الاولى: قول الطحاوي «قديم بلا ابتداء» فهذه من محدثات أهل الكلام، ولا يسمى اللە تعالى إلا بما سمى به نفسه، أو سماه به رسوله ﷺ.
بىرىنچى، ئىمام تەھاۋىينىڭ: «اللە نىڭ باشلىنىشى يوق ئەزەلىي زاتتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. بۇ سۆزى پەلسەپىچىلەرنىڭ بىدئەتلىرىدىن بولۇپ، اللە تائالا پەقەت ئۆزى ئاتىغان ئىسىملار بىلەنلا ياكى اللە تائالانىڭ ئەلچىسى ﷺ ئاتىغان ئىسىملار بىلەنلا ئاتىلىدۇ.
الثانية: قوله «تعالى عن الحدود والغايات والأركان والأعضاء والأدوات» وهذه ألفاظ لم ترد في الشرع لا نفيًا ولا إثباتًا، بل هي من محدثات المتكلمين، والأولى التقيد بالألفاظ الشرعية.
ئىككىنچى، ئىمام تەھاۋىينىڭ «اللە تائالا چەك-چېگرالار، ئاخىرقى نۇقتىلار، تايانچلار، (مەخلۇقاتلارنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش) ئەزالار، ئەسۋابلاردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر» دېگەن سۆزىدۇر. شەرىئەت (قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف)تە بۇ سۆزلەر ئىنكار قىلىنىپ ياكى ئىسپاتلىنىپ كەلمىگەن بەلكى ئۇ سۆزلەر پەلسەپىچىلەرنىڭ بىدئەتلىرىدىندۇر. اللە تائالانى سۈپەتلەشتە شەرىئەتنىڭ سۆزلىرى بىلەنلا چەكلىنىش بەك مۇھىمدۇر.
الثالثة: تقريره «أن الايمان إقرار باللسان وتصديق بالجنان»، فأخرج بذلك الأعمال من اسم الإيمان، وهذا خلاف ما عليه جماهير السلف من المذاهب المختلفة.
ئۈچىنچى، ئىمام تەھاۋىينىڭ: «ئىمان — تىل بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە قەلب بىلەن تەستىقلاشتۇر» دېگەن بايانىدۇر. ئىمام تەھاۋىي بۇ بايانىدا ئەمەللـەرنى ئىمان ئاتالغۇسىنىڭ ئىچىدىن چىقىرىۋەتكەن. بۇ بايان ھەرقايسى مەزھەبلەردىن بولغان سەلەف ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى بىرلىككە كەلگەن ئىمان ئاتالغۇسىغا خىلاپتۇر.
فرحم اللە الإمامين: الطحاوي وابن أبي العز وسائر الأئمة أجمعين، على خدمتهم للسنة ولعقيدة أهل السنة والجماعة.
سۈننەتكە ۋە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئەقىدىسىگە خىزمەت قىلغان ئىمام تەھاۋىي، ئىبنى ئەبۇ ئىز ۋە باشقا بارلىق ئىماملارغا اللە رەھمەت قىلسۇن.
وقد أحببت أن أشرح هذه العقيدة، شرحًا موجزًا، يناسب المبتدئين من طلبة العلم، وينفع العامة. واللە أسألە أن ينفع بهذا الكتاب المسلمين وأن يثقل لي به الموازين.
مەن بۇ ئەقىدىنى تالىپلاردىن يېڭى ئوقۇش باشلىغانلارغا مۇناسىپ كېلىدىغان ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان قىلىپ، ئىخچام شەرھىلەشنى ياخشى كۆردۈم. اللە تىن بۇ كىتاب بىلەن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت بېرىشىنى ۋە مېنىڭ تارازىلىرىمنى ئېغىر قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن.