆت چوڭ خەلىپىدىن كېيىن دۆلەت بېشىغا چىققان ھەرقانداق ئادەم ئاسانلىقچە تەختىدىن چۈشۈپ خەلق ئارىسىغا كىرەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆز ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىمۇ يوقلىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. زامانىمىزدا بولسا، باشلىقلار سىرتقا چىقماقچى بولغاندا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرى گۇرۇھ ـ گۇرۇھ بولۇپ ئۇنى ئالدى ـ ئارقىدىن قوغدايدىغان، ساقچىلار سەپ ـ سەپ تىزىلىپ، باشلىق ئۆتمەكچى بولغان بارلىق يول ـ ئۆتكەللەرنى قامال قىلىدىغان، ئۇ يەر ـ بۇ يەرگە توساقلار سېلىنىدىغان، دۆلەت رەھبىرىنىڭ قايسى ماشىنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرمەسلىك ئۈچۈن، بىر ـ بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مۇنچىلىغان ماشىنا بىر ـ بىرىنىڭ كەينىدىن غۇيۇلدىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئەمدى ھەر جەھەتتىن ھاياتقا بەكمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىسادىي نۇقتىدا تۇرۇپ بۇ پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى!
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تىجارەتچى بولۇپ، ھەر كۈنى بازارغا چىقىپ سودا ـ سېتىق قىلاتتى.
6
خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كىيىملىك ماللىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ بازارغا كېتىۋاتقىنىدا ئالدىغا ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇچراپ: "ئى رەسۇللاھنىڭ خەلىپىسى! نەگە ماڭدىڭ؟" دەپ سورايدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: "بازارغا ماڭدىم" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئۇلار: "بازاردا نېمە ئىش قىلىسەن؟ سەن مۇسۇلمانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن تاللانغان خەلىپىسەن" دەپ ئاگاھلاندۇرۇشىرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇبەكرى: "ئۇنداقتا بالا ـ چاقامغا كىم قارايدۇ؟" دەپ سورايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە: "بىز بىلەن كەلگىن! بېرىپ ساڭا مائاش تەيىنلەيلى" دېيىشىدۇ.
ئۈچەيلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ھەركۈنى بىر قوينىڭ يېرىمى كەلگۈدەك مىقداردا مائاش بېرىلىدىغان بولۇپ كېلىشىدۇ.
«ئەررىيادۇن نادىرە» دە مۇنداق قەيت قىلىنغان:
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە 250 دىنار ۋە (بېشى، ئۈچەي - باغرى ۋە پاچاقلىرى ئېلىۋېتىلگەن) بىر قوي يىللىق مائاش قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما بۇ مائاش ئۇنىڭغا يەتمەيتتى، چۈنكى خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا بارلىق مال - مۈلكىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇۋەتكەنىدى. شۇڭا بەزى كۈنلىرى بازارغا چىقىپ سودا ـ سېتىق بىلەن شۇغۇللىناتتى.
بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئايال ئۇچرايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلاردىن: "كىمنى ساقلاپ تۇردۇڭلار؟ نېمە ئەرزىڭلار بار؟" دەپ سورايدۇ. ئۇلار: "رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى بىلەن كۆرۇشمەكچى ئىدۇق" دەيدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى ئىزدەپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى بازاردىن تېپىپ، قولىدىن تۇتقان ھالدا: "ماڭ!" دەپ تارتىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: "مېنىڭ سىلەرگە خەلىپە بولۇپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ئورنى يوق، سىلەر ماڭا بەلگىلەپ بەرگەن مائاش ھېچنېمىگە يەتمىدى" دەپ ئاغرىنىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر: "ماقۇل، مائاشىڭنى ئۆستۈرۈپ بېرەيلى" دەيدۇ. ئەبۇبەكرى: "300 دىنار پۇل بىلەن پۈتۈن بىر قوي بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن" دەيدۇ. ئۆمەر: "بۇ ئىشىڭ بولمىدى" دەيدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ تەرىقىدە تالاش ـ تارتىش قىلىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەلى چىقىپ كېلىپ، ئۆمەرگە: "ئۇنىڭ دېگىنىنى بېرەيلى!" دەيدۇ. ئۆمەر "سەنچە شۇنداق قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارامسەن؟" دەپ سورايدۇ. ئەلى: "ھەئە، مۇۋاپىق" دەيدۇ. ئۆمەر: "ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق" دەيدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: "سىلەر مۇھاجىرلاردىن پەقەت ئىككىلا كىشى سىلەر. باشقىلار بۇ ئىشقا قوشۇلارمۇ؟" دەپ ئۆز ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، كۇرسىسىغا چىقىپ خەلققە خىتاب قىلماقچى بولىدۇ ۋە: "ئى خالايىق، ماڭا قاراڭلار! مېنىڭ يىللىق مائاشىم 250 دىنار ۋە كاللا ـ پاچىقى ئېلىۋېلىنغان بىر قوي (نىڭ گۆشى) ئىدى. ئۆمەر بىلەن ئەلى بۇنى 300 دىنار ۋە پۈتۈن بىر قويغا ئۆزگەرتمەكچى بولدى. سىلەرمۇ بۇنىڭغا رازى بولامسىلەر؟" دەپ سورايدۇ. خالايىق بىردەك: "بىز رازى!" دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ، ئەمما بىر چەتتە تۇرغان بىر بەدەۋىي: "ياق! بىز ھەرگىز رازى ئەمەس. چۆلدىكى خەلقنىڭ ھەققى نەدە قالدى؟" دەپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. ئەمما ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: "مۇھاجىرلار قوشۇلۇپ بولدى. سىلەر قوشۇلمىساڭلارمۇ بولىۋېرىدۇ" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ھەزرىتى ئۆمەرمۇ تىجارەتچى بولۇپ، خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا كېيىن، ئۇنىڭ تاپاۋىتىمۇ ئۆزىگە يەتمەيتتى. چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ كېتىپ، خۇسۇسىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن: "مەن بىر تىجارەتچى ئىدىم. سىلەر مېنى ئۆزەڭلارغا خەلىپە قىلىپ قويدۇڭلار.
7
شۇڭا دۆلەت خەزىنىسىدىن مېنىڭ خىراجىتىمگە يەتكۈدەك دەرىجىدە مائاش ئالسام، سىلەر قانداق قارايسىلەر؟" ھەزرىتى ئوسمان: "بۇ سېنىڭ ھەققىڭ، خەزىنىدىن مائاش ئېلىپ، بالا ـ چاقاڭغا خىراجەت قىلغىن!" دېگەن مەنىدە جاۋاب بەردى. سەئىد ئىبنى زەييىدمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدى. ئەمما ئەلى قاتارلىق بىر نەچچەيلەن بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىدى. ئۆمەر ئەلىگە خىتابەن: "سەن قانداق قارايسەن؟" دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەلى: "پەقەت ساڭا ۋە ئائىلەڭگە يەتكۈدەك دەرىجىدە ئالساڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئېلىش ھەققىڭ يوق!" دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئېغىر جاۋابنى ئاڭلاپ، خۇددى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندەك: "ھەقىقىي جاۋاب ئەلىنىڭ سۆزىدۇر" دەپ، ئۇنىڭغا بولغان مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈردى.
ھەزرىتى ئوسمان دۆلەت خادىملىرىغا مائاش تارقاتقان ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغانلارغا ئۆز مېلىدىن مەلۇم مىقداردا ئايرىپ بېرەتتى. ئۇنىڭسىزمۇ ھەزرىتى ئوسمان ئۆزىنىڭ مەردلىكى، قولىنىڭ ئوچۇقلىقى ۋە اﷲ يولىدا جىھاد ئۈچۈن ئاتىغان ماللىرى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ئىدى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەھۋالىمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭكىگە ئوخشايتتى. مانا ھازىر بىز نەدە، ئۇ ئۇلۇغ ساھابىلار نەدە؟.. زامانىمىزدا دۆلەت خەزىنىلىرى پۈتۈنلەي دېكتاتورلارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، خالىغىنىچە ئىشلىتىپ، بۇزۇپ ـ چاچماقتا. ئۇندىن باشقا ئۇلارغا يەڭ ئىچىدىن سۇنۇلۇپ تۇرىدىغان مال ـ دۇنيانىڭ ھەددى ـ ھېسابى يوق. ئۇمۇ يەتمىگەندەك چەتئەل بانكىلىرىدىكى پۇل، دۆلەت سىرتىغا قاچۇرغان دۆۋە ـ دۆۋە بايلىق... خەلقنىڭ مال ـ مۈلكىدىن ئوغرىلىنىپ سىرتقا قاچۇرۇلغان بۇ بايلىقلار شۇ قەدەر جىقكى، چەت دۆلەتلەر قاچۇرۇلغان بۇ بايلىقلارغا تايىنىپ، ئۆز ئىقتىسادىنى كونترول قىلىشماقتا. بۇ مال ـ بايلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىكى بەزى شەخسلەرگە تەۋە بولۇپ، بۇ بايلىق ھەر قانچە كۆپ بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇلارغا يەتمەيدۇ، سان ـ مىقدارى ئۇلارنى رازى قىلالمايدۇ.
مەسىلەن، شاھ ئۆز دۆلىتىدىن سىرتقا شۇ قەدەر كۆپ بايلىق قاچۇرغان بولسىمۇ، ئۆزى ئىراندىن قاچقان ۋاقىتتا ئۆزىگە پاناھلىق بەرگۈدەك بىرەر دۆلەت تاپالمىدى. بۇ ئۇنىڭ پەقەت بۇ دۇنيادا ئالغان جازاسى ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرەتتە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر جازاسى بار. زالىملار جازاسىنى مانا مۇشۇنداق تارتىدۇ.
بەلكىم چوڭ ساھابە ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ مىسىر فەتھىدىن بۇرۇن دېكتاتور "مۇقەۋقىس" كە قىلغان مۇنۇ سۆزلىرى بايلىق ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ھېكمەتلىكى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: "پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ بولسىمۇ، بىز قولىمىزدىكى نەرسىلەردىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلمايمىز."
ئۇنداقتا بىز ھەق ـ ھوقۇقتا تەڭ ــ باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۆت خەلىپە دەۋرىگە بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى!
بىر كۈنى، ئىككى ئايال (بىرى ئەرەب، يەنە بىرى ئەجەم بولۇپ، ئەجەم ئايال ئەرەب ئايالنىڭ خىزمەتكارى ئىدى) يېمەك ـ ئىچمەك تەلەپ قىلىپ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇ ئىككىسىگە ئايرىم ـ ئايرىم قىلىپ بىر ئۆلچەمدىن بۇغداي ۋە قىرىقتىن دىنار بەردى. خىزمەتكار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەرەب ئايال ھەزرىتى ئەلىگە: "ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ماڭا ئۇ ئايالغا بەرگەنچىلىك نەرسە بەردىڭ، ھالبۇكى، مەن بىر ئەرەب، ئۇ دېگەن ئەجەم تۇرسا؟" دېدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇ ئايالغا: "مەن اﷲ نىڭ كىتابىغا قارىدىم، ئەمما كىتابتىن "ھەزرىتى ئىسمائىل نەسەبىدىن بولغانلار ھەزرىتى ئىسھاق نەسەبىدىن بولغانلاردىن ئۈستۈندۇر" دەيدىغان بىر نەرسە تاپالمىدىم" دەپ جاۋاب بەردى.
8
يەنە بىر قېتىم جۇدا ئىبنى ھۇبەيرە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: "ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بەزىدە سېنىڭ ئالدىڭغا ئىككى كىشى دەۋالىشىپ كەلسە (ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى سېنى ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان، يەنە بىرى ساڭا چىش ـ تىرنىقى بىلەن ئۆچ بولسىمۇ)، سەن باشتىكىسنى جازالاپ، كېيىنكىسىنى ھەقلىق قىلىپ چىقىرىدىكەنسەن. بۇ قانداق ئىش؟" دەپ سورايدۇ. ھەزرىتى ئەلى ئېڭىكىنى قاشلاپ ئولتۇرۇپ: "ئۇ شۇنداق مەسىلىكى، ئەگەر ئۇ ئىش مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۆزەم خالىغانچە ھۆكۈم چىقارغان بولاتتىم. ئەمما بۇ ئىش اﷲ ئورناتقان ئادالەت قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش. بۇ قانۇن ئۆز پېتى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۈبھىسىزكى، ھەرئىشقا مانا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇ مۇئامىلىنى ئۆزىگە مىزان قىلىۋالغان باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەر ئىشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، خەلقى ئۆزلىرىنى ئۇلارغا ئاتايدۇ ۋە ئۇ قىلغان ھەر بىر ئىشىغا رازىمەنلىك بىلدۈرىدۇ.
شۇڭا ئۇلار ھەر زامان كۆڭلىنى توق تۇتىدۇ، خاتىرجەم ۋە خۇشھال ھايات كەچۈرىدۇ. شۇنداقلا، ھەر بىر پۇقرا ئۆز جېنى، مېلى ۋە شان ـ شەرىپىنىڭ بىخەتەرلىك ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. مانا مۇشۇ ئارقىلىق ھەقىقىي بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشىپ، شاد ـ خۇرام ياشايدۇ.
يەنە شۈبھىسىزكى، ھەر قانداق جەمئىيەتتە باشقىلارغا يامانلىق قىلىدىغان، ھەر يەردە ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان كىشىلەر بار. ئەمما ئۇ دەۋرلەردە بۇنداق كىشىلەرگە بىپەرۋالىق قىلىنمىغان، ھەم ئۇنداق قىلىشقا ھېچقانداق پۇرسەت بېرىلمىگەن، ئەكسىچە، ئۇنداق كىشىلەر ھەر دائىم كۆزىتىلىپ، پەند ـ نەسىھەت ئاڭلىمىغانلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، يولى تۈزىتىلىپ تۇرۇلغانىدى. چۈنكى خەلىپىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئېلىم ـ بېرىم ۋە مۇئامىلىلىرىدە دىنىي قائىدىلەرنى ئۆزلىرىگە مىزان قىلىشى، قانداقتۇر سىرتقى بېسىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئىسلامىي تەربىيەنىڭ، اﷲ سۆيگۈسى ۋە اﷲ قورقۇنچىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت ئىدى. شۈبھىسىزكى، خەلىپىلەر ئەخلاق ۋە دۇنيا كۆز قاراشلىرىنى ئىسلامدىن ئالغاچقا، ھەر بىرى دۇنيادا تەڭدىشى يوق رەھبەرگە ئايلانغانىدى.
شۇنداقلا، ئۆزلىرى خەلىپىلىك قىلغان ئۇ جەمئىيەتمۇ ئۆز ئەخلاق ۋە تەربىيەلىرىنى ئىسلامدىن ئالغاچقا، اﷲ يولغا قويغان چەكلىمىلەرگە ھەردائىم ھۆرمەت بىلدۈردى، بۇ ئۆلچەملەر ئىچىدە ئۆز رەھبەرلىرىگە شەرتسىز بويسۇندى، بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلىدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىدىن باشقىلارغا ئۆز قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئەڭ پەزىلەتلىك ئۈممەتلەر دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولىدىغان، ئېسىل خىسلەتلىك، شەرمى ـ ھايالىق ئۈممەتلەر ئىدى.
ھەممە ئادەم توغرۇلۇق، ياخشىلىق، ئېسىللىقنى تەۋسىيە قىلىپ، يامانلىقتن توسسا، ئاگاھلاندۇرسا، نەتىجە يۇقىرىقىدەك بولىدۇ ـ ئەلۋەتتە!
ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى، ئۇلارنى توغرا مۇئامىلە قىلىشقا، ھەقنىڭ ۋە ھەقلىق كىشىلەر تەرىپىدە تۇرۇشقا دەۋەت قىلاتتى. خەلىپىلەرمۇ ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىگە تېخىمۇ دىققەت قىلاتتى.
بىر قېتىم ھەزرىتى ئۆمەر مۇنبەردە تۇرۇپ خەلققە خىتاب قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: "ئى مۇسۇلمانلار! ئەگەر مەن مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆز نەپسىمگە چوغ تارتسام، سىلەر قانداق قىلىسلەر؟