1
ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار
ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئابدۇلغەنى ئابدۇلئەزىز
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئۇيغۇر ئوغلى ئۇيغۇر
مەسئۇل كوررېكتورى: ئا. روزى توختى
مۇندەرىجە
سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى 5
فاتىمە بىنت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 14
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر 32
جۇلەيبىب 39
ئەبۇ ھۇرەيرە دەۋسىي 45
تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ تەيمىييە 55
سابىت ئىبنى قەيىس ئەنسارى 63
ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى 70
فەيرۇز دەيلەمىي 77
سۇراقە ئىبنى مالىك 84
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام 92
رەبىئە ئىبنى زىياد ھارىس 99
سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتەللىب 106
ئۇتبە ئىبنى غەزۋان 113
نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد 120
ئەبۇ ئاس ئىبنى رەبئە 130
ئاسىم ئىبنى سابىت 137
ئەبباد ئىبنى بېشىر 142
رەبىئە ئىبنى كەئب 147
زەيد ئىبنى سابىت 155
ھەكىم ئىبنى ھىزام 161
رەملە بىنتى ئەبۇ سوفيان 167
ۋەھش ئىبنى ھەرپ 174
ئوقبە ئىبنى ئامىر جۇھەنى 180
ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش 187
ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى 195
سەئد ئىبنى ۋەققاس 204
ئەبۇ سوفيان ئىبنى ھارىس 211
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف 219
جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ 227
ئۆمەير ئىبنى سەئد 239
مەجزە ئىبنى سەۋرۇس سەدۇسى 245
ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل 251
ئەدىي ئىبنى ھاتەم ئەتتائىي 260
ئۇسامە ئىبنى زەيد 267
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس 274
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم 285
ئەبۇزەر غىفارى 291
زەيدۇلخەيرى 298
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد 305
سالمان پارسى 313
ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ 321
ئەمرۇبنۇل جەمۇھ 328
سۇمامە ئىبنى ئۇسال 335
بەرا ئىبنى مالىك ئەنسارى 342
ئۆمەير ئىبنى ۋەھب 350
ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ئەسسەھمى 356
تۇفەيل ئىبنى ئەمرۇد دەۋسى 364
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى 373
ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكرى 384
بەرەقە 394
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە 404
مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير 416
رۇمەيسە بىنت مىلھان 430
نوئمان ئىبنى ئەمرى 438
سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە 445
سۇھەيل ئىبنى ئەمىر 452
ئۇبەي ئىبنى كەئب (ئەبۇ مۇنزىر) 463
ئۇممۇ سەلەمە 470
خەبباب ئىبنى ئىرت 479
سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى
سەئىيد ئىبى ئامر ئەلجۈمەھى بۇ دۇنياغا ئاخىرەتنى سېتىۋالغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغان كىشى ئىدى.
- تارىخچىلار
2
ياش يىگىت سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىدىن بىر- خۇبەيب ئىبنى ئەدىينى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن شۇنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەككىنىڭ سىرتىدىكى تەنئىم رايونىغا چىقىشقا تەشكىللەنگەن نەچچە مىڭ قۇرەيشلەر ئىچىدىكى بىرى ئىدى.
ئاللاھ سەئىيدنىڭ نەۋقىران ياشلىقى، پىشىپ يېتىلگەن يىگىتلىكى كىشىلەر بىلەن تەڭ تۇرۇش، ھەتتا ئەبۇسۇفيان، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەلەردەك قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىغا ئوخشاش سەپنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان قۇرەيش پىشقەدەملىرى بىلەن باراۋەر تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇ ئۇنىڭغا قۇرەيشلەرنىڭ كىشەنلەنگەن ئەسىرى خۇبەيبنى كۆرۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. ئاياللار، بالىلار ۋە ياشلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن شەخسىي ئىنتىقامىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەدىردە ئۆلگەن كىشىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم مەيدانىغا ئىتتىرىپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.
بۇ جامائەت ئۆز ئەسىرىنى ئۆلتۈرۈش مەيدانىغا ئېلىپ بارغاندا سەئىيد ئۆزىنىڭ ئېگىز قامىتى بىلەن دار ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان خۇبەيبنى كۆرۈپ توختىدى ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ چۇقانلىرى ئارىسىدىن خۇبەيبنىڭ تەمكىن، كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلىدى:
- ئەگەر خالىساڭلار ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالسام.
سەئىيد خۇبەيبكە قارىدى. خۇبەيب قىبلىگە قاراپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ناماز ھەقىقەتەن چىرايلىق ۋە مۇكەممەل ئوقۇلغان ئىدى. ئاندىن خۇبەيب قۇرەيشلەرنىڭ باشلىقلىرىغا ئالدىنى قىلىپ:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى ‹ئۆلۈمدىن قورقۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى› دەپ قالمىسۇن دېمەيدىغان بولسام، تېخىمۇ ئۇزۇن ئوقۇيتتىم، - دېدى.
سەئىيد ئۆز قوۋمىنىڭ خۇبەيبنى تىرىك تۇرغۇزۇپ چاناۋاتقانلىقىنى، بەدىنىنى بىر ـ بىرلەپ يۇناۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار خۇبەيبكە:
- سەن قۇتۇلۇپ سېنىڭ ئورنۇڭدا مۇھەممەدنىڭ بولۇشىنى خالامسەن؟ - دەيتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى، خۇبەيب جاۋابەن:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە بالىلىرىم بىلەن خاتىرجەم تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر تال تىكەننىڭ كىرىشىگە قەتئىي رازى ئەمەس! - دېدى.
شۇ ھامان كىشىلەرنىڭ قوللىرى بوشلۇقتا پولاڭلاپ:
- ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! - دېگەن چۇقانلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى.
سەئىيد خۇبەيبنىڭ دار ئۈستىدىن كۆزىنى ئاسمانغا تىكىپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:
- ئى ئاللاھ! ئۇلارنى بىر پۈتۈن يىغقىن! بىر- بىرلەپ ئۆلتۈرگىن! بىرىنىمۇ قالدۇرمىغىن! - ئۇنىڭ شۇنداق دەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان پېتى نەپسى ئۈزۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتىدىكى قىلىچ ئۇرۇلغان نەيزە سانجىلغان جايلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.
*****
قۇرەيشلىكلەر مەككىگە قايتىشتى. چوڭ ۋەقەلەر قىستاڭچىلىقىدا خۇبەيب ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنتۇپ كەتتى.
لېكىن خۇبەيب، قۇرامىغا يەتكەن سەئىيدنىڭ خاتىرىسىدىن بىر مىنۇتمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. ئۇ خۇبەيبنى ئۇخلىسا چۈشىدە، ئويغانسا كۆڭۈل ئىكرانىدا كۆرەتتى. خۇبەيبنىڭ دار ئالدىدا خاتىرجەم، تەمكىن ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلەتتى. سەئىيدنىڭ قۇلاق تۈۋىدە خۇبەينىڭ قۇرەيشلەرنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىۋاتقان ئاۋازى جاراڭلايتتى ـ دە، ئۆزىگە مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقاتتى.
خۇبەيب سەئىيدقا بۇندىن بۇرۇن بىلىمگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويدى.
3
ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھاياتلىقنىڭ ئەقىدە ۋە شۇ ئەقىدە يولىدا ئۆلگۈچە كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى، مۇستەھكەم ئىماننىڭ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، مۆجىزىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ قويدى.
ئۇنىڭغا يەنە، ھەمسۆھبەتلىرى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان بۇ كىشىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئاسماندىن كۈچلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىپ قويدى.
بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ سەئىيدنىڭ قەلبىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى. سەئىيد كىشىلەر ئارىسىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ يامانلىقلىرىدىن بىزار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىدىن قول ئۈزگەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەئىيد مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇردى. خەيبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئۇرۇشلارغا قاتناشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا سەئىيدتىن رازى ئىدى. سەئىيد شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى خەلىپىسى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن!) نىڭ قولىدىكى يالىڭاچلانغان قىلىچ بولۇپ تۇردى، ھەمدە دۇنياغا ئاخىرەتنى سېتىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى، كۆڭۈللەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى، جىسىمنىڭ شەھۋەتلىرىدىن ئۈستۈن بىلگەن مۆمىنلەرنىڭ مىسلىسىز ئۈلگۈسى بولۇپ ياشىدى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى خەلىپىسى سەئىيدنىڭ راستچىللىقى ۋە ئۇنىڭ تەقۋالىقىنى بىلەتتى، ئۇنىڭ نەسىھىيىتىگە قۇلاق سالاتتى. سۆزىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. سەئىيد ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ:
- ئى ئۆمەر! مەن سېنىڭ كىشىلەر توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇشۇڭنى، ئاللاھ توغرىسىدا كىشىلەردىن قورقماسلىقىڭنى، سۆزۈڭنىڭ ئىش- ھەرىكىتىڭگە قارشى بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چوقۇمكى، سۆزنىڭ ياخشىسى ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلغىنى...
ــــ ئى ئۆمەر! ئاللاھ سېنى ئىشلىرىغا باشلىق قىلىپ قويغان يېقىن- يىراق جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدا ئادىل بول! سەن ئۆزۈڭگە ۋە بالا- چاقىلىرىڭغا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۇلارغىمۇ ياخشى كۆر! ئۆزۈڭگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىڭغا يامان كۆرگەن نەرسىنى ئۇلارغىمۇ يامان كۆر! ھەقىقەتكە چوڭقۇر چۆككىن! ئاللاھ توغرىسىدىكى پىتنىخورنىڭ پىتنىسىدىن قورقما! - دېگەنىدى، ئۆمەر:
ـــ ئى سەئىيد! بۇنىڭغا كىممۇ قادىر بولالايدۇ؟! - دېگەندە، سەئىيد:
- بۇنىڭغا، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە بولمىغان ساڭا ئوخشاش ئادەم قادىر بولالايدۇ، - دېدى.
ئۆمەر سەئىيدنى ھۇزۇرىغا چاقىرىتىپ:
ــــ ئى سەئىيد! بىز سېنى ھىمسە شەھىرىگە ۋالىي قىلماقچى، - دېدى.
ــــ ئۆمەر! مېنى ئازدۇرمىساڭ! مېنى دۇنياغا يېقىن يولاتمىساڭ! - دېدى سەئىيد. بۇ چاغدا ئۆمەر ئاچچىقلاپ:
- ۋاي ئىسىت سىلەرگە! سىلەر مۇشۇنچە ئىشلارنى مېنىڭ زېممەمگە قويۇپ قويدۇڭلار! ئاندىن مەندىن يىراقلاشتىڭلار! - دېدى ۋە ئۇنى ھىمسە شەھىرىگە ۋالىي قىلدى ۋە - سىزگە مائاش توختىتىپ بېرىمىزمۇ؟ - دېگەندە، سەئىيد:
ــــ ئەمىيرىل مۆمىن! مەن ئۇنى نېمە قىلىمەن؟ مېنىڭ بەيتۇل مالدىن كەلگەن نېسىۋەم ھاجىتىمدىن يېتىپ ئاشىدۇ - دېدى ـ دە، ھىمسەگە قاراپ يول ئالدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ھىمسە شەھىرىدىن بىر تۈركۈم ئىشەنچلىك كىشىلەر ئۆمەرنىڭ قېشىغا ئەلچىلىككە كەلدى، ئۆمەر ئۇلارغا:
ــــ سىلەر ماڭا ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىڭلار، مەن ھاجىتىدىن چىقاي - دېدى.
4
ئۇلار بىر پارچە خەت كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇ خەتتە كەمبەغەللەرنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، شۇ قاتاردا «سەئىيد ئىبنى ئامىر» دەپ بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۆمەر، - سەئىيد ئىبنى ئامىر دېگەن كىم؟ - دەپ سورىدى.
ــــ بىزنىڭ باشلىقىمىز! - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئەلچىلەر جاۋابەن.
ــــ باشلىقىڭلار كەمبەغەلمۇ؟ - دەپ سورىدى ئۆمەر.
ــــ ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن ئۇدا ئوت يېقىلمايدۇ، - دېيىشتى.
ئۆمەر يىغلاپ كەتتى، ھەتتاكى ياشلىرى ساقىلىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن مىڭ دىنار تەييارلاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
ــــ ئۇنىڭغا مەندىن سالام ئېيتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا «مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بۇ پۇللارنى ئىشلەتسۇن دەپ، سىزگە ئەۋەتتى» دەڭلار! - دېدى.
ئەلچىلەر سەئىيدنىڭ قېشىغا ھەمياننى ئېلىپ باردى. سەئىيد ھەمياندىكى پۇلنى كۆرۈپ ئۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خۇددى ئازاب چۈشكەندەك:
ــــ بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھ تەرەپكە قايتىمىز، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ:
ــــ ئى سەئىيد ساڭا نېمە بولدى؟ ئەمىرۇلمۆمىن ۋاپات بوپتۇمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ــــ ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ئىش بوپتۇ، - دېدى سەئىيد.
ــــ مۇسۇلمانلار بىرەر ۋەقەگە دۇچ كەپتۇمۇ؟ - دەپ قايتا سورىدى ئايالى يەنە، - ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق نېمە ئىش بوپتۇ؟
ــــ ئاخىرەتلىكىمنى بۇزغىلى دۇنيا كىردى، ئۆيۈمگە پىتنە چۈشتى، - دېدى. ئايالى بۇنى ئاڭلاپ:
ــــ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭ! - دېدى.
ــــ ماڭا مۇشۇ ئىشتا ياردەم بېرەمسەن؟:
ــــ ھەئە، - دېدى ئايالى دەرھال.
سەئىيد دىنارلارنى ھەميانغا سېلىپ كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بەردى...
يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شام شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى ھىمسە شەھىرىگە كەلگەندە، ھىمسە شەھىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا سالامغا كەلدى. ئۆمەر ئۇلاردىن:
- باشلىقىڭلار قانداقكەن؟ - دەپ سورىدى.
ئۇلار سەئىيدنىڭ ئۈستىدىن تۆت ئىشنى شىكايەت قىلىشتى. ئۇ ئىشلار بىر ـ بىرسىدىن چوڭ ئىدى.
ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:
«مەن سەئىيد ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى يىغدىم ۋە ئاللاھ تائالادىن گۇمانىمنى ئىشقا ئاشۇرماسلىقنى تىلىدىم. مەن سەئىيدتىن چوڭ ئۈمىدتە ئىدىم. ئۇلار ھەممىسى يىغىلىپ بولغاندا مەن ئۇلاردىن:
- باشلىقىڭلاردىن نېمىنى شىكايەت قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدىم.
- ئۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا كۈن چىقمىغۇچە چىقمايدۇ، - دېيىشتى.
ـــ سەئىيد! سەن بۇ توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورىدىم سەئىيدتىن.
سەئىيد بىردەم جىم تۇرۇپ:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىشنى ئاشكارا قىلىشنى بەكمۇ يامان كۆرەتتىم. ئەمما دېمەي ئامال بولمىدى، مەن ئادەتتە خېمىر يۇغۇرىمەن، خېمىر ئۆرلەپ (تىنىپ) بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىمەن، ئاندىن تاھارەت ئېلىپ كىشىلەرنىڭ قېشىغا چىقىمەن، - دېدى.»
ئۆمەر يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«مەن كىشىلەردىن ‹سەئىيدتىن يەنە قانداق ئىشلارنى شىكايەت قىلىسىلەر؟› دېسەم، ئۇلار:
- ئۇ كېچىدە ھېچكىمگە ئىشىكنى ئاچمايدۇ، - دېيىشتى.
- سەئىيد! سەن بۇ توغرىدا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىشنىمۇ ئاشكارا قىلىشنى ياقتۇرمايتتىم. مەن كېچىنى ئاللاھ ئۈچۈن، كۈندۈزنى كىشىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىدىم، - دېدى.
- سىلەر سەئىيدتىن يەنە نېمىنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدىم مۆتىۋەرلەردىن.
- ئۇ قېشىمىزغا ھەر ئايدا بىر كۈن چىقمايدۇ، - دېيىشتى ئۇلار.
- سەئىيد! بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدىم.
- ئى ئەمىرۇل مۆمىن!
5
مېنىڭ ئۆيۈمدە خىزمەتچى يوق، كىيىۋاتقان كىيىمىمدىن باشقا كىيىمىممۇ يوق، مەن ئۇنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يۇيىمەن، قۇرۇپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ قېىشىغا كەچ تەرەپتە چىقىمەن، - دېدى سەئىيد.
- سىلەر يەنە سەئىيد توغرىسىدا نېمىنى شىكايەت قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدىم. ئۇلار:
- ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ كىشىلەرنى تاشلاپ سورۇندىن چىقىپ كېتىدۇ، - دېيىشتى. مەن:
- سەئىيد! بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدىم.
- مەن ئىلگىرى مۇشرىك ۋاقتىمدا خۇبەيبنىڭ ئۆلۈم مەيدانىدا ھازىر ئىدىم، قۇرەيشلەرنىڭ ئۇنىڭ جەسىتىنى پارچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇلار خۇبەيبكە: سەن قۇتۇلۇپ مۇھەممەدنىڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا بولۇشىنى خالامسەن؟ دېگەندە، خۇبەيب جاۋابەن: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە خاتىرجەم تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر تال تىكەننىڭ سانجىلىپ قېلىشىغا رازى ئەمەسمەن› دېگەنىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇشۇ كۈننى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەنلىكىمنى ئويلىسام، ئاللاھ مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرمەسمىكىن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا مەن خۇدۇمنى يوقىتىپ قويىمەن، - دېدى سەئىيد.»
بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر: «گۇمانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان ئاللاھ تائالاغا مىڭ شۈكرى» دەپ ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلىدى.
ئاندىن سەئىيدنىڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن مىڭ دىنار ئەۋەتىپ بەردى. بۇ پۇللارنى كۆرگەن ئايالى، سەئىيدقا:
- بىزنى، سىزنى خىزمەتكە سېلىشتىن بىھاجەت قىلغان ئاللاھ تائالاغا يۈزمىڭ شۈكرى، بىزگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ، خىزمەتچى سېلىپ بېرىڭ! - دېۋېدى، سەئىيد:
- سىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولسا مەيلىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- نېمە ئۇ؟ - دەپ سورىدى ئايالى قىزىقىپ.
- بىز بۇ پۇللارنى قېشىمىزغا سوراپ كەلگەنلەرگە بېرىمىز، بىز بۇ پۇللار ئارقىلىق كېلىدىغان نەرسىگە بەك موھتاج.
- ئۇ نېمە؟
- بىز ئۇنى چىرايلىق قەرز سۈپىتىدە بېرىپ تۇرىمىز.
- بولىدۇ، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن.
سەئىيد ئورنىدىن يۆتكەلمەيلا دىنارلارنى ھەميانغا سېلىپ بالىلىرىدىن بىرىگە: «سەن بۇ پۇللارنى پالانىنىڭ تۇل ئايالىغا، پالانىنىڭ يىتىملىرىگە، پالانىنىڭ مىسكىنلىرىگە، پالانىنىڭ ھاجەتمەنلىرىگە، ئاپىرىپ بەرگىن!» دەپ تاپشۇردى.
ئاللاھ سەئىيد ئىبنى ئامر ئەل جۈمەھىدىن رازى بولسۇن! ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتى بار تۇرۇقلۇق، ئۆزىدىن باشقىلارنى ئەلا بىلگەن كىشى ئىدى...
فاتىمە بىنت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
6
فاتىمە - مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە خەدىچەنىڭ بەشىنچى قىزى بولۇپ، ئۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ئەتراپىدىكى تاغلاردا يالغۇز ئىستىقامەت قىلىپ، مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۈيۈك مۆجىزىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان، پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەردە دۇنياغا كەلدى.
بۇ ئۇنىڭ چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭ ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىيئەگە ياتلىق بولغان ۋاقتى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغانلار ئىدى.
كىچىك فاتىمە ھەدىلىرىنىڭ ياتلىق بولۇپ، بىر ـ بىرلەپ ئۆيدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، «توي» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە ھەدىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئۇقمايتتى. ئۇ ھەدىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلار ئۆيدىن ئايرىلغاندا ناھايىتى غېرىبلىق ھېس قىلدى ۋە تولىمۇ بىئارام بولدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ جىمىغۇر ۋە كەمسۆز بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، ھەدىلىرى توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ چۆرىسى - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بەرەقە، زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە ئەبۇ تالىپنىڭ كىچىك ئوغلى ئەلى قاتارلىقلار رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى خەدىچەمۇ بار ئىدى.
ئانىسىنىڭ ۋە بەرەقەنىڭ تەربىيىسىدە ئۇ چوڭقۇر تەسەللىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ئەلى، بالىلىق ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۆز ئاكىسى قاسىمنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا «ئاكا» ۋە دوست بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى، تاييىب ۋە تاھىر دەپ لەقەملەنگەن ئابدۇللاھمۇ بالىلىق دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ فاتىمە ئۆز ئۆيىدە ئۆزىنىڭ ھەدىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن غەمسىز ۋە خۇشال ـ خۇرام تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ چېچەن بالا بولغان ئىدى.
ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، دادىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى - رەسۇلۇللاھ بولغانلىقىنى ئاڭلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى- ئىسلامنىڭ خوش ـ خەۋىرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈش ئىدى. ئۇلار پەقەت ھەممىدىن قادىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ۋە قوللىغۇچىسى بولغان خەدىچە فاتىمەگە دادىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ دادىسىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى ھەمدە دادىسىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ مەككىنىڭ تار كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندا، كەئبىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەخپىي يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندا ۋە ئۇلار پەيغەمبەرگە بەيئەت قىلغاندا دائىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى.
بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ مەسجىدى ھەرامغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە قارىشىپ تۇرىدىغان «ھىجىر» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا باشلىدى. فاتىمە ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى، بۇ چاغدا ئۇ 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
7
رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قىلىشتا چەكتىن ئاشقان بىر توپ قۇرەيش يىغىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ جەھل ئىبنى ھىشام، ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە رابىئەنىڭ ئوغۇللىرى شەيبە بىلەن ئۇتبە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئەبۇ جەھل ئۇلاردىن:
- قايسىڭلار تۆگىنىڭ قېرىنىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەدنىڭ ئۈستىگە تاشلىيالايسىلەر؟ - دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھراقى بولغان ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت قىزغىنلىق بىلەن شۇنداق قىلىشقا ماڭدى. ئۇ قېرىنىنى ئېلىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد شۇ يەردە بار بولسىمۇ، بىر نەرسە دېيىشكە ياكى قېرىنىنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز ئىدى.
دادىسىنىڭ مۇشۇنداق مەسخىرىلىك مۇئامىلىگە ۋە خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن فاتىمەنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! تېخى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن قىز نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئۇ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۈستىدىكى قېرىنىنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى، ئاندىن بۇ بىر توپ قۇرەيش قارا نىيەتچىسىنىڭ ئالدىدا غەزەپ بىلەن تۇرۇپ، ئۇلارغا غەزەپلىك تىل ـ ئاھانەتنى ياغدۇرۇۋەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ سۆزقىلالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ نامىزىنى ئاياغلاشتۇردى، ئاندىن:
-ئى رەببىم، قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن! - دەپ ئۈچ قېتىم دۇئا قىلدى. ئاندىن يەنە:
-ئى ئاللاھ، ئۇتبەنى، ئوقبەنى، ئەبۇ جەھل ۋە شەيبەنى ھالاك قىلغىن! - دەپ بەددۇئا قىلدى. (تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىر قانچە يىلدىن كېيىن بەدر غازىتىدا ئۆلتۈرۈلدى).
يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى. فاتىمە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. قۇرەيشتىن بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولۇپ، بوينىغا چىڭ ئورىۋالدى. فاتىمە باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ توۋلاشقا ۋە چىقىراشقا باشلىدى. ئەبۇ بەكرى ئېتىلىپ كېلىپ، دەرھال رەسۇلۇللاھنى ئاجرىتىۋالدى، ئاندىن:
- «رەببىم ئاللاھ » دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ - دېدى، ئۇلار ئەبۇ بەكرىگە تاشلىنىپ، تاكى ئۇنىڭ يۈز ـ كۆزلىرىدىن قانلار سىرغىپ چۈشكىچە ئۇرۇشتى.
كىچىك فاتىمە دادىسىغا ۋە دەسلەپكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان بۇ رەھىمسىز، قەبىھ قارشىلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەرنى كۆرۈپ تۇردى. ئۇ ياۋاشلىق بىلەن بىر چەتكە چىقىپ تۇرمىدى، بەلكى دادىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ گەرچە كىچىك بىر قىز بولسىمۇ، ئەمما شۇ ياشتىكى بالىلاردا نورمال بولىدىغان غەمسىز، شوخ، بالىلارچە ئويۇن- كۈلكە ۋە تاماشىلاردىن خالىي ھالدا، ئەنە شۇنداق ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى كۆردى ۋە باشتىن كەچۈردى.
ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشلاردا فاتىمە يالغۇز ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قۇرەيشنىڭ ۋەھشىي زوراۋانلىقلىرىغا، مەسخىرىلىرىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرى ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئىدى.
8
ئۇممۇ جەمىل رەھىمسىز، ناھايىتى پاسكىنا سۆزلەرنى قىلىدىغان، ئېغىزى بۇزۇق، شەپقەتسىز ئايال بولغاچقا خەدىچە باشتىلا ئۆز قىزلىرىنى ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق قىلىپ بېرىشكە رازى بولمىغان ئىدى. چۈنكى رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇمغا نىسبەتەن، دادىسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپلا قالماي، بەلكى ئۇرۇش قوزغايدىغان بۇنداق ۋەھشىي دۈشمەنلىككە تولغان ئائىلىدە ياشىشى ھەقىقەتەن بىر ئازابلىق ئىش ئىدى.
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش ئۈچۈن، ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاياللىرىنى قويىۋەتتى. بۇ پەيغەمبەرنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششتىن يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىش ئىدى. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە خۇشال- خۇرام قايتىپ كەلگەن قىزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شۈبھىسىزكى فاتىمە ھەدىلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇلار چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭمۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە قۇرەيشمۇ ئەبۇل ئاسقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئايالىنى قويىۋېتىشكە زورلىدى، ئەمما ئۇ رەت قىلدى. قۇرەيش چوڭلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەگەر ئۇ زەينەبنى قويىۋەتسە، ئۇنىڭغا ئەڭ باي ۋە ئەڭ گۈزەل ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى، ئەمما ئۇ:
- مەن ئايالىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە مەن ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ دادىسىغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۆرمىتىم بار، - دەپ جاۋاب بەردى.
رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىككىلىسى سۆيۈملۈك ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە بولغانلىقىغا ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدىكى چىدىغۇسىز روھى بېسىملاردىن قۇتۇلغانلىقىغا بەكمۇ خۇشال بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي رۇقىيە ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن بولغان ياش ۋە تارتىنچاق ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ياتلىق بولدى. ئۇلار بىرلىكتە پاناھلىق ئىزدەپ ھىجرەت قىلغان دەسلەپكى مۇھاجىرلار بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇردى. فاتىمە ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ھەدىسى رۇقىيەنى كۆرەلمىدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە قالغان ساھابىلىرىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
پەيغەمبەرلىكنىڭ 7- يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىندى ۋە مەككىگە پەقەت بىر چىغىر يول بىلەنلا بارغىلى بولىدىغان، ھەممە تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان بىر تار جىلغىدا پاناھلىنىپ تۇرۇشتى. بۇ تار جىلغىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)، بەنى ھاشىم جەمەتى ۋە مۇتەللىب جەمەتى يېمەك- ئىچمەكتىن چەكلىنىپ، قامال قىلىندى. جەمەتىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى 12 ياشلىق فاتىمەمۇ ئايلار داۋاملاشقان قىيىنچىلىق ۋە ئازابلىق تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈردى. ئاچ قالغان بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى مەككىگە ئاڭلىنىپ تۇردى. قۇرەيش مۇسۇلمانلارنى يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقى پەقەت ھەج مەۋسۇمىدىلا ئاندىن ئازراق يەڭگىللىدى. بۇ قامال ئۈچ يىل داۋاملاشتى. قامال بىكار قىلىنغاندا، رەسۇلۇللاھ تېخىمۇ ئېغىر بولغان سىقىلىشلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ سادىق ۋە ئامراق ئايالى خەدىچە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولدى.