1
تۇنيۇقۇق
خىتايلار يوشۇرغان تارىخ -1
يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشى ۋە تۇنجى بىڭتۈەن
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەتىنىمىز تۈركىستانغا جايلاشقان تارىم ۋادىسى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، ئىمپىرالىزىمنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈكى بولۇپ كەلگەن. 1492- يىلى ئىسپانىيەدىكى ئەندۇلۇس ئىسلام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، كولومبو دىڭىز سەپىرىگە ئاتلانماستىن بۇرۇن يىپەك يولى شەرقى ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول ئىدى.
مىلادىدىن بۇرۇن تارىم ۋادىسى ھونلارنىڭ ئاشلىق بازىسى بولۇپ، ھونلار بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى تۈركلەرنىڭ كۈچلۈك سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن سۇلالىسى ھونلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن قورقۇپ،70 يىل ئىچىدە ئالدى- كەينى بولۇپ مەلىكە قىزلىرىدىن ئوننى ھونلارغا خوتۇنلۇققا تۇتۇپ بىرىش بەدىلىگە تىنىچلىقنى ساقلاپ كەلدى. خەنلەر ھەر يىلى ھونلارغا يىپەك، تاۋار- دۇردۇن، مەي- شاراپ، گۈرۈچ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق سوۋغا- سالاملار بىلەن ھونلارغا ئولپان تاپشۇراتتى. يىپەك بۇ ئولپان بويۇملار ئىچىدە ھەممىدىن ئەتىۋار بولۇپ، سۈپىتى ياخشى، ئۆزى يىنىك، كىيىم- كىچەك، يوتقان- كۆرپە ھەممىسىگە ئىشلەيتتى. يىپەك بويۇملار ھوقۇق ۋە نوپوزنىڭ سىموۋولى ئىدى. تەڭگە پۇل بىرلىككە كەلمىگەن ھەمدە يىتەرلىك سوققىلى بولمايدىغان ئۇ تارىخى دەۋىردە يىپەك رەختلەر يەنە پۇلنىڭ رولىنى ئوينايتتى.
ھونلار خەنلەرنى تولا تاران- تاراج قىلىپ، ھەر قىتىمدا تەڭسىز كىلىشىمنامىلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى. خەنلەر قىزلىرىنى ھونلارغا خوتۇنلۇققا سوۋغا قىلىپ ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەنلەر ھونلارنىڭ ئاشلىق بازىسى بولغان تارىم ۋادىسىدىكى بەگلىكلەرنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى.
بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن خەنلەر مىلادىدىن بۇرۇن 138- يىلى جاڭچىيەننى سوۋغا- سالاملار بىلەن پىچانغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. يولدا ھونلار ئۇنى تۇتىۋىلىپ، 10 يىل ئەسىرلىكتە تۇرغان. جاڭچىيەن قىچىپ چىققاندىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەھۋالىنى ئىگەللەپ چىققان. ئۇ غەربى خەن سۇلالىسىگە قايتىش يولىدا يەنە بىر قىتىم ھونلارغا ئەسىرلىككە چۈشۈپ، بىر يلدىن كىيىن ئاران تەستە غەربى خەنگە قايتىپ كەتكەن. 115- يىلى جاڭچىيەن ئىككىنجى قىتىم جاڭچىيەننى نەچچە يۈز مىليون سەر قىممىتىدىكى سوۋغا- سالاملار بىلەن تارىم ۋادىسىغا ئەۋەتىپ، مەلىكىلىرىنى ئۇيسۇن خانلىرىغا ياتلىق قىلىش ئارقىلىق قۇدا- باجا بولۇپ، ئۇيسۇنلارنى ھونلارغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان. ئەمما ئۇيسۇنلار خەنلەرنى ياراتماي قۇرۇق قول يولغا سالغان. جاڭچىيەن گەرچە ئىككىلا قىتىم نىيىتىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ، پىچاندىن ئىرانغىچە كۆرۈپ كەلگەن جاڭچىيەن پامىر ئىگىزلىكىنىڭ ئۇ قىتىدىكى يىپيىڭى دۇنيانى، سودىغا ماھىر خەلق ۋە قايناق بازارنى كۆرۈپ، غەربنىڭ بازىرىغا يول ئىچىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىغان. ئۇ يەنە پەرغانىلەرنىڭ چىلانتورۇق ئاتلىرىغا ئاشىق بولۇپ، ھونلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئاتلارنى غەربى يۇرتتىن ئەكەلمەكچى بولغان. شۇنداق قىلىپ شەرقتە شىئەندىن دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئۇيسۇنلارنى سىتىۋىلىش ئەسقاتمىغاندىن كىيىن،104- يىلى خەنلەر قوماندانى لى گۇاڭلى 60،000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلىپ ئىككى يىل يول يۈرۈپ، لوپنورغا كەلمەي تۇرۇپ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن تەڭدىن تولىسى ئۆلۈپ كەتكەن، قالغىنىمۇ جەڭدە ئۆلگەن.