1
تەفھىيمۇل قۇرئان
4-توم
مۇندەرىجە
100 - ئايەتتىن 101 - ئايەتكىچە
102 - ئايەتتىن 104 - ئايەتكىچە
105 - ئايەتتىن 109 - ئايەتكىچە
1
تەفھىيمۇل قۇرئان
4-توم
مۇندەرىجە
100 - ئايەتتىن 101 - ئايەتكىچە
102 - ئايەتتىن 104 - ئايەتكىچە
105 - ئايەتتىن 109 - ئايەتكىچە
2
3
102 - ئايەتتىن 103 - ئايەتكىچە
104 - ئايەتتىن 107 - ئايەتكىچە
108 - ئايەتتىن 109 - ئايەتكىچە
110 - ئايەتتىن 111 - ئايەتكىچە
112 - ئايەتتىن 113 - ئايەتكىچە
114 - ئايەتتىن 117 - ئايەتكىچە
118 - ئايەتتىن 120 - ئايەتكىچە
121 - ئايەتتىن 122 - ئايەتكىچە
123 - ئايەتتىن 124 - ئايەتكىچە
125 - ئايەتتىن 127 - ئايەتكىچە
128 - ئايەتتىن 130 - ئايەتكىچە
4
5
101 - ئايەتتىن 111 - ئايەتكىچە
112 - ئايەتتىن 118 - ئايەتكىچە
سُبْحَـٰنَ ٱلَّذِىٓ أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِۦ لَيْلًا مِّنَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ إِلَى ٱلْمَسْجِدِ ٱلْأَقْصَا ٱلَّذِى بَـٰرَكْنَا حَوْلَهُۥ لِنُرِيَهُۥ مِنْ ءَايَـٰتِنَآ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ ﴿١﴾
6
ئاللاھ پاكتۇركى، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر كېچىدە بەندىسىنى مەسچىتى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىتى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى[1]. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.﴿1﴾
[1] بۇ ئادەتتە «مېراج » ۋە «ئىسرا» دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان ۋەقە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىشەنچلىك خەۋەرلەر ئۇنىڭ ھىجرەتتىن بىر يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەدىس ۋە تەرجىمىھال كىتابلىرىدا جەمئىي 25 كە يېقىن ساھابىلەردىن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنەس بىن مالىك، مالىك بىن سەئسەئە، ئەبۇ زەر غەففارى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ قىلغان بايانلىرى ئەڭ مۇپەسسەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد، ئابدۇللاھ بىن ئابباس، ئەبۇ سەئىد خۇزرى، خۇزەيفە بىن يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قاتارلىق ساھابىلەرمۇ بۇ ۋەقەنىڭ بەزى جايلىرىنى بايان قىلغان. قۇرئان كەرىم بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى ھەرەمدىن مەسچىتى ئەقساغا بارغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىسىگە بىر قىسىم مۆجىزىلىرىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭدىن باشقا تەپسىلاتلار سۆزلەنمىگەن بولۇپ، ھەدىسلەردە سۆزلەنگەن تەپسىلاتلارنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: بىر كېچىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «بۇراق (دۇلدۇل)»تا ئولتۇرغۇزۇپ مەسچىتى ھەرەمدىن مەسچىتى ئەقساغا ئېلىپ بارىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسچىتى ئەقسادا بارلىق پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى تاشقى ئالەمگە ئېلىپ ئۇچىدۇ. ھەرقايسى ئاسمان قاتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ. ئاخىرىدا ئىنتايىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ، شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا نۇرغۇنلىغان مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بېرىش بىلەن بىرگە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇل مۇقەددەسكە قايتىپ چۈشۈپ، ئاندىن مەسچىتى ھەرەمگە يېنىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتىكى نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جەننەت بىلەن دوزاخنىڭمۇ كۆرسىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. بەزى ئىشەنچلىك خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىككىنچى كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەندە مەككە كۇپپارلىرى قاتتىق مازاق قىلىشقان، ھەتتا بەزى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىمۇ تەۋرىنىپ كەتكەن. ھەدىستىكى بۇ قوشۇمچە تەپسىلاتلار قۇرئانغا ھەرگىزمۇ خىلاپ كەلمەيدۇ، بەلكى قۇرئاننىڭ بايانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنى قۇرئانغا خىلاپ دەپ رەت قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. شەكسىزكى، قۇرئان بايان قىلىۋاتقاننى ئىنكار قىلىش كۇپرىلىققا سەۋەبچى بولىدۇ، ئەمما بۇ تەپسىلاتلارنىڭ ھەدىستە دېيىلگەن قوشۇمچە قىسمىنى رەت قىلغانلارغا كاپىرلىق ھۆكۈمىنى چىقارغىلى بولمايدۇ. «بۇ سەپەرنىڭ خاراكتېرى نېمە؟ ئۇيقۇ ئالىمىدە قىلىنغان سەپەرمۇ ياكى ئويغاق ھالەتتىمۇ ۋەياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئولتۇرغان يېرىدىلا جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس، روھىي جەھەتتىن سەپەر قىلدۇرغانمۇ؟» دېگەن سوئاللارغا قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزلىرى ئۆزىلا جاۋاب بەرمەكتە. يۇقىرىدا سۆزنىڭ «سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَى» دېيىش بىلەن باشلانغانلىقى بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئادەتتىن تاشقىرى، ئالاھىدە ۋەقە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەكتە.
7
شۇنىسى ئېنىقكى، بىر ئادەمنىڭ چۈشىدە ئاشۇنداق ۋەقەنى كۆرگەنلىكىگە ياكى كەشىپ بىلەن كۆرسىتىلگەنلىكىگە قارىتا ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددىمە ئورنىدا «ئاللاھ بارلىق ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇركى، ئۇ ئۆز بەندىسىنىڭ چۈشىدە پالانى ئىشنى كۆرسەتتى» ياكى «ئۆز بەندىسىگە پالانى ئىشنى كەشىپ بىلەن كۆرسەتتى» دەپ يۈرۈشى قىلچە ھاجەتسىز. بۇ يەردىكى «بىر كېچىسىدە بەندىسىنى ئېلىپ» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ روھانىي سەپەر ئەمەس بەلكى جىسمانىي سەپەر ئىكەنلىكىگە ئوچۇق دالالەت قىلماقتا. ئەمما چۈشتە كۆرگەن سەپەرگە ياكى كەشىپ بىلەن كۆرسىتىلگەن سەپەرگە بۇنداق سۆزنى ئىشلىتىش ھەقىقەتەن مۇناسىپ بولمىغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ قانداقتۇر روھانىي سەپەر ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن قىلدۇرۇلغان جىسمانىي سەپەر ئىكەنلىكىگە، كۆزگە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي مەنزىرە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن باشقا چارىمىز يوق. ئايروپىلان بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بىر كېچىدىلا مەككىدىن بەيتۇل مۇقەددەسكە بېرىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە نىسبەتەن تامامەن مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەدىستە بايان قىلىنغان قوشۇمچە جەريانلارنى «مۇمكىن ئەمەس» دەپ قانداقمۇ رەت قىلغىلى بولسۇن؟ بىرەر مەخلۇق ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان ئەھۋالدىلا «مۇمكىن» ياكى «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقسا بولىدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىش چوقۇمكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر. ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان قوشۇمچە تەپسىلاتلارغا قارىتا ھەدىس ئىنكارچىلىرى تەرىپىدىن يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئېتىرازلار بىلدۈرۈلۈپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە «بىر ئاز ۋەزنى بار» دېيىشكە بولىدىغىنى تۆۋەندىكى ئىككى ئېتىرازدىن ئىبارەتتۇر: بىرى، «ئۇ ھالدا ئاللاھ مەخسۇس بىر جايدا مۇقىم يەر ئالغان» دېگەن ئۇقۇم كېلىپ چىقمامدۇ؟ بولمىسا، ئاللاھقا نىسبەتەن بەندىسىنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن شۇنچە سەپەر قىلدۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ يەنە بىرى، تېخى بەندىلەرنىڭ مەسىلىلىرى بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دوزاخ بىلەن جەننەتنى ۋە بىر قىسىم جازالانغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى قانداقمۇ كۆرسەتكىلى بولسۇن؟ جازالاش ياكى مۇكاپاتلاش دېگەن قىيامەتتىن كېيىنكى ئىشلار تۇرسا، بەزى كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھازىردىن باشلاپلا جازا بېرىلىپ كېتىدۇ؟ ھەقىقەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئېتىراز پىكىر كەمچىللىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى ئېتىراز شۇنىڭ ئۈچۈن خاتاكى، ياراتقۇچى ئاللاھ سۈپەت جەھەتتە شەكسىز مۇتلەقلىككە ئىگە. ئەمما مەخلۇقلارغا مۇئامىلە قىلىشتا قانداقتۇر ئۆزىنىڭ بىرەر ئاجىزلىقىنى ئەمەس، بەلكى مەخلۇقلارنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، چەكلىك ۋاسىتىلەرنى تاللايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ ئۆز بەندىسىگە سۆز قىلىدىغان چاغدا، ئىنسان ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان سۆز قىلىشنىڭ چەكلىك ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىمۇ سۈپەت جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇتلەقلىككە ئىگىدۇر. خۇددى شۇنىڭدەك ئاللاھ ئۆز سەلتەنىتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۆجىزىلىرىنى بەندىسىگە كۆرسەتمەكچى بولغاندا، ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، قانداق جايدا، قانداق نەرسىنى كۆرسىتىش كېرەك بولسا شۇ نەرسىنى شۇ يەردە كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىنسان پۈتكۈل كائىناتنى ئاللاھ كۆرگەندەك بىرلا قېتىمدا كۆرەلمەيدۇ. ئاللاھقا نىسبەتەن بىر نەرسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىرەر جايغا بېرىش كەتمەيدۇ، ئەمما بەندىلەر بارمىسا بولمايدۇ.
8
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇش مەسىلىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، گەرچە ئاللاھ ئۆزى بىر يەردە مۇقىم تۇرۇشلۇق بولمىسىمۇ، بەندىلەر پەرۋەردىگارى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەجەللىلىرى مەركەزلىشىدىغان بىرەر ئورۇنغا موھتاج بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق سۈپەتلىرىگە ئاساسەن قۇدرىتى چەكلىك بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ھەمسۆھبەت بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئىككىنچى ئېتىرازغا كەلسەك، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن خاتاكى، مېراج جەريانىدا بەزى ھەقىقەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەمسىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن: پىتنىلىك سۆزلەرگە نىسبەتەن بىر سېمىز كالىنىڭ كىچىككىنە بىر تۆشۈكتىن چىققانلىقى ئاندىن قايتىپ كىرەلمىگەنلىكى تەمسىل قىلىنغان. زىناخورلارغا نىسبەتەن يېنىدا يېڭى، پاك گۆش تۇرۇپ، سېسىق گۆشنى يەۋاتقانلىقى تەمسىل قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆرسىتىلگەن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ جازالىرىمۇ خۇددى مۇشۇلارغا ئوخشاش ئاخىرەتتىكى جازالارنىڭ سۈپىتىدە ئالدىن كۆرسىتىلگەن تەمسىللەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ يەردە مېراجغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ئىشنىمۇ ئالاھىدە بىلىۋېلىش لازىم. ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ئورۇن، مەنسىپىگە يارىشا «مَلَكُوتَ السَّمَاوَئاتِ وَالأَرْضِ» (ئاسمان، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرى) نى كۆرسەتكەن. پەيغەمبەرلەر كۆرمەستىن ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ماددىي ھىجابلىرى قايرىلغان ھالدا ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى پەيلاسوپلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى پەيلاسوپلارنىڭ دېگەنلىرى پەرەز بىلەن قىياسنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ. ئۆز سالاھىيىتىنى تونۇيدىغان ھەرقانداق پەيلاسوپ ئوتتۇرىغا قويغان قارىشىنى «قەتئىي توغرا» دەپ ھەرگىزمۇ گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ. ئەمما پەيغەمبەرلەرنىڭ دېگەنلىرى بىۋاسىتە ئىلىمنى ۋە ئەمەلىي كۆرگەنلىرىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا «بىز بۇ ئىشلارنى قەتئىي بىلىمىز، كۆزلىرىمىز مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئېنىق كۆرگەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.
وَءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَجَعَلْنَـٰهُ هُدًى لِّبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُوا۟ مِن دُونِى وَكِيلًا ﴿٢﴾
ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَبْدًا شَكُورًا ﴿٣﴾