1
جىھاد بۆلۈمى
چېگرا قوغداش (پوستا تۇرۇش) ۋە اﷲ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى
6073 - عَنْ أَبِي صَالِحٍ مَوْلَى عُثْمَانَ قَال سَمِعْتُ عُثْمَانَ وَهُوَ عَلَى الْمِنْبَرِ يَقُولُ إِنِّي كَتَمْتُكُمْ حَدِيثًا سَمِعْتُهُ مِنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَرَاهِيَةَ تَفَرُّقِكُمْ عَنِّي ثُمَّ بَدَا لِي أَنْ أُحَدِّثَكُمُوهُ لِيَخْتَارَ امْرُؤٌ لِنَفْسِهِ مَا بَدَا لَهُ سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ رِبَاطُ يَوْمٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ يَوْمٍ فِيمَا سِوَاهُ مِنْ الْمَنَازِلِ.
6073 ـ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ سالىھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: مەن سىلەرنىڭ ئەتراپىمدىن يىراقلىشىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەپ، بۈگۈنگە قەدەر پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى يوشۇرۇپ كەلگەنىدىم. كېيىن ھەركىم ئۆزى ئۈچۈن مۇناسىپ بولغان ئىشنى قىلار دېگەن مەقسەتتە ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدۇم. مەن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «اﷲ يولىدا بىر كۈن پوستا تۇرۇش باشقا يەرلەردە مىڭ كۈن پوستا تۇرۇشتىن ياخشىدۇر»[1].
(تىرمىزى: 1667)
6074 - عن سَلْمَانَ الْفَارِسِيّ قَالَ سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ رِبَاطُ يَوْمٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَفْضَلُ وَرُبَّمَا قَالَ خَيْرٌ مِنْ صِيَامِ شَهْرٍ وَقِيَامِهِ وَمَنْ مَاتَ فِيهِ وُقِيَ فِتْنَةَ الْقَبْرِ وَنُمِّيَ لَهُ عَمَلُهُ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ.
6074 ـ سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:
«اﷲ يولىدا بىر كۈن پوستا تۇرۇش بىر ئايغىچە كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى قىيامدا تۇرغاندىن ياخشىدۇر. كىمكى پوستا تۇرىۋېتىپ ئۆلسە، قەبرە پىتنىسىدىن ساقلىنىدۇ. پوستا تۇرغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ»[2].
(تىرمىزى: 1665)
6075 - عن أبى الدرداء عن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال رباط شهر خير من صيام دهر ومن مات مرابطا في سبيل الله أمن من الفزع الاكبر وغدى عليه برزقه وريح من الجنة ويجرى عليه أجر المجاهد حتى يبعثه الله عز وجل.