1
ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئەقىدىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتاب
ھەق يول
بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئەقىدە مەسىلىلىرى
مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت
«مۇسۇلمان يېتىشتۈرۈش» خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرايلى!
ھەر كىشىنىڭ ئالىم بولۇشى شەرت ئەمەس، لېكىن ھەر كىشىنىڭ ئەبەدىي سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشى، مۇسۇلمانچە ياشىشى ۋە مۇسۇلمان ھالىتىدە ۋاپات بولۇشى شەرت. تۈرلۈك ئازغۇن پىكىر ۋە باتىل ئەقىدىلەر تەرەپ – تەرەپتىن شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەتراپىمىزدا پىتنە – پاسات ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەر يامراۋاتقان، دىنسىزلىق، شەھۋانىيلىق ۋە بۇزۇقچىلىقلارنىڭ تەشۋىقات ۋە تەرغىباتلىرى ئەۋلادلىرىمىزنى قۇترىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنى بۇ بالايى - ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇۋېلىش ۋە قوغداپ قېلىش تەخىرسىز، مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. مۇستەھكەم ئەقىدە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئىمان قورغانى ئىچىگە ئەكىرىۋېلىش ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلىما ۋە مۇدەررىسلىرىمىز ئانا تىلدا تۈزۈلگەن «ھەق يول»غا ئوخشاش كىتابلارنى دەرسلىك قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ، قەرەللىك ھالدا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە «مۇسۇلمان يېتىشتۈرۈش» خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشى لازىم. بولمىسا، يېقىن كەلگۈسىدە ئويۇن – تاماشا ۋە شەھۋەتكە قۇل بولغان، ئازغۇن پىكىرلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان، ئىسلامدىن نەپرەتلىنىدىغان، شەرىئەتنى تونۇمايدىغان، نە دىنى، نە مىللىتى ئۈچۈن پايدىسى يوق، ئائىلىسى، جەمئىيىتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلانغان بىر ئەۋلاد ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن (ئاللاھ ساقلىسۇن).
ھۆرمەت بىلەن: ئاتائۇللاھ داموللاھاجىم ئابدۇلئەزىز خەلپەت ھاجىم
مۇھەممەد ئەمىن مەخسۇم ھاجىم
بېغىشلىما
ئەقىدە ئىلمى ئەڭ شەرەپلىك ۋە زۆرۈر ئىلىمدۇر. ئۇنى ئۆگىنىش ھەربىر ئەقلى - ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن كىشى ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر. چۈنكى، ھەرقانداق كىشى ئەقىدىسىدە شېرىك ياكى كۇپرىلىق بولغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە، دۇنيادا قىلغان سالىھ ئەمەللىرى قىيامەت كۈنى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، بارار جايى دوزاخ بولىدۇ، ئۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا شاپائەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەقىدە ئىلمى ئىنسان ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
قولىڭىزدىكى «ھەق يول» ناملىق بۇ رىسالىگە ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەھلى سۈننەت ئىماملىرى ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى توغرىسىدا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا، «ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈممەت» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئۇلۇغ ساھابىلەرنىڭ ھەمدە ئۇلارغا سەمىمىي ساداقەت بىلەن ئەگەشكەن تابىئىنلار ۋە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يەكۈنلەپ چىقارغان مۇسۇلمانلار بىلىشكە تېگىشلىك، نېگىزلىك ئەقىدە مەسىلىلىرى ۋە جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇشبۇ رىسالىنىڭ ئاۋام - خەلق ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرگە دەرسلىك قىلىنىشى نەزەردە تۇتۇلغاچقا، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى ئىخچام تىل، پۇختا ئىبارە ۋە راۋان جۈملىلەر بىلەن يادلاشقا مۇناسىپ شەكىلدە مەتىن ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ھەمدە كۆپ جايلاردا ھەر جۈملىسىگە، ھەتتا ھەر كەلىمىسىگە چوڭقۇر مەنىلەر ۋە كۈچلۈك رەددىيەلەر سىڭدۈرۈلگەن.