1
ھەدىس كۆرسەتمىلىرى
ئىككىنچى توم
ئابدۇمىجىد مۇھەممەد
ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
57. دەرس: ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا
بۇ دەرسىمىزدە سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار:
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشەمدۇ؟
ئىيسا ئەلەيھىسسالام قانداق چۈشىدۇ؟
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىن زېمىندا قانچىلىك ياشايدۇ؟
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە ئىنجىل بويىچە ھۆكۈم قىلامدۇ ياكى قۇرئان بويىچىمۇ؟
137. عن أبي هريرة يَقُولُ: قَال رَسُولُ اللهِ ﷺ: «والذي نَفْسِي بيَدِهِ، لَيُوشِكَنَّ أنْ يَنْزِلَ فِيكُمُ ابنُ مَرْيَمَ حَكَمًا مُقْسِطًا، فَيَكْسِرَ الصَّلِيبَ، ويَقْتُلَ الخِنْزِيرَ، ويَضَعَ الجِزْيَةَ، ويَفِيضَ المالُ حتّى لا يَقْبَلَهُ أحَدٌ. حتّى تَكُونَ السَّجْدَةُ الواحِدَةُ خَيْرًا مِنَ الدُّنْيا وَما فِيها»، ثُمَّ يقولُ أَبُو هُرَيْرَةَ: واقْرَؤُوا إنْ شِئْتُمْ: ﴿وَإِن مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَـٰبِ إِلَّا لَیُؤۡمِنَنَّ بِهِۦ قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ وَیَوۡمَ ٱلۡقِیَـٰمَةِ یَكُونُ عَلَیۡهِمۡ شَهِیدࣰا﴾».
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، پات يېقىندا ئاراڭلارغا مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشۈپ، كىرېستنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال - دۇنيا ئېشىپ - تېشىپ، ئۇنى (سەدىقىنى) قوبۇل قىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ ھەتتا بىر قېتىملىق سەجدە دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ». ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: خالىساڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئوقۇڭلار: ﴿ھەرقانداق كىتاب ئەھلىلا بولىدىكەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گۇۋاھچى بولىدۇ﴾[1].
[سەھىيھۇل بۇخارىي، 3448؛ سەھىھ مۇسلىم 155]
ئىزاھات: ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، ئىنساننىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئىشەنچىسى ئاشقانسېرى ئىبادەتلەرگە بولغان سۇسلۇقىمۇ تەڭ ئاشىدۇ. ئەمما، ئىنسان ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلسە، ئىبادەتلەرگە ئالدىرايدۇ، سۇسلۇق قىلمايدۇ. مەسىلەن، تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە تېنىنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىنىڭ ئىبادەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى بىلەن سالامەتلىكى ناچار، ئەھۋالى ئېغىر كىشىنىڭ ئىبادەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى روشەن پەرقلىنىدۇ. ئىنسان ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى، دۇنيادىكى كۈنلىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلسە، ئىبادەتلەرگە ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرايدۇ. دۇنيادىكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئىشەنگەن چاغدا، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، تائەت - ئىبادەتلەرگە سۇسلۇق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتنى ۋە سۈننەتلەرنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەمما، قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلگەن ئىنسان ئاخىرىتى ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلىپ، دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ئاستا – ئاستا قول ئۈزۈشكە باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش ۋە دۇنيانىڭ ئاقىۋىتىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئىنساننى قىيامەتكە ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش تامامەن مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.