1
المختصر في تفسير القرآن الكريم
قۇرئان كەرىمنىڭ قىسقىچە تەپسىرى
بىرىنچى توم
سۈرە فاتىھە — سۈرە تاھا
مۇندەرىجە
سۈرە ئال ئىمران 100
سۈرە نىسا 157
سۈرە مائىدە 217
سۈرە ئەنئام 260
سۈرە ئەئراف 309
سۈرە ئەنفال 366
سۈرە تەۋبە 389
سۈرە يۇنۇس 430
سۈرە ھۇد 457
سۈرە يۈسۈف 487
سۈرە رەئد 516
سۈرە ئىبراھىم 531
سۈرە ھىجر 546
سۈرە نەھل 561
سۈرە ئىسرا 595
سۈرە كەھف 622
سۈرە مەريەم 648
سۈرە تاھا 665
سۈرە فاتىھە
مەككىدە نازىل بولغان
: سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن
خالىس، ھەقىقىي قۇللۇقنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقىنى دەلىللەشتىن ئىبارەت.
تەپسىرى
ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم بۇ سۈرە بىلەن باشلانغانلىقى ئۈچۈن «فاتىھە» دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن «أم القرآن / قۇرئاننىڭ مەنبەسى» دەپ ئاتالغان. بۇ قۇرئاندىكى ئەڭ كاتتا ۋە تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەتلىك سۈرىدۇر.
﴿بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ﴾ ١
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن بەرىكەت تىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى باشلايمەن. «بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ / بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيم» دېگەن ئايەت ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، «ئاللاھ» يەنى ئىبادەتكە لايىق ھەقىقىي مەبۇد دېگەن مەنىدە، بۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمايدۇ. ئىككىنچى، «رەھمان» يەنى: چەكسىز رەھمەت ئىگىسى دېگەن مەنىدە. ئۈچىنچى، «رەھىيم» يەنى مەخلۇقاتلىرىغا رەھمىتىنى يەتكۈزگۈچى، ئۇلاشتۇرغۇچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا رەھمىتى بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھمەت قىلىدۇ، مۇئمىنلەرