1
قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
ھاجى نۇر ھاجى
كىرىش سۆز
قارا خانىلار خانلىقى مەملىكىتىمىز تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قاراخانىلار خانلىقى مىلادى 9 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە 4 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈردى. بۇ خانلىق دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمى (قەشقەرنى مەركەز قىلغان) دىن تاكى جەيھۇن (ئامۇ دەريا) نىڭ ئوتتۇرا قىسمى (يەنە ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي قىسمى) غىچە بولغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ پايتەختى قەشقەر بىلەن بالاساغۇن ئىدى.
قاراخانىلار خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يەتتە سۇ ۋە تارىم ۋادىسىدىكى رايونلاردا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدە يېڭىلىنىش ۋە يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى؛ دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ راۋاجلىنىشى ئارقىسىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا تەرەققىي قىلدى؛ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان چوڭ شەھەرلەر بارلىققا كەلدى؛ مۇكەممەل شىپاخانىلار، تۈرلۈك پەنلەر ئوقۇلىدىغان ئۇنۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مەسىلەن، قەشقەردىكى «ساچىيە»، «مەھمۇدىيە» مەدرىسلىرى، جامە، كارۋان سارايلىرى بىنا قىلىندى؛ قەشقەر، بۇخارا، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى كۆركەم ھەشەمەتلىك بىنالار قورۇلدى، بەزىلىرى زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ كەلدى؛ نۇرغۇن ئالىم - ئۆلىمالار، ئەدىپ - شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسىسلىرى، تىۋىپلار، ھەربىي ئالىملار، قانۇنشۇناسلار مەيدانغا كەلدى. 11 - ئەسىردە ياشىغان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ۋە ئاساسچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇيۇك پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق ئەسەرلىرى شۇ دەۋرىنىڭ گۇل تاجىلىرىدۇر. بۇ ئەسەرلەر ئۆز تەپەككۇرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، بەدىئىي جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئوسلۇبىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
قىسقىسى، قاراخانىلار خانلىقى مەمەلىكىتىمىز تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا مەمەلىكىتىمىز تارىخچىلىرى بۇ خانلق ھەققىدە تەتقىقات ئىشىنى باشلىۋەتتى.
مەن بىر قانچە يىل ماتېرىيال توپلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇرۇنقىلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق پايدىلىنىپ «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىپ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ دەسلەپكى تەتقىقات مىۋەم تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم.
قاراخانىلار خانلىقىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىش ناھايىتى زور ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن، ئەھەردە كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. كىتاپخانلارنىڭ كەمچىلكلەرنى تۈزىتىۋېلىشىم ھەققىدە ئىلمىي ياردەم بېرىشىنى سورايمەن.
بۇ ئەسەرنى يېزىشتا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، پىشقەدەم ئۇستازلار ۋە يۇلداشلار ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن قىزغىن ياردەم بەردى، بۇ يولداشلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
2
ئاپتور
بىرىنچى باب ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار
1- بۆلۈم ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
3
ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدە مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمقى مىللەتلەردىن بىرى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 5 - ئەسىردە ئېلىپبەلىك يېزىق قوللانغانلىغى ھەققىدە ئېنىق ماددىي پاكىت بار.»① بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە 8 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالاھىدە راۋاجلانغانلىقىنى بىلىمىز.
ئۇيغۇرلار 5 - ئەسىردىن باشلاپ ئورخۇن - يەنسەي يېزىغى (تۈرك - رونىك يېزىقى) ۋە سوغدى يېزىغى ئاساسىدا يارىتىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا، يەنە توخار يېزىغى (كۇچا يېزىغى) ۋە خوتەن يېزىغىنىمۇ قوللانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ياشىغان قەدىمقى ماكانى ھەققىدە قۇلىمىزدىكى ماتېرىياللار ھازىرچە يېتەرلىك ئەمەس. ئەمما ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ۋە يازما مەنبەلەردىن قارىغاندا، تۇرالار، ھونلار، تۇغلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ۋە ئاتا - بوۋىلىرى ئىدى. ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا) جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ۋە غەربىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن②، مىلادىدىن 5 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا بايقال كۆلىنىڭ غەربىي، سېلىنگا دەريا ۋادىسى تۇغلۇقلارنىڭ پائالىيەت ئورنى ئىدى. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا، بايقال كۆلىگە يېقىن جايلاردا ۋە خېشى كارىدورى ئەتراپىدا، مىلادى 3 - ئەسىردىن باشلاپ بايقال كۆلى بىلەن تيانشاننىڭ ئارىلىقىدا، مىلادى 4 - ئەسىردە تارىم بوستانلىقىدا ۋە 5 - ئەسىردىن باشلاپ بىر قىسمى موڭغۇل يايالىقىدا ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى. «تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقى 4 -، ۋە 5 - ئەسىردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ماكانى ئىدى.»③ پاكىتلار ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بېرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىغىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۆز ئىگىلىكىنى ياراتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بەرپا قىلدى.
تارىم بوستانلىقى قەدىمدىن تارتىپلا سۇغىرىلىدىغان ۋادىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ۋادىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ يەردە بۇغداي، شال، زىغىر، نوقۇت (پۇرچاق) قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيتتى؛ ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرەتتى. ئۇيغۇرلار كېۋەز، كەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا بىلەتتى. تارىم بوستانلىقىدا ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم 3000 يىللىق تارىخقا ئگە.
ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى خانلىقلارنىڭ تارىخىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر دىگەن نامنى بىلدۈرەتتى.
ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى. شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلىرى سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولغان بولسا، غەربتىكى ئۇيغۇرلار ئېرتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنىڭ ئارىلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار خەنزۇ مەنبەلىرىدە «تېلى» نامى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، «تېلى» يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسىتەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەنبەلەردە شەرقتىكى تۇرالار «ئون ئوغۇز»، «ئوغۇز» دەپ ئاتالسا، غەرپتىكى تۇرالار ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالدى. 6 - ئەسىردىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە رەسمىي ئۇيغۇر نامى بىلەن قەيت قىلىندى.
4
يۇقىرىقى پاكىتلاردىن قارىغاندا، شۇ نەرسە ئايانكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ، مىلادى 5 - ئەسىردىن ئىلگىرىلا ھازىرقى شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 3 ئەسىر بۇرۇن ھونلارنىڭ شىمالىدا ۋە غەربىدە ياشىغان تۆلەسلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. تۆلەسلەر ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ قوشۇلغان بىرلىگى بولۇپ، تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلەس دەپ ئاتالغان ئەجدادىدىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ھونلار بىلەن مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار قەدىمدىلا ھونلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى دىگەن تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن. «چۈنكى ھونلارنىڭ تەركىبىدە ئون ئۇيغۇرلار، سادىغۇرلار، ئوتۇغۇرلار دىگەن قەبىلە بولغان.»④
بەزىلەر «ئۇيغۇر دىگەن نام خەنزۇچە مەنبەلەردە 5 - ئەسىردىن باشلاپ كۆزگە چېلىقىدۇ» دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە ئۇنداق دەپ قاراش تارىخىي مەنبەلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ توغرىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
«ايغر - ئۇيغۇر. بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تۇنقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دىگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تورت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە "اينان خز خرند - inan huzhurand - بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ" دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل "huzhur" دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن "خ -h" ھەرىپى "ا - ئېلىف" قا ئالماشقان. مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئالمىشىشى، بولۇپمۇ "ا - ئېلىف" نىڭ "خ -h" غا ۋە "خ -h" نىڭ "ا - ئېلىف" قا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.»⑤
مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نەقىل كەلتۈرگەن مەنبەنى تارىخىي رىۋايەت دەپ قارىغاندىمۇ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۈركلەر بىلەن قىلغان جېڭى ئىراننىڭ ئاخىمىندىلار⑥ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۇيغۇرلارنى مىلادىدىن 2 - 3 ئەسىر ئىلگىرىلا ئۇيغۇر دەپ ئاتىغانلىقىنى مەھمۇت قەشقەرىمۇ تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ نامى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر قانچە قەبىلە ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر - «ئۇيۇشتى، قوشۇلۇپ ئىتتىپاقلاشتى، بىر بىرىدىن ئايرىلماس بولۇپ ئۇيۇشتى»⑦ دىگەن مەنىگە ئىگە. دىمەك، ئۇيغۇرلار بىر نەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق نامى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر بولۇپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار كۆك تۈرك خانلىقى (552-743 - يىللار) نىڭ ئىچكى قىسمىدا بولغان كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئىتتىپاقدىشى باسمىل، قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ كۆك تۈرك خانلىغىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 744 - يىلى ئۇيغۇر خانلىغىنى قۇردى.
