1
تەفھىيمۇل قۇرئان
3-توم
مۇندەرىجە
100 - ئايەتتىن 105 - ئايەتكىچە
104 - ئايەتتىن 109 - ئايەتكىچە
112 - ئايەتتىن 115 - ئايەتكىچە
1
تەفھىيمۇل قۇرئان
3-توم
مۇندەرىجە
100 - ئايەتتىن 105 - ئايەتكىچە
104 - ئايەتتىن 109 - ئايەتكىچە
112 - ئايەتتىن 115 - ئايەتكىچە
2
3
114 - ئايەتتىن 117 - ئايەتكىچە
119 - ئايەتتىن 124 - ئايەتكىچە
125 - ئايەتتىن 128 - ئايەتكىچە
الٓر ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْحَكِيمِ ﴿١﴾
أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنْ أَوْحَيْنَآ إِلَىٰ رَجُلٍ مِّنْهُمْ أَنْ أَنذِرِ ٱلنَّاسَ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنَّ لَهُمْ قَدَمَ صِدْقٍ عِندَ رَبِّهِمْ ۗ قَالَ ٱلْكَـٰفِرُونَ إِنَّ هَـٰذَا لَسَـٰحِرٌ مُّبِينٌ ﴿٢﴾
إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۖ يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ ۖ مَا مِن شَفِيعٍ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ إِذْنِهِۦ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ فَٱعْبُدُوهُ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ﴿٣﴾
ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر﴿1﴾. ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): «(غاپىل) كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھىي قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟﴿2﴾ كاپىرلار: (ئەجەبا مۇشۇ گەپ ئۈچۈنلا) «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېيىشتىمۇ؟﴿3﴾.﴿1–3﴾
﴿1﴾ بۇ مۇقەددىمە خاراكتېرلىك جۈملە ناھايىتىمۇ مۇلايىم ئەسكەرتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلىتىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىنى «ئاغزاكى سېھىر»، «شائىرانە خىيال»، «جادۇگەرلەرگە خاس تاشقى ئالەمنىڭ سۆزلىرى» دەپ چۈشىنىۋاتقان نادان كىشىلەرگە «بۇ سىلەر گۇمان قىلىۋاتقان نەرسە ئەمەس، بەلكى ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرى. ئەگەر ئۇنىڭغا ئەستايىدىل بولمىساڭلار، ھېكمەتتىن مەھرۇم قالىسىلەر» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلمەكتە. ﴿2﴾ يەنى، بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك نەرى بار؟ ئىنسانلارغا ھوشىنى تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىنسان تەيىنلەنمەي، پەرىشتە، جىن ياكى ھايۋان تەيىنلەنسە بولامتى؟ ئىنسانلار ھەقىقەتتىن غاپىل بولۇپ، خاتا يوللارغا كىرىپ قالغاندا، ياراتقۇچىسى ھەم پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ ئۇلارغا رەھنىمالىق قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلاشقا بىرەر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلسا ئەجەبلىنەرلىك بولامدۇ ياكى ئۇلارنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويسىمۇ؟ ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلغان ئادەم يۇقىرى مەرتىۋىگە سازاۋەر بولۇشى لازىممۇ ياكى رەت قىلغان ئادەممۇ؟ دېمەك، ئەجەبلەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نېمىگە غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى ياخشى ئويلىنىشى لازىم. ﴿3﴾ يەنى، ئۇلار «سېھىرگەر » دېگەن تۇتۇرۇقسىز گەپنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشنىغۇ چىقاردى. ئەمما ئۇ گەپنىڭ ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىشىپ باقمىدى. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئالىي خىتابلار ئارقىلىق ئىدىيە، قەلبلەرنى مەھلىيا قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭغا «سېھىرگەر » دەپ باھا بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ئۆز خىتابلىرىدا نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىغا، ناتىقلىق ئىقتىدارىنى نېمە مەقسەتتە ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ھەمدە ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ ھاياتىغا قانداق ۋە قايسى خىل تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك. چۈنكى نۇتۇق تالانتىنى ناتوغرا مەقسەت ئۈچۈن ئىستېمال قىلىدىغان ئادەم يۈگەنسىز ھەم مەسئۇلىيەتسىز ناتىق بولىدۇ، ئاڭلىغان ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان گەپلا بولسا قانچىلىك يالغان، مۇبالىغە، ناھەق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەق، ساداقەت، ئىنسابتىن ئازاد ھالدا سۆزلەۋېرىدۇ. ئۇنداقلارنىڭ سۆزلىرىدە ھېكمەت ئەمەس ئالدامچىلىق، ئەتراپلىق پىكىر ئەمەس بىر – بىرىگە زىت، چىگىشلەر، تەڭپۇڭلۇق ئەمەس ئېگىز – پەسلىك بولىدۇ. ئۇ يا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن زۇۋاندارازلىق قىلىدۇ، يا كىشىلەرنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىپ، بىر سىنىپنى يەنە بىرىگە قارشى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىدىن نە ئەخلاقى يۈكسەكلىك، نە ئىنسان ھاياتىغا پايدىلىق ئۆزگىرىش، نە ساغلام پىكىر ۋە ساغلام مۇھىت مەيدانغا كەلمەيدۇ. بەلكى ئەكسىچە، كىشىلەردە ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەررەك سۈپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردە شۇنى كۆرۈمىزكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سۆزلەر ھېكمەتكە تولغان، ئۇنىڭدا ماسلىشىشچان، مۇنتىزىم پىكىر ۋە پەۋقۇلئاددە تەڭپۇڭلۇق بار. ھەق، ساداقەتكە بېرىلىۋاتقان قاتتىق ئەھمىيەت بار. ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ئۆلچەملىك، تارازىغا ئولتۇرىدىغان گەپلەر. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان خىتابلىرىدا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشقا بىرەر غەيرىي مەقسەتنىڭ ئەسىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرىدا خۇسۇسىي، ئائىلىۋى، مىللىي ياكى شۇنىڭدەك بىرەر دۇنيالىق شەخسىي غەرەزلەرنىڭ ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ خالايدىغىنى پەقەت غەپلەتتە قالغان كىشىلەرنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى پايدىلىق يول تەرەپكە چاقىرىشتىنلا ئىبارەت.
4
ئۇنىڭ قىلىۋاتقان خىتابلىرىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان تەسىرلەرمۇ سېھىرگەرلىكنىڭ تەسىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى قايتىدىن تۈزىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئەخلاقلىق ئىنسانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ئەمەلىدىن خەيرلىك ھەم ياخشىلىقنىڭ شەۋكىتى نامايان بولىدۇ. قېنى ئۆزۈڭلار بىر ئويلىنىپ بېقىڭلار! سېھىرگەرلەر ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى قىلالامدۇ؟ ئەنە شۇنداق نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلەمدۇ؟
إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُۥ يَبْدَؤُا۟ ٱلْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ لِيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ بِٱلْقِسْطِ ۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَهُمْ شَرَابٌ مِّنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْفُرُونَ ﴿٤﴾
هُوَ ٱلَّذِى جَعَلَ ٱلشَّمْسَ ضِيَآءً وَٱلْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُۥ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا۟ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلْحِسَابَ ۚ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۚ يُفَصِّلُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ ﴿٥﴾
إِنَّ فِى ٱخْتِلَـٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَّقُونَ ﴿٦﴾
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَآءَنَا وَرَضُوا۟ بِٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَٱطْمَأَنُّوا۟ بِهَا وَٱلَّذِينَ هُمْ عَنْ ءَايَـٰتِنَا غَـٰفِلُونَ ﴿٧﴾
أُو۟لَـٰٓئِكَ مَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ ﴿٨﴾
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ يَهْدِيهِمْ رَبُّهُم بِإِيمَـٰنِهِمْ ۖ تَجْرِى مِن تَحْتِهِمُ ٱلْأَنْهَـٰرُ فِى جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ ﴿٩﴾
دَعْوَىٰهُمْ فِيهَا سُبْحَـٰنَكَ ٱللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَـٰمٌ ۚ وَءَاخِرُ دَعْوَىٰهُمْ أَنِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٠﴾
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر﴿8﴾، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ يەنە تىرىلدۈرىدۇ﴿9﴾، (بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى،) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، كاپىرلارنىڭ ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلى ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴿10﴾.﴿4–10﴾
5
﴿8﴾ بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي تەلىماتى بولۇپ، بىرىنچىسى «ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئىككىنچىسى «سىلەر دۇنيادىن قايتىپ، ئۆز رەببىڭلارغا ھېساب بېرىسىلەر» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ﴿9﴾ بۇ جۈملىدە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن دەلىللەش بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھ ئىنساننى دەسلەپتە پەيدا قىلغانلىقىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، يەنە تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يارىتىشنى ئاللاھنىڭ باشلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەر قانداق ئادەم ئاللاھنىڭ يەنە تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ «مۇمكىنچىلىكتىن خالى ئەقىلگە سىغماس ئىش» دەپ قارىمايدۇ. (پەقەت پوپلارنىڭ دىنىدىن قېچىپ دەھرىي بولۇپ كەتكەن ۋە «ياراتقۇچىسىز يارىلىش» دېگەن ئەخمىقانە نەزەرىيەگە ئورىنىۋالغان كىشىلەرلا بۇنىڭ سىرتىدا.) ﴿10﴾ بۇ يەردە دەل ئىنساننى قايتا يارىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تىلغا ئېلىنماقتا. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دەلىللەر تىرىلدۈرۈشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى، ئۇنى ئىمكاندىن يىراق دەپ قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئىدى. بۇ يەردە بولسا، تىرىلدۈرۈش ئەقىل ۋە ئىنسابنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ ئېھتىياجنىڭ قايتا يارىتىشتىن باشقا يول بىلەن قامدالمايدىغانلىقى سۆزلەنمەكتە. ئاللاھنى بىردىنبىر پەرۋەردىگار دەپ تونۇپ، بەندىچىلىكنىڭ توغرا يولىنى تاللىغان ئادەم ھەقىقەتەنمۇ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا تولۇق مۇكاپاتلىنىشقا ھەقلىق. شۇنىڭدەك، ھەقنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ھايات كەچۈرگەنلەرمۇ قىلغان قىلمىشىغا يارىشا تولۇق جازالىنىشقا مۇناسىپ. ئەگەر بۇ ئېھتىياج ھازىرقى دۇنيالىق ھاياتتا تولۇق قاندۇرۇلمايدىكەن، (ھەر قانداق ئادالەتپەرۋەر كىشى بۇ ئېھتىياجنىڭ دۇنيالىق ھاياتتا تولۇق قاندۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ) ئۇ چاغدا ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئىككىنچى بىر ھايات لازىم بولىدۇ. (مۇلاھىزە ئۈچۈن سۈرە ئەئرافنىڭ 30 – ئىزاھاتىغا ۋە سۈرە ھۇدنىڭ 105 – ئىزاھاتىغا قارالسۇن)
قُل لَّوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَا تَلَوْتُهُۥ عَلَيْكُمْ وَلَآ أَدْرَىٰكُم بِهِۦ ۖ فَقَدْ لَبِثْتُ فِيكُمْ عُمُرًا مِّن قَبْلِهِۦٓ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ ﴿١٦﴾
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِـَٔايَـٰتِهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلْمُجْرِمُونَ ﴿١٧﴾
6
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَـٰٓؤُلَآءِ شُفَعَـٰٓؤُنَا عِندَ ٱللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّـُٔونَ ٱللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَلَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ سُبْحَـٰنَهُۥ وَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ ﴿١٨﴾
وَمَا كَانَ ٱلنَّاسُ إِلَّآ أُمَّةً وَٰحِدَةً فَٱخْتَلَفُوا۟ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَقُضِىَ بَيْنَهُمْ فِيمَا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ﴿١٩﴾
وَيَقُولُونَ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَةٌ مِّن رَّبِّهِۦ ۖ فَقُلْ إِنَّمَا ٱلْغَيْبُ لِلَّهِ فَٱنتَظِرُوٓا۟ إِنِّى مَعَكُم مِّنَ ٱلْمُنتَظِرِينَ ﴿٢٠﴾
وَإِذَآ أَذَقْنَا ٱلنَّاسَ رَحْمَةً مِّنۢ بَعْدِ ضَرَّآءَ مَسَّتْهُمْ إِذَا لَهُم مَّكْرٌ فِىٓ ءَايَاتِنَا ۚ قُلِ ٱللَّهُ أَسْرَعُ مَكْرًا ۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكْتُبُونَ مَا تَمْكُرُونَ ﴿٢١﴾
«ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى(يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئاراڭلاردا بىر ئۆمۈر ياشىغان تۇرسام، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن﴿21﴾.﴿16–21﴾
﴿21﴾ بۇ دەل ئۇلارنىڭ «مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يالغاندىن ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىۋاتىدۇ» دېگەن خىياللىرىغا رەددىيە بېرىدىغان، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرەپتىن ۋەھىي ئارقىلىق ماڭا نازىل بولغان» دېگەن سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئاجايىپ ئېسىل دەلىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا دەلىللەر بىر ئاز يىراق كۆرۈنگەندەك قىلغىنى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى نەق پاكىتتۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساق 40 يىلنى ئۆتكۈزگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ، شۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بالىلىق، ھەتتا ياشلىق دەۋرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قىرانلىقىغا قەدەم قويغان، ئولتۇرۇش – قوپۇش، ئالاقە – مۇناسىۋەت، ئېلىم – بېرىم، توي – تۆكۈن دېگەندەك بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دائىم شۇلار بىلەن بىللە بولغان. جۈملىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچبىر تەرىپى ئۇلاردىن مەخپىي ئەمەس. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆزگە كۆرۈنەرلىك روشەن پاكىت بولماس؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن مەككە ئەھلىگە ناھايىتى تونۇش بولغان ئىككى ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. بىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئىلگىرىكى 40 يىللىق ھاياتى داۋامىدا نۆۋەتتە ئېغىزىدىن بىردىنلا ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان شۇنچە زور مەلۇماتقا ئىگە بولغۇدەك تەربىيە ياكى ئىلمىي سۆھبەتلەرگە زادىلا مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا ئارقىمۇ – ئارقا نازىل بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە بۇندىن ئىلگىرى بىرەر قېتىم توختىلىپ باققىنىنى، بەس مۇنازىرىدە بولغىنىنى ياكى شۇ ھەقتە پىكىر ئىزھار قىلغىنىنى ھېچ كىشى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدى. يەنە كېلىپ، ئىلگىرىكى 40 يىل جەريانىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە 40 يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا باشلانغان بۇ دەۋەتنىڭ مۇقەددىمىسى دېيىشكە بولغۇدەك بىرەر ئەھۋال زادىلا كۆرۈنۈپ باقمىغان ئىدى. مانا بۇلار قۇرئاننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىدىن توقۇپ چىققان ئىجادىي ئەسەر ئەمەس، بەلكى سىرتتىن كەلگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئوچۇق پاكىت. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەقلى ئۆز ئۆمرىنىڭ ھېچقايسى باسقۇچىدا ئىلگىرى تەدرىجىي يېتىلىۋاتقانلىقى ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى نامايان بولۇپ باقمىغان يېڭى بىر نەرسىنى بىردىنلا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەككىدىكى بىر قىسىم مەككار كىشىلەر قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقلىي ئىجادىيىتى دېيىشنىڭ يالغان تۆھمەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلىپ، ئاخىرىدا «بۇلارنى مۇھەممەدكە بىرى كېلىپ ئۆگىتىپ قويۇۋاتىدۇ» دېيىشكەن. ئەمما بۇ گەپلىرى ئىلگىرىكى گەپلىرىدىنمۇ بەكرەك تۇتۇرۇقسىز ئىدى. چۈنكى مەككە شەھىرى ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا پۈتكۈل ئەرەب دىيارىدىن «مانا ئۇ» دەپ قول بىلەن كۆرسەتكىلى بولىدىغان ئۇنچە مەلۇماتلىق بىرمۇ كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى. يەنە كېلىپ، ئۇنداق ئېسىل كالامنىڭ مۇئەللىپى بولالايدىغان ئىقتىدارلىق كىشىنىڭ بىرەر جەمئىيەتتە كۆزگە چېلىقماي يوشۇرۇنۇپ قېلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى پۈتۈن ھاياتى داۋامىدا يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ھىيلە – مىكىر، نەيرەڭۋازلىق دېگەندەك ياكى شۇنىڭغا يېقىن كەلگۈدەك بىرەر خۇسۇسىيەت زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان.
7
پۈتۈن جەمئىيەتتە بىرمۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى 40 يىل جەريانىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ بىرەرسى بىلەن كۆرۈپ باققانلىقىنى دەۋا قىلالمايتتى. بەلكى ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناسىۋەتتە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ناھايىتى راستچىل، سادىق، ئىشەنچلىك دېگەن سۈپەتلەر بىلەنلا تونۇيتتى. پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن 5 يىل ئىلگىرى كەبىنى رېمونت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى قويۇش مەسىلىسىدە بارلىق قۇرەيش خانىدانلىرىنىڭ ئۆزئارا قاتتىق ئىختىلاپ قىلىشىشىدەك مەشھۇر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «كىم بىرىنچى بولۇپ ھەرەمگە كىرسە، شۇ كىشى بۇ مەسىلىگە قارار چىقارسۇن» دەپ كېلىشكەن ئىدى. ئەتىسى بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى دەل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولدى. ھەممەيلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ «هذا الأمين، رضينا، هذا محمد!» (مانا بۇ ھەقىقەتەن راستچىل كىشى، ئۇنىڭغا بىز رازى، مانا بۇ مۇھەممەد!) دەپ توۋلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلەشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن راستچىل ئىكەنلىكىگە پۈتكۈل قۇرەيش توپلاشقان سورۇندا ئەنە شۇنداق گۇۋاھلىق ئالغان ئىدى. ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە بىرەر كىچىك مەسىلىدىمۇ يالغان ئېيتمىغان، ياكى ئالدامچىلىق، مەككارلىق بىلەن ئىش تۇتمىغان ئادەم ئەمدىلىكتە قانداقسىگە شۇنچە چوڭ يالغان، شۇنچە كاتتا ئالدامچىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز ئىچىدە ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلەرنى شۇنچە كۈچەپ، شۇنچە جاپا تارتىپ ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىپ تۇرۇۋالالىسۇن ؟ دەل مانا شۇنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «سەن ئۇلارغا جاۋابەن ‹ئى جامائەت! ئازراق بولسىمۇ كاللا ئىشلىتىڭلار، مەن سىرتتىن كېلىپ قالغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى پۈتۈن ئۆمرۈم ئاراڭلاردا ئۆتكەن، مېنىڭ سابىق ھاياتىمنى كۆزۈڭلار كۆرگەن ئادەممەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق مېنى قانداقسىگە ‹ئاللاھنىڭ تەلىماتىسىز ۋە ھۆكۈمىسىز قۇرئاننى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ› دېيەلەيسىلەر؟» دېگىن، دەپ بۇيرۇماقتا. (تەپسىلىي مۇلاھىزە ئۈچۈن سۈرە قەسەسنىڭ 109- ئىزاھاتىغا قارالسۇن)
هُوَ ٱلَّذِى يُسَيِّرُكُمْ فِى ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا كُنتُمْ فِى ٱلْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِم بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا۟ بِهَا جَآءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَآءَهُمُ ٱلْمَوْجُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوٓا۟ أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ لَئِنْ أَنجَيْتَنَا مِنْ هَـٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّـٰكِرِينَ ﴿٢٢﴾
8
فَلَمَّآ أَنجَىٰهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ ۗ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُم ۖ مَّتَـٰعَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ﴿٢٣﴾
إِنَّمَا مَثَلُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا كَمَآءٍ أَنزَلْنَـٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخْتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلْأَنْعَـٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَآ أَنَّهُمْ قَـٰدِرُونَ عَلَيْهَآ أَتَىٰهَآ أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَـٰهَا حَصِيدًا كَأَن لَّمْ تَغْنَ بِٱلْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ ﴿٢٤﴾
وَٱللَّهُ يَدْعُوٓا۟ إِلَىٰ دَارِ ٱلسَّلَـٰمِ وَيَهْدِى مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ ﴿٢٥﴾
لِّلَّذِينَ أَحْسَنُوا۟ ٱلْحُسْنَىٰ وَزِيَادَةٌ ۖ وَلَا يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلَا ذِلَّةٌ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ ﴿٢٦﴾
وَٱلَّذِينَ كَسَبُوا۟ ٱلسَّيِّـَٔاتِ جَزَآءُ سَيِّئَةٍۭ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَّا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَآ أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِّنَ ٱلَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ ﴿٢٧﴾
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا۟ مَكَانَكُمْ أَنتُمْ وَشُرَكَآؤُكُمْ ۚ فَزَيَّلْنَا بَيْنَهُمْ ۖ وَقَالَ شُرَكَآؤُهُم مَّا كُنتُمْ إِيَّانَا تَعْبُدُونَ ﴿٢٨﴾
فَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًۢا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ إِن كُنَّا عَنْ عِبَادَتِكُمْ لَغَـٰفِلِينَ ﴿٢٩﴾
هُنَالِكَ تَبْلُوا۟ كُلُّ نَفْسٍ مَّآ أَسْلَفَتْ ۚ وَرُدُّوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ مَوْلَىٰهُمُ ٱلْحَقِّ ۖ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ ﴿٣٠﴾
قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَمَن يُخْرِجُ ٱلْحَىَّ مِنَ ٱلْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ ٱلْمَيِّتَ مِنَ ٱلْحَىِّ وَمَن يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ ۚ فَسَيَقُولُونَ ٱللَّهُ ۚ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ ﴿٣١﴾
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ماڭدۇرىدۇ، ھەتتا سىلەر كېمىدە ئولتۇرۇپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە شامالدىن خۇشاللىنىۋاتقان پەيتتە، بىردىنلا بوران چىقىپ، تەرەپ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى كۈچىيىشكە باشلايدۇ، سىلەر ئاپەتنىڭ ئىچىدە قالغانلىقىڭلارغا جەزم قىلىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆز ئېتىقادىنى ئاللاھقىلا خاسلاشتۇرغان ھالدا، «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇ بالادىن قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچى بەندىلەردىن بولىمىز» دەپ چىن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىدۇ﴿31﴾. ئەمما ئاللاھ ئۇلارنى (بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە ھەقتىن بويۇن تارتىپ ئاسىيلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئاسىيلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، شۇ چاغدا قىلغان – ئەتكەنلىرىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىمىز. (سىلەر مەستلىكىدە بىزنىڭ ئالامەتلىرىمىزدىن غاپىل بولۇۋاتقان) ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىرى-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول-ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، بىردىنلا كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى - دە، ئۇنى خۇددى تۈنۈگۈن يوقتەكلا قىلىۋەتتى، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئالامەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.﴿22–31﴾