1
د. سۇلايمان ئىبنى دۇرەيئ ئازىمى
سەھىھ ھەدىسلەر
(كتاب السنة)
4. جىلد
(3410 – ھەدىستىن 4141 – ھەدىسكىچە)
سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى
2013 - يىلسەھىھ ھەدىسلەر
(كتاب السنة)
مۇئەللىپ: د. سۇلايمان ئىبنى دۇرەيئ ئازىمى
تەرجىمە قىلغۇچى: مۆمىنجان سىدىق
ئابدۇسالام تەكلىماكان
مۇھەررىرى: ھىلال
مۆمىنجان سىدىق
كوررېكتورى: ھىلال
مۆمىنجان سىدىق
بەتچىك: ئىبراھىم بۇغرا
ئالاقىلىشىش ئادرىسى
Ördek Kasap Mah. Millet Cad Gülşen Apt
No:108 D: 5 Çapa - Fatih/ İstanbul/Türkiye
Tel:0090-212-5232877
E- mail: info@maarip.org / www: istiqlaltv.com
سەھىھ ھەدىسلەر
قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب تۆۋەندىكى ھەدىس مەنبە كىتابلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنىدۇ. ئۇ ئاساسەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ يىغىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇ قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان تۇنجى تەرجىمە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەھىھ ھەدىسكە بولغان چەكسىز تەشنالىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قاندۇرغۇسى ئىنشائاللاھ:
1ـ صحيح البخاري
2ـ صحيح مسلم
3ـ سنن أبي داود
4ـ سنن الترمذي
5ـ سنن النسائي
6ـ سنن ابن ماجة
7ـ مسند أحمد
8ـ مستدرك الحاكم
9ـ صحيح ابن حبان
10ـ صحيح ابن خزيمة
11ـ موطأ مالك
12ـ شرح المعاني للطحاوي
13ـ0 مشكل الآثار للطحاوي
14ـ أخبار مكة للفاكهي
1 – سەھىھ بۇخارى
2 – سەھىھ مۇسلىم
3 – سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد
4 – سۈنەنى تىرمىزى
5 – سۈنەنى نەسائى
6 – سۈنەنى ئىبنى ماجە
7 – مۇسنەدى ئەھمەد
8 – مۇستەدرەكى ھاكىم
9 – سەھىھ ئىبنى ھىببان
10 – سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە
11 – مۇۋەتتەئۇ مالىك
12 – شەرھۇلمەئانى لىتتەھاۋى
13 – مۈشكىلۇلئاسار لىتتەھاۋى
14 – ئەخبارۇمەككە لىلفاكىھى
كتاب السنة
الدكتور سليمان بن دريع العازمي
ترجمه إلى اللغة الأيغورية: مؤمنجان صديق
عبد السلام تكلماكان
المحرر: الهلال
مؤمنجان صديق
تصحيح الإملاء: الهلال
مؤمنجان صديق
التنضيد: إبراهيم بوغرا
مۇندەرىجە
مۇندەرىجە.............................................................................5
2
كىيىم – كېچەك ۋە زىبۇزىننەت بۆلۈمى
چىرايلىق كىيىم كىيىش 17
كىيىم - كېچەكتە كەمتەر بولۇش 18
يوتقان - كۆرپە ۋە كىيىم – كېچەكلەرنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق قىلىۋېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى 20
بىسات تۇتۇشنىڭ جايىزلىقى 20
كىيىمنى يۇيۇپ كىيىشنىڭ ۋە چىرايلىق يۈرۈشنىڭ ياخشىلىقى 20
يېڭى كىيىم كىيگەندە دۇئا قىلىش 21
ئاق كىيىم كىيىشنىڭ ياخشىلىقى 22
قىزىل ۋە يېشىل كىيىملەر 23
ئەڭ ياخشى كىيىم 23
سەللە يۆگەش 24
كىچىك بالىغا مونچاق ئېسىش 24
تون كىيىش 25
ئىچىگە ھېچنەرسە كىيمەي، بىر تاللا كىيىمگە ئورىنىۋېلىپ، پەشلىرىنى مۈرىسىگە ئارتىۋېلىشتىن ۋە بىر تاللا كىيىمنى كىيىپ زوڭ ئولتۇرۇشتىن چەكلەش 26
ئەر كىشىنى سېرىق بويالغان كىيىم كىيىشتىن چەكلەش 27
پۇتنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭدىسىغا يېتىش 27
ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەر ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللار 28
ئاياللارنىڭ كىيىملىرى ھەققىدە 28
پەخىرلىنىشنى نامايان قىلىدىغان كىيىم 30
ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشىنىڭ ھاراملىقى 30
يېپەكتىن ئىشلىتىش جايىز بولغان مىقدار 32
ئەر كىشىنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشىنىڭ دۇرۇسلۇقى 33
ئالتۇن تۈگمە 33
ئاياللارنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشى 34
