1
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
(»100 مەشھۇر ئۇيغۇر« ناملىق كىتابتىن)
بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلاپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئېقىمىغا، شۇنداقلا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى، مۇبارەك زات، سىياسىيون، تالانلىق ھەربىي قوماندان غازى سۇتۇق بۇغراخان مىلادى 901-يىلى دۇنياغا كەلگەن.
سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگە كۆل قاراخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، دادىسى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگە كۆل قاراخاننىڭ چوڭ ئوغلى بازىر ئارسلانخاندۇر. بازىر ئارسلانخان ھىجرىيە 302- يەنى مىلادى 914-تىن 915-يىللىرى ۋاپات بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان تېخى 13-14 ياشلاردا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بازىرخان ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن، ئوغلى سۇتۇق بۇغراخاننى ئۆزىگە ۋەلى ئەھدى قىلىپ، ئىنىسى ئوغۇلچاقنى سۇتۇق بۇغراخان بالاغەتكە يەتكۈچە سۇتۇق بۇغراخانغا ۋەلى ئەھدى بولۇپ تۇرۇشقا ۋەسىيەت قىلىدۇ. ئوغۇلچاقخان ئاكىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، سۇتۇق بۇغراخاننى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ۋەلى ئەھدىسى، يەنى قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
بازىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغۇلچاقخان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئانىسىنى نىكاھىغا ئالىدۇ. بۇ قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىسىدە نورمال ئەھۋال ئىدى. ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن ئوغۇلچاقخاننىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋەلى ئەھدىلىكىنى بىكار قىلىپ، ئورنىغا ئۆز ئوغلىنى ۋەلى ئەھدى قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ئىنتايىن ھوشيار ۋە ئەقىللىق بىر شاھزادە ئىدى. ئۇ ئۆگەي دادىسىنىڭ نىيىتىنى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي سېزىپ قالىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوشنىسى سامانىيلار ئىسلام دۆلىتى ئىدى. مانا مۇشۇ سامانىيلار دۆلىتىدە 914-يىلىدىن 943-يىلىغىچە پادىشاھ بولغان ناسىر يەنى ناسىر ياكى سەئىد ناسىرنىڭ ۋاقتىدا سامانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلار تەبىقىسى ئىچىدە ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامالسىز قالغان سامانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى، قاراخانىيلار دۆلىتىگە قېچىپ كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. ئوغۇلچاقخان ئۇ كىشىنى قوبۇل قىلىپ، پايتەخت قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتۇشقا بىر مەسچىت سېلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتۇش، شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئىبنى سۇلايماننىڭ غەيرەتلىرى، بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتەك شەھەرلەردىن كېلىپ كېتىۋاتقان مۇسۇلمان كارۋانلىرى، سودىگەرلەر سايىسىدا بىر تىجارەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. سۇتۇق بۇغراخانمۇ ئاتۇشنىڭ زىيارەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى.