1
تۇنيۇقۇق
خىتاي يوشۇرغان تارىخ -2
تۈلكە ئۆز ئېنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر
خىتاي تارىخىنى ۋاراقلىساق تاكى 20- ئەسىرگىچە شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دىھقان مىللەتلەرگە پادىشاھ بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. خىتاينى تۇنجى بولۇپ بىرلىككە كەلتۈرگەن چىن شىخۇاڭ غەربى شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەردىن ئىدى. چىن شىخۇاڭدىن باشلاپ سوقۇلغان سەددىچىن سىپىلى ھەر قايسى دەۋىرلەردە قايتا- قايتا ياسىلىپ ۋە تۇتاشتۇرۇلۇپ 5000 كىلومىتىر ئۇزۇنلۇققا يەتكەن بولسىمۇ، شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ تۆمۈر تاپانلىرىدىن قوغداپ قالالمىدى. ھونلاردىن كىيىن سىيانپىلار تاكى سۈي، تاڭ سۇلالىسىغىچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە 16 دۆلەت قۇردى. سۈي، تاڭ سۇلالىسى تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا بىقىندى بولۇپ ئۆتتى. ئاندىن قىتانلار لىياۋ سۇلالىسىنى، جۇرجىتلار جىن سۇلالىسىنى، موڭغۇللار يۈەن سۇلالىسىنى، جۇرجىتلارنىڭ ئەۋلادى مانجۇلار چىڭ سۇلالىسىنى قۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەر بولۇپ، نوپوس سانى ئاز، مەدەنىيىتى بەك تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھ بولۇپ كەلگەن ئىدى.
جۇڭگونى تۇنجى قىتىم بىر لىككە كەلتۈرگەن چىن سۇلالىسىنىڭ تىرىتورىيەسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە جەنۇبى جۇڭگونىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چىن سۇلالىسىدىن كىيىن خەن سۇلالىسى قۇرۇلدى. خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغان خەنزۇلار 华夏خۇاشىيا دەپ ئاتىلاتتى، خەن سۇلالىسىدىن كىيىن ئاندىن خەن 汉 دەپ ئاتالغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيا中原华夏 دىگەننى خىتايچە قىسقارتسىڭىز 中华جۇڭخۇا بولىدۇ. دىمەك، ھازىرقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۆز يىلتىزىدىن قارىغاندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ خەلق جۇمھۇرىيىتى دىگەنلىك بولىدۇ.
خىتايلار خەن سۇلالىسىدىن كىيىنكى تارىختا يەنە سۈي隋، تاڭ唐، سۇڭ宋، مىڭ 明سۇلالىلىرىنى قۇرغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. سۈي سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ سىيانپىلار بولۇش ئىھتىمالى زور. خەنلەردىن بولغان تەقدىردىمۇ سۈي سۇلالىسى ئارانلا 38 يىل(581-619) ھۆكۈم سۈرۈپ، تۈركلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. سۇڭ سۇلالىسى(960-1279) قىتانلار، جۇرجىتلار، موڭغۇللار نىڭ بەسمۇ- بەس ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، باش كۆتۈرۈپ باقمىغان. مىڭ سۇلالىسى (1368- -1644 ) جۇ يۈەنجاڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان ”جۇ يۈەنجاڭنىڭ ئانىسى خۈيزۇ مۇسۇلمان ئىدى“ دىگەن خاتىرىلەر بار. مىڭ سۇلالىسى خىتاي تارىخىدا جەنۇبتىكىلەر شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ قۇرغان بىردىنبىر سۇلالە ھىسابلىنىدۇ. ئەمما مىڭ سۇلالىسنىڭ قوشۇنى بىز تەرەپكە يەتمىگەن، شۇڭا ئارتۇق سۆزلەنمەيدۇ. مىلادى220 – يىلى خەن سۇلالىسى گۇمران بولۇپ، 500 يىلدىن كىيىن تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلدى. تاڭ سۇلالىسى قۇرغۇچىسى لى يۈەن ئەسلى سۈي سۇلالىسى تەييۈەن ئايمىقىنىڭ ئامبىلى ئىدى، لى يۈەننىڭ نەسەبى توغرىسىدا سىيانپى ئىدى دەيدىغانلار كۆپ. 617- يىلى لى يۈەن شەرقى تۈرك خاقانى سىۋارغاننى سۈي سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ :“ پۈتۈن بايلىقلار سىلىگە قالسۇن، بەگلىك بىلەن زىمىن ماڭا قالسۇن،“ دەپ بىقىندىلىق بىلدۈرۈپ مەكتۇپ ئەۋەتتى. سىۋارخان خۇشاللىق بىلەن لى يۈەننىڭ ئەلچىسى لىيۇ ۋىنجىڭغا 2000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن، 1000 تۇياق ئات قوشۇپ يولغا سالدى. لى يۈەننىڭ بۆرىنى قوتانغا باشلايدىغان ساتقىنلىقى كىيىنكى دەۋىرلەردە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.1