يولۋاس ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى 37
كىيىملىرى بىلەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرانە مېڭىشنىڭ ھاراملىقى 38
كىيىمنى تەكەببۇرلۇق يۈزىدىن سۆرىلىپ تۇرغىدەك ئۇزۇن كىيىش 38
ئىشتاننى تەكەببۇرلۇق قىلماستىن ئۇزۇن كىيىش 40
ئىككى ئوشۇقتىن تۆۋەنگە ئۆتۈپ كەتكەن قىسمى دوزاختا بولىدۇ 40
كۆينەكنى ئۇزۇن كىيىش 41
ئاياغ كىيىشنىڭ ۋە ئۇنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ كىيىشنىڭ ياخشىلىقى 41
بىر ئاياغ بىلەن مېڭىشنىڭ بولمايدىغانلىقى 42
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايىغى ھەققىدە 43
ئۆرە تۇرۇپ ئاياغ كىيىشتىن توسۇش 43
ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھاراملىقى 44
ئالتۇن ئۈزۈك 44
كۈمۈش ئۈزۈك 46
ئۈزۈكنى نەقىشلەش 47
ئۈزۈكنى ئۈزۈك بارماققا سېلىش 47
ئۈزۈكنى ئوتتۇرا ۋە كۆرسەتكۈچ بارماققا سېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 48
چاچنىڭ ئەھكاملىرى 48
چاچنى قاتتۇرۇش 49
چاچنى ئايرىش 49
چاچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ، يەنە بىر قىسمىنى قويۇپ قويۇش 50
چاچنى تاراش 50
ئاق چاچنى يۇلۇش 51
چاچنى بوياش 51
ﷲنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكۈچى ئاياللار 52
چاچ ۋە ساقالغا خۇشپۇراقلىق نەرسە ئىشلىتىش 55
خۇشپۇراقلىق نەرسىلەرنى رەت قىلماسلىق 55
3
ئەر كىشىنىڭ زەپىران ئىشلىتىشىنىڭ چەكلىنىشى 55
خوتۇن كىشىنىڭ سىرتقا چىقماقچى بولغاندا خۇشپۇراقلىق نەرسە ئىشلىتىشىنىڭ چەكلىنىشى 56
تۆگىنىڭ بوينىغا كىرىچ بىلەن بەلگە ئېسىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى 56
سەپەردە ئىت ئېلىۋېلىش ۋە ئۇلاغقا قوڭغۇراق ئېسىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى 57
پەرىشتىلەرنىڭ ئىت ياكى سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدىغانلىقى 57
سۈرەت ۋە رەسىم سىزغۇچىغا لەنەت ئېيتىش 58
سۈرەت ۋە رەسىم سىزغۇچىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئازابى 59
سۈرەت ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى 61
سۈرەتلىك رەختنى دەسسەپ ئولتۇرىدىغان نەرسە قىلىش 62
كرېست بەلگىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش 63
كىچىك بالىلارنىڭ قورچاق ئوينىشى 63
تېبابەت بۆلۈمى
داۋالىنىشنىڭ جايىزلىقى 65
ئەرنىڭ ئايالنى، ئايالنىڭ ئەرنى داۋالىشى 66
كۆز تېگىش ھەقتۇر 66
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دەم سېلىشى 68
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەم سېلىشى 69
سۈرە فەلەق ۋە ناس بىلەن ھەم دەم سېلىش ھەم سۈپلەش 71
دەم سېلىش مۇستەھەب بولغان ئىشلار 73
شەرئىي دەم سېلىش ئۇسۇلى 75
دەم سېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ھەق ئېلىش 76
كىشىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى شىپا تىلەپ دۇئا قىلىشى 77
تۇمار ئېسىش ۋە ئىسسىتقۇ – سوۋۇتقۇ قىلىشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكى 78
قان ئېلىپ داۋالاش ۋە ئۇنىڭغا ھەق ئېلىش 79
قايسى ۋاقىتتا قان ئالدۇرۇلىدۇ؟ 83
سەپەردە ۋە ئېھرامدا قان ئالدۇرۇش 84
باشتىن قان ئالدۇرۇش 84
قان ئېلىنىدىغان ئورۇنلار 85
داغلاپ داۋالاش 86
قىزىتمىنى داۋالاش 88
دورا تېمىتىش ۋە ئۇد ھىندى 92
ھەسەل بىلەن داۋالىنىش 94
تەلبىنەنىڭ بىمارنىڭ يۈرىكىگە ئارام بېرىدىغانلىقى 95
ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدە شىپانىڭ بارلىقى 96
تۆگىنىڭ سۈتى ۋە سۈيدۈكى بىلەن داۋالىنىش 96
ئېشەك ۋە كالا سۈتلىرى 97
قاچىغا چىۋىن چۈشۈپ كەتكەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ 99
باشتا پەيدا بولغان ئەزىيەت تۈپەيلى چاچنى چۈشۈرۈۋېتىش 99
كەمئە ۋە ئەجۋە 100
قان توختىتىش ئۈچۈن بورا كۆيدۈرۈپ بېسىش 100
ئىرقۇننەسا كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى 101
سۈرمە تارتىش ۋە خېنە بىلەن داۋالاش 101
شەرئى بولمىغان نەرسىلەر بىلەن پاناھلىق تىلەش ۋە دەم سېلىش 102
كىشىنى ھالال بولمىغان نەرسىلەر بىلەن داۋالاش 102
كېسەللەرنى تاماق يېيىش ۋە سۇ ئىچىشكە زورلىماسلىق 103
سەمىرىش 103
ۋابا كېسىلى 104
يۇقۇملىنىش ۋە شۇم پال ئېلىشقا بولمايدۇ 108
4
شۇم پال ئېلىش ۋە ياخشى پال ئېلىش 111
تېرە كېسىلى (ماخاۋ كېسىلى)دىن يىراق تۇرۇش 114
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زەھەرلىنىشى ھەققىدىكى ھەدىسلەر 115
تېۋىپ (دوختۇر)نىڭ جىنايەتلىرى 117
سېھىرگەرلىك ۋە رەمباللىق 117
سېھىرنى ئەجۋە خورمىسى بىلەن داۋالاش 121
رەمباللىق ۋە رەم باقتۇرۇش 122
تۇغقانلارغا ياخشىلىق ۋە سىلە ـ رەھىم قىلىش بۆلۈمى
ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش 127
ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاپ تۇرۇپ، جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى 136
ئاتا – ئانىنى قاخشىتىش 136
ئاتا – ئانىنىڭ دۇئاسى 137
ئاتا – ئانىنى تىللاشنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى 138
سىلە – رەھىم قىلىشنىڭ پەزىلىتى 138
ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرغۇچىنىڭ سىلە – رەھىم قىلغۇچى بولمايدىغانلىقى 140
مۇشرىك قېرىنداشقا سىلە – رەھىم قىلىش 141
سىلە – رەھىمنى ئۈزگۈچىنىڭ گۇناھى 143
كىچىك بالىغا كۆيۈنۈش، ئۇنى سۆيۈش ۋە قۇچاقلاش 143
بالىنىڭ قورسىقىنى بېقىشتىن قورقۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش 145
قىز بالىلارنى تەربىيىلەش 146
جانابى ﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى 147
رەھىمسىز كىشىنىڭ ھالى 149
يېتىم بالا بېقىشنىڭ پەزىلىتى 150
تۇل ئاياللارغا ۋە مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ پەزىلىتى 150
قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ تەۋسىيە قىلىنغانلىقى 151
ئەدەپ – ئەخلاق بۆلۈمى
ياخشى ئەخلاقنىڭ پەزىلىتى 155
ھەممە ئىشتا مۇلايىم بولۇش 157
مۇئمىنلەرنىڭ بىر - بىرىگە ياردەم قىلىشى 159
بىراۋنى ﷲ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ پەزىلىتى 160
مۇئمىن بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش 163
ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇتۇشتىن چەكلەش 163
جانابى ﷲنىـڭ ئـۆزى ياخشى كۆرىـدىغان بەندىنى باشقا بەندىلەرگىمۇ ياخشى كۆرسىتىدىغانلىقى 165
باشقىلارنى تىللاش ۋە ئۇلارغا لەنەت ئېيتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 166
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم لەنەت ئېيتقان ياكى تىللىغان ۋەياكى دۇئايىبەد قىلغان كىشىدە بۇ ئىللەتلەرنىڭ بولماسلىقىنىڭ پەزىلىتى 168
ھايۋانلارنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى قارغاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 169
باشقىلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى كوچىلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 169
غەيۋەت قىلىشنىڭ ھاراملىقى 170
بۇزۇق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى 170
گەپ توشۇشنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى 171
ئىككى يۈزلۈك كىشىلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلار 172
ھەمراھى ھەققىدە ئېيتىلغانلارنى يەتكۈزۈش 173
5
يالغان سۆزلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 174
ياخشى كۆرۈلمەيدىغان مەدھىيە ۋە ماختاشلار 175
ياخشى كىشىنى ماختاش 176
گۇمان قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى 176
ئەپۇچان ۋە كەمتەر بولۇشنىڭ ياخشى خىسلەت ئىكەنلىكى 177
كىبىرلىك 177
ﷲ تائالا ئەيىبىنى يوشۇرىدىغان كىشىلەر 179
ئاچچىقلىنىشتىن ھەزەر ئەيلەش 180
ﷲنىڭ ئەمرىنى دەپ غەزەپلىنىش ۋە ئاچچىقلىنىشنىڭ دۇرۇسلۇقى 182
ئىنساننىڭ ئۆزىنى تۇتالمايدىغان خاراكتېردە يارىتىلغانلىقى 183
ئىنسانلارنى ناھەق قىينايدىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئازاب بىلەن قورقۇتۇلغانلىقى 183
مۇسۇلمانغا قورال تەڭلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 184
كىشىگە ئازار بېرىدىغان نەرسىلەرنى نېرى قىلىۋېتىشنىڭ پەزىلىتى 185
ھايا قىلىشنىڭ پەزىلىتى 185
ئاسانلاشتۇرۇش، تەسلەشتۈرمەسلىك 187
كىشىلەرگە چىقىشقاق مۇئامىلە قىلىش 189
مۇئمىننىڭ بىر توزاققا ئىككى قېتىم چۈشمەيدىغانلىقى 189
ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش 190
كىشىلەرنى ﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 192
ئىجازەت سوراش 193
سالامنىڭ باشلىنىشى 193
سالامنى ئىلىك ئېلىش 194
سالام بېرىش 195
كىچىك بالىلارغا سالام بېرىشنىڭ ياخشىلىقى 195
ئاياللارغا سالام بېرىش 196
زىممىيلارنىڭ سالامىنى قايتۇرۇش شەكلى 196
زىممىيلارنىڭ دەسلەپ سالام بېرىدىغانلىقى 197
مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىلاش سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىش 197
نامەھرەملەرگە ۋە نالايىق ئىشلارغا قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن ئىجازەت سوراشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى 199
سالام بېرىش ۋە ئۈچ قېتىم ئىجازەت سوراش 200
كىم بولىسەن؟ - دەپ سورالغاندا: مەن، - دېيىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى 201
ئىجازەت بەلگىسى 202
قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش 202
بىرىنى ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇرىۋېتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى 203
بىراۋ ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپ كېتىپ، كېيىن قايتىپ كەلسە، شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشقا شۇ كىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى 203
سورۇندىكى بوش ئورۇندا ئولتۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى 204
كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇش 205
ئوڭدىسىغا يېتىش 205
ئۈچ ئادەم بار يەردە، ئىككى ئادەمنىڭ پىچىرلىشىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى 205
سىر ساقلاش 206
كېچىسى دەرۋازىلارنى تاقىۋېتىش 206
ياخشى كۆرۈلمەيدىغان سۆزلەر 206
”ﷲ ئۇنىڭ يۈزىنى سەتلەشتۈرىۋەتسۇن“ دېيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى 208
ﷲ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىسىملار 209
ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىسىملار 210
6
كىچىكلەرنىڭمۇ، چوڭلارنىڭمۇ كۇنيە ئىسمى بولىدىغانلىقى 211
چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئەسنەكنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغانلىقى 212
دۇرۇس بولىدىغان شېئىرلار 214
مۇشرىكلارنى سۆكۈش 218
يامان كۆرۈلىدىغان شېئىرلار 220
مەخلۇقاتنىڭ يارىتىلىشى ۋە پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى ھەدىسلەر بۆلۈمى
مەخلۇقاتنىڭ يارىتىلىشى 223
پەرىشتىلەر ۋە جىنلارنىڭ يارىتىلىشى 224
شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە قوشۇنلىرىنى ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا يوللايدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەربىر ئىنساننى ئازدۇرۇشقا مۇئەككەل بىر شەيتاننىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغانلىقى 225
قۇياش ۋە ئاينىڭ سۈپىتى 226
يەتتە قات زېمىن ھەققىدىكى ھەدىسلەر 226
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يارىتىلىشى 227
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسرا كېچىسى كۆرگەن بەزى پەيغەمبەرلەر 232
نۇھ ئەلەيھىسسالام 235
ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئادنىڭ قانداق ھالاك قىلىنغانلىقى 236
سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى سەمۇد 237
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 237
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام 249
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام 250
ئەييۇب ئەلەيھىسسالام 251
يۇنۇس ئەلەيھىسسالام 252
مۇسا ئەلەيھىسسالام 252
مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر ئەلەيھىسسالام 255
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى 261
داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام 262
ئىيسا ئەلەيھىسسالام 264
بەنى ئىسرائىل قەۋمى 268
خەندەك ئىگىلىرى، شۇنداقلا، بىر راھىب بىلەن بىر بالا ھەققىدىكى قىسسە 274
غار ئىگىلىرىنىڭ قىسسىسى 279
ئاق كېسەل، ئەما ۋە تازنىڭ ۋەقەلىكى 281
ۋەھىي (نىڭ باشلىنىش) بۆلۈمى
كۆكرەكنىڭ يېرىلىشى 285
ۋەھىينىڭ باشلىنىشى 286
ۋەھىينىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىش ئەھۋالى 289
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قۇرئاننى ئۆزئارا ئوقۇشى 292
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسرا قىلدۇرۇلۇشى 292
(يەنى ئاسمانغا ئۆرلىتىلىشى) 292
سىدرەتۇلمۇنتەھا 297
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى 298
سىيرە ۋە غازات بۆلۈمى
سىيرە 299
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا – ئانىسى ھەققىدىكى ھەدىسلەر 304
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى ھەققىدىكى ھەدىسلەر 304
ئاشكارا دەۋەتنىڭ باشلىنىشى 313
بەدر غازىتى 358
بەدر غازىتىدا پەرىشتلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى 368
7
ئۇھۇد غازىتى 387
رەجىئ غازىتى 406
مەئۇنە قۇدۇقى ۋەقەسى 410
ئەھزاب غازىتى 415
ئەنمار غازىتى 457
سۈلھى بۆلۈمى
ھۇدەيبىيە سۈلھىسى 469
زىقەرەد غازىتى 484
خەيبەر غازىتى 485
زاتۇررىقائ غازىتى 505
ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە سەھمىنىڭ قوشۇنى 506
قازا ئۆمرە 507
نەجد تەرەپكە ئەۋەتىلگەن قوشۇن 509
مۇئتە غازىتى 510
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسامە ئىبنى زەيدنى ھۇرەقاتقا ئەۋەتىشى 511
زاتىسسەلاسىل غازىتى 512
مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى 513
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن كىرىشى 523
كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى بۇتلارنىڭ يوق قىلىنىشى 524
فەتىھدىن كېيىن قۇرەيشلىك ھېچبىر ئادەم باغلاپ قويۇلۇپ، ئاندىن قارىغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلمەيدۇ 525
مەككىدە ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھاراملىقى 526
مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن (مەككىدىن) ھىجرەت قىلىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى 527
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خالىد ئىبنى ۋەلىدنى بەنى جەزىيمە قەبىلىسىگە ئەۋەتىشى 527
ھۇنەين غازىتى 528
ھۇنەين غازىتىنىڭ غەنىمەتلىرى 534
تائىف غازىتى 538
ئەۋتاس غازىتى 539
تەبۇك غازىتى 541
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجر دىيارىدىن ناھايىتى تېز ئۆتۈشى 560
ھىجرىيىنىڭ 9 - يىلى ئەبۇ بەكرىنىڭ ھاجىلار باشلىقى بولۇپ ھەج قىلىشى 560
زۇلخەلەسە غازىتى 561
جەرىرنىڭ يەمەنگە بېرىشى 563
ئەلى ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ يەمەنگە ئەۋەتىلىشى 564
ئەبۇ مۇسا ۋە مۇئازنىڭ يەمەنگە ئەۋەتىلىشى 565
بەنى تەمىم قەبىلىسىنىڭ ئەلچىلىرى 567
يەمەن ئەھلىنىڭ كېلىشى 569
ئابدۇلقەيس جەمەتىنىڭ ئەلچىلىرى 569
نەجران ئەھلىنىڭ قىسسىسى 570
دەۋس ۋە تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىنىڭ قىسسىسى 571
ۋىدالىشىش ھەججى 572
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى 574
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسىلىدە ئۇسامە ئىبنى زەيدنى ئەمىر قىلىپ قوشۇن ئەۋەتىشى 584
كىيىم – كېچەك ۋە زىبۇزىننەت بۆلۈمى
چىرايلىق كىيىم كىيىش
3410- عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ مَسْعُودٍ عَنِ النَّبي صَلَّى الله عَليْهِ وسَلَّمَ قَالَ: «لاَ يَدْخُلُ الْجَنَّةَ مَنْ كَانَ في قَلْبِهِ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ مِنْ كِبْرٍ». قَالَ رَجُلٌ: إِنَّ الرَّجُلَ يُحِبُّ أَنْ يَكُونَ ثَوْبُهُ حَسَنًا وَنَعْلُهُ حَسَنَةً. قَالَ: «إِنَّ اللَّهَ جَمِيلٌ يُحِبُّ الْجَمَالَ الْكِبْرُ بَطَرُ الْحَقِّ وَغَمْطُ النَّاسِ». [م: (91)]
8
3410 - ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ دىلىدا زەررىچىلىك كىبىر بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ، ـ دېدى، بىر كىشى:
ــ ئادەم چىرايلىق كىيىم ـ كېچەكلەرنى ۋە چىرايلىق ئاياغلارنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇمۇ كىبىرلىك بولامدۇ؟ ـ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ﷲ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. كىبىر دېگەن ھەقكە ئۇنىماسلىق، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر، ـ دېدى.
مۇسلىم: 91
3411- عَنْ عبد الله بن عمرو قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى الله عَليْهِ وسَلَّمَ: «إِنَّ اللَّهَ يُحِبَّ أَنْ يُرَى أَثَرُ نِعْمَتِهِ عَلَى عَبْدِهِ». [ت: (2819) وحسنه، وقال الألباني: حَسَنٌ صحيح]
3411 - ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، ﷲ بەندىسىگە بەرگەن نېمىتىنىڭ ئەسىرىنىڭ (ئىزناسىنىڭ) ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆرۈلۇشىنى خالايدۇ».
3512- عَنْ أَبي الأَحْوَصِ عَنْ أَبِيهِ قَالَ: أَتَيْتُ النَّبي صَلَّى الله عَليْهِ وسَلَّمَ في ثَوْبٍ دُونٍ فَقَالَ: «أَلَكَ مَالٌ». قَالَ: نَعَمْ. قَالَ: «مِنْ أَىِّ الْمَالِ». قَالَ: قَدْ أَتَاني اللَّهُ مِنَ الإِبِلِ وَالْغَنَمِ وَالْخَيْلِ وَالرَّقِيقِ. قَالَ: «فَإِذَا أَتَاكَ اللَّهُ مَالاً فَلْيُرَ أَثَرُ نِعْمَةِ اللَّهِ عَلَيْكَ وَكَرَامَتِهِ». [د: (4063)، وصححه الألباني في (المشكاة) (4352)]
3512 - ئەبۇ ئەھۋەستىن دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئۇچامغا ئاددىي كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ مەندىن:
ــ پۇل ـ مېلىڭ بارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:
ــ ھەئە، بار، ـ دېدىم. ئۇ:
ــ قايسى تۈرلۈك ماللىرىڭ بار؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:
ــ ﷲ ماڭا تۆگە، قوي، ئات ۋە قۇل قاتارلىقلارنى بەردى، ـ دېدىم. ئۇ:
ـ ﷲ ساڭا مال بەرگەن ئىكەن، ﷲنىڭ نېمىتى ۋە كارامىتى ئۈستۈڭدە كۆرۈلۈشى كېرەك، ـ دېدى.
كىيىم – كېچەكتە كەمتەر بولۇش
3413- عَنْ أَبِي بُرْدَةَ قَالَ: دَخَلْتُ عَلَى عَائِشَةَ فَأَخْرَجَتْ إِلَيْنَا إِزَارًا غَلِيظًا مِمَّا يُصْنَعُ بِالْيَمَنِ، وَكِسَاءً مِنَ الَّتِي يُسَمُّونَهَا الْمُلَبَّدَةَ. قَالَ: فَأَقْسَمَتْ بِاللَّهِ إِنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى الله عَليْهِ وسَلَّمَ قُبِضَ فِي هَذَيْنِ الثَّوْبَيْنِ. [خ: (3108)، م: (2080)]