1
20- ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى — ئابدۇقادىر داموللام
يالقۇن روزى
ئىسلاھات ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يورۇق تېما. ئىسلاھات ياخشىلاش، تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش دېمەكتۇر. يەنى ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ تۈزىتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكە باي يېڭى تۈزۈم، يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ئۈنۈمى پەرقلىق بولسىمۇ، بىراق ئورتاقلىقى شۇكى، بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قورقماس جەسارەتكە، يىراقنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق تۈپ ساپا ھازىرلىمىغان ئادەمنىڭ ئىسلاھاتچى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارلىق داڭلىق ئىسلاھاتچىلار دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلەردۇر.
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللام دەل مۇشۇنداق تۈپ ساپاغا ئىگە زات ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلاھاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش، بىزنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مىللىي ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى يورۇتۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جەدىتلىك ھەرىكىتى قاچان قانداق باشلانغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاتار مەرىپەتچىلىرى قوزغىغان جەدىتلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئىدىيەۋى ئېقىم پەيدا قىلالىغانمۇ يوق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەدىتلىك ئىدىيەسىگە ئىگە مەنىۋىي يولباشچىلار بارلىققا كەلگەنمۇ يوق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا جەدىتلىك روھىغا ئىگە ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش قاچان باشلانغان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى قانداق تەسىر ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئېڭى ۋە مىللىي ئېڭى قاچاندىن باشلاپ ئويغانغان، بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىدىيە، ئەدەبىيات تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جەدىتلىك پائالىيەتلىرىنى بىر قەدەر مەنتىقىلىق رەۋىشتە بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئېنىقسىز مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشتىم. مېنىڭچە ئابدۇقادىر داموللام دەۋرى بولغان 1910-يىللاردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى يورۇتقاندا، بۇ مەسىلىلەرگە بىر قەدەر روشەن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.