1
ئابدۇقادىر داموللام
(»100 مەشھۇر ئۇيغۇر« ناملىق كىتابتىن)
ئابدۇقادىر داموللام، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ۋەتەنپەرۋەر، مەشھۇر ئىسلام ئالىمى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇستەملىكتىن ئىبارەت ئەجەللىك قىسمەتنىڭ خەتىرىنى تۇنجى بولۇپ پەرق ئەتكەن. ئۆزىدە دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە ئىدىيەسىنى مۇجەسسەملىگەن، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنتۇلماس سىماسى، ئابدۇقادىر داموللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كېنتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تولۇق ئىسمى: ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرىي، يەنى ئەزىزىي بولۇپ، تۈركچە ئابدۇقادىر داموللا دەپ يېزىلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەشھەدتتىكى ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسىدە ئالغان. 15 يېشىدا قەشقەردىكى ئالىي ئىلىم يۇرتى بولغان خانلىق مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوقۇغان.
ئۇ، ئاتۇش ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىلىرىدە ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، يېشى 20 لەرگە ئۇلانغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بىلەن بۇخاراغا سەپەر قىلغان. ئەينى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشنىڭ يولى ئىدى. چۈنكى 15-ئەسىردىن كېيىنكى بۇخارا ئىسلام دىنىي ئىلىمى بويىچە نۇپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرىسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللام بۇخاراغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئابدۇلئەزىزخان مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ بۇخارادا مەۋلانا ئابدۇرراززاقى، بۇخارا مۇپتىسى ئەۋەز خوجەندى، قوقاننىڭ شەيخۇلئىسلامى داموللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىلمى كالام، فىقھى، تەپسىر، تارىخ، ئەدەبىيات، پارس تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەب تىلى، ئوردۇ تىلى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك پەنلەر بويىچە دەرس ئالغان.
لېكىن، كېيىنكى چاغلاردا بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى چېكىنىپ، ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتنى جاھالەت بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىدىيەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر داموللام مۇنداق قالاق مائارىپنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:
«ساپ ۋىجدانىمنىڭ ۋە بەزى ھەقىقەتچى زاتلارنىڭ سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرسىتىشلىرى بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىلمىم، خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخورلۇق زۇلۇمىدىن، شۇنداقلا مەنتىق، كالام، پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ شەرھى-ھاشىيەلىرى، قاتمۇ-قات ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتىلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمنى ئازاد قىلدى.»