5
ئۇيغۇر خانلىقى 745 - يىلىدىن 854 - يىلىغىچە گوبىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ جايلارغا ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. كول بىلگە ئۇيغۇر خانلىقىنى تۇنجى قېتىم قۇرغۇچى كىشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «قۇتلۇق بىلگە كول قاغان» دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ مەركىزى ئوردىسى موڭغۇل دالىسىدىكى ئوتەكەن تېغى بىلەن ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى قارا بالغاسۇن شەھرى ئىدى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېرىتورىيىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، شەرقتە ھىنگان (شىڭئەنلىڭ) تاغلىرىدىن تارتىپ غەربتە ئالتاي تاغلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا قەدەر، شىمالدا بولسا بايقال كۆلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى، جەنۇبىي تەرىپى سەددىچىن بىلەن چېگرىلىناتتى.
ئۇيغۇر خانلقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۆك تۈرك ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇۋېلىپ، تەركىۋىگە قوشۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىللىي تەركىۋىگە نۇرغۇن خەلقلەر قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدىكى تارىخ مەيدانغا كەلدى. خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تارىختا «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتالدى. «توققۇز ئۇيغۇر» - «ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر»، «تاشقى توققۇز ئۇيغۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ئىچكى توققۇز ئۇيغۇرلار»: ياغلاقار، ئوتۇرقار، تۇلەمۇر، بوقاسقىر، ئاۋۇچاگ، قوغۇرسۇ، يابوقتار، ئاياۋۇز، ياغما؛ «تاشقى توققۇز ئۇيغۇر» لار: ئۇيغۇر، بوكە، بايىرقۇ، توڭرا، ئىزگىل، قىپئار، باسمىل، قارلۇق، ئارىزغۇن.
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى ياغلاقاردىن چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئورنى يۇقىرى ئىدى. شۇڭا، ياغلاقاردىن كېلىپ چىققان «كول بىلگە» قاغان تۇنجى ئۇيغۇر خانى بولدى. ئۇيغۇر خانلىقىغا يەنە بايقال كۆلىنىڭ غەربىدىكى قۇرىقا، يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قىرغىزلار، تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى ساتلار، قارا قۇرۇم ئەتراپىدىكى تاڭغىتلار، ھىنگان تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قىتانلار تەۋە ئىدى.
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارى «قاغان» (خاقان) ئىدى. ئۇيغۇر خاقانى ۋەزىر، بەگ، ئارمىيە ئەمەلدارى، باج ئەمەلدارى قاتارلىق مەنسەپدارلار ئارقىلىق سىياسىي، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇراتتى.
ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق زور سالماقنى ئىگەللەيتتى. تاڭ دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر شائىر دۇفۇنىڭ «شىمالغا يۈرۈش» نامىلىق شېئىرىدا «ئۇيغۇرلار ئەسكەر تارتتى بەش مىڭلاپ، ئاتلىرى بار تۈمەنلەپ» دىگەن مىسرالار بار. «تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرلىرى 4 مىڭ كىشى، ئاتلىرى 40 مىڭ تۇياق» دەپ يېزىلغان. بۇ نوقتا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى قوشۇنىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەسكەرلىرى يېتەرلىك ئات بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىدە ۋارىسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. خان ئەۋلادىدىكىلەر خانلىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن مانى سودىگەرلىرى ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلاشتى.
ئۇيغۇر خاقانى قۇتلۇق بىلگە خاقان 747 - يىلى ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا مۇيۇنچۇر خاقان بولدى، ئۇ كول خاقان دەپ ئاتالدى. 755 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوڭلۇك - سۆيگىن (ئەنلۇشەن - شىسىمىن) ئىسيانى يۈز بەردى.
6
757 - يىلى ئۇيغۇر خاقانى مۇيۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىۋى بويىچە، ياباقۇ ئۇنۋانلىق ئوغلىنىڭ باشچىلىقىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۆڭلۈك - سۆيگىن ئىسيانىنى تىنجىتىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چاڭئەن، لوياڭ قاتارلىق رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەملەشتى. ئۇيغۇر خاقانى مۇيۇنچۇرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى ئۆز مەلىكىسىنى خوتۇنلۇققا بېرىپ، ئۇنىڭغا «باتۇر، ھەيۋەتلىك قۇتلۇق بىلگە» دىگەن ئاتاقنى تەقدىم قىلدى.
مۇيۇنچۇر قاغان ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بوگۇ خاقان خانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ تەختتە ئولتۇردى. بوگۇ خاقان خانلىق تەختىدە (759-780 - يىللار) ئولتۇرغان مەزگىلدە، 762 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ 2 - قېتىملىق تەكلىۋى بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شى جاۋىي توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، خېبىينىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەردى.
2- بۆلۈم ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى
تۇبۇتلار (قەدىمقى زاڭزۇلار) غەربىي يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئېل ئىگىسى ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ بەشبالىق (ھازىرقى جىمىسار) نى ئىگەللىدى، بۇ جايلاردا قارلۇقلار، ساتلار، ئاق تۈركلەر ياشايتتى. كېيىن تۇبۇتلار يەنە كۈچ توپلاپ، قارلۇق ۋە ئاق تۈركلەرنىڭ ئىچىدىن بىر قىسم كۈچنى ئۆزىگە تارتىپ، بەشبالىقنى ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالدى.
791 - يىلى، ئېل ئىگەسى خاقان 50-60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ كېلىپ، بەشبالىققا ھۇجۇم قىلغاندا، يەنە تۇبۇت ۋە قارلۇقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. ئېل ئىگەسى قوچۇغا جايلاشقان ئۇيغۇر خان ئوردىسىنى جەنۇبقا يۆتكىدى. 792 - يىلى، ئېل ئىگىسى 2 - قېتىم ئەسكەر باشلاپ كېلىپ، تۇبۇت ۋە قارلۇقلارنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ جايلارنى يەنە قايتۇرۇۋالدى.
ئۇيغۇر خانلىقى 8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئېغىر بوھرانغا ئۇچرىدى. چۇلۇق خاقان «ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگ» دىگەن نەم بىلەن 825 - يىلىدىن 832 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى.
832 - يىلى چۇلۇق خاقان ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت خان جەمەتى بولمىغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىنىپىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ ماجرا كۆپەيدى، ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان خەلقلەردە بۆلۈنۈش يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئارقا - ئارقىدىن داۋام قىلغان جۇدۇن ئاپىتى، ۋابا، ئاچارچىلىق بىلەن نۇرغۇن چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتتى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچى پارچىلىنىشقا باشلىدى. 839 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرى ساتلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ پايتەختكە ھۇجۇم قىلدى. «ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان» ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا پاسا تېگىن خان بولدى. 840 - يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى كول بۇقا قىرغىزلارنىڭ باشلىقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 100 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، پاسا تېگىن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئۆلتۈردى. ئوردا ۋە شەھەرلەرگە ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. بىر ئەسىرگە يرقىن ياشىغان ئۇيغۇر خانلىغى مىلادى 839 - يىلى يىمىرىلدى. كېيىن ئۆگە خاقان دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، لېكىن ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىر ئاغدۇرۇلدى.
7
3- بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى
8
839 - يىلى ئۇيغۇر خانلىغى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوتوكەن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كەلدى.
839 - يىلىدىكى غەربكە كۆچۈش مەسىلىسىگە قارىتا تارىخشۇناسلاردا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەھجۇت بولۇپ كەلدى. پروفېسسور فېڭ جاشېڭ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە ماتېرىياللار توپلىمى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن ئىككى كىتاپتا «ئۇيغۇرلار 839 - يىلىدىن كېيىن 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، ھەر بىر تارمىقى بىردىن ھاكىمىيەت قۇرغان ئىدى» دىيىلگەن. باشقا تارىخى ئەسەرلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى مىلادى 839 - يىلى يىمىرىلىپ، ئۇلار 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن. بۇلارنىڭ گەنسۇ كارىدورىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قوشۇلغان بىر تارمىقى كېيىنكى كۈنلەردە سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان، ئىككى تارمىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى بىلەن قاراخانىلار خانلىغىنى قۇرغان ئىدى دەپ قەيت قىلىنغان ۋە ھازىرقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار 840 - يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان، 840 - يىلىدىن بۇرۇن بۇجايدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بولمىغان دىگەندەك بىر تەرەپلىمە، خاتا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تارىخىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە «تېلى، چېلى، جژلى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى تۇرالار ياكى تۇغلۇقلارنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. تۇرالار مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئېتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن. دىمەك، تۈركى خەلقلەر ئەزەلدىن شەرقىي تۈركلەر ۋە غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ ياشىغان. شەرقىي تۈركلەر سىبىرىيىگە، بايقال كۆلى ئەتراپىغا، موڭغۇل دالىسىغا، غەربىي تۈركلەر تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىتەكلىرىگە جايلاشقان ئىدى. بىزگە مەلۇمكى، قەدىمقى زامانلاردا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى جايلار شەرقتە چوڭ ھىنگان تاغلىرىدىن باشلاپ غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلاتتى. بىپايان كەڭ زىمىندا ھونلار، تۇغلۇقلار، سايبىلار، جورجانلار، تۈركلەر، ئوغۇز، ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمقى مىللەتلەر ياشايتتى.
تارىختا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان تۇغلۇقلار بىلەن ھونلار ماھىيەتتە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، بۇلارنى تۈرك دىيىشكە بولىدۇ. خەنزۇ تارىخچىسى سىماچيەن يازغان «تارىخنامە» نىڭ «بەش پادىشاھ تەزكىرىسى» دىگەن بابىدا پادىشاھ خۇاڭدىنىڭ ھونلارنى شىمالغا قوغلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. سىماچيەن جۇڭگونىڭ ئىپتىدائى جەمئىيىتىدىكى بىر رىۋايەتنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ھونلارنىڭ قەدىمقى مىللەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. «خەننامە» دە ھونلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا بوز يەر ئاچقانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار. دىمەك، ھونلار ئەڭ قەدىمدىن تارتىپلا پۈتۈن موڭغۇل دالىسىدا ھەم شىنجاڭ دائىرىسىدە ياشىغان ئىدى. «تارىخنامە. ھون تەزكىرىسى» دە، «خەننامە» دە تۇرالار ھونلارنىڭ شىمالىغا يەنى بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا جايلاشقان دىيىلىدۇ. بۇلار تارىختا «شەرقىي تارماق» دەپ ئاتىلىدۇ. «ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا تۇغلۇقلارنىڭ بىر تارمىقى سەمەرقەنتكە، ئارال دېڭىزى بويىغا جايلاشقان دىيىلىدۇ. بۇلار تارىختا «غەربىي تارماق» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، بۇ پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، تۇغلۇقلار قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئارال، ئالتاي ۋە تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىدىكى كەڭ زىمىندا ياشىغان.