1
ھەدىسلەر توپلىمى
(جەمئۇلفەۋائىد)
مۇئەللىپ
مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
8 ـ جىلد (8312 ـ ھەدىستىن 9107 ـ ھەدىسقىچە)
سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى
2009
تەشكىللىگۈچى: دوكتور/ ئالىمجان ئاتائۇللاھ (بۇغدا)
تەرجىمە قىلغۇچى: سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرجىمە بۆلۈمى
تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم (تەكلىماكان)
ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى (ئۇيغۇر)
مۆمىنجان سىدىق
مۇھەررىرى: سابىرجان
بەتچىك: ئا. روزى توختى
سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى
2009
بۇ كىتابتا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ھەدىس ئاتالغۇلىرىغا قىسقىچە چۈشەنچە
سەنەد ـ ھەدىسشۇناستىن تاكى ھەدىسنىڭ تېكىستىگە تۇتاشقۇچە ئارىلىقتىكى راۋىيلار زەنجىرى «سەنەد» دېيىلىدۇ.
سەھىھ ـ بىرىنچىدىن، سەنەدى مۇتتەسىل (بىر ـ بىرىگە ئىزچىل تۇتاشقان) بولغان، يەنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تاكى ھەدىسشۇناسقىچە بولغان سەنەد زەنجىرىنىڭ ھەممىسىدىكى راۋىي مەزكۇر ھەدىسنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى راۋىيدىن بىۋاسىتە ئالغان؛ ئىككىنچىدىن، ھەممە راۋىيلىرى بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقلى ـ ھوشى جايىدا، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولغان؛ ئۈچىنچىدىن، ھەممە راۋىيلىرى ھەدىسنى پىششىق ياد ئېلىش ياكى يېزىپ قالدۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان؛ تۆتىنچىدىن، ھەدىس شاز بولمىغان، يەنى ئىشەنچلىك بىر راۋىينىڭ ھەدىسى ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك يەنە بىر راۋىينىڭ ياكى بىر قانچە راۋىنىڭ ھەدىسىگە زىت بولمىغان؛ بەشىنچىدىن، ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىللەت (قۇسۇر) بولمىغان (يەنى مەزكۇر بەش شەرت تېپىلغان) ھەدىس «سەھىھ» دېيىلىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ).
ھەسەن ـ سەھىھ ھەدىسنىڭ بارلىق شەرتلىرى تېپىلغان، پەقەت ئۈچىنچى شەرت ھېسابلانغان “پىششىق ياد ئېلىش قابىلىيىتى” بىر ئاز تۆۋەن بولغان راۋىي تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «ھەسەن» دېيىلىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىسكىمۇ ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ).
سەھىھ ۋە ھەسەن ـ ئەگەر ھەدىس ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولسا، مەزكۇر ھەدىس بىر سەنەد ئېتىبارى بىلەن سەھىھ، يەنە بىر سەنەد ئېتىبارى بىلەن ھەسەن دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا مۇنداق ھەدىس بىرلا ۋاقىتتا «سەھىھ ۋە ھەسەن» دېيىلىدۇ. ناۋادا ھەدىسنىڭ سەنەدى بىر بولسا، مۇنداق ھەدىس بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن «سەھىھ»، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەسەن» دەپ قارالغان دېگەنلىك بولىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىسقىمۇ ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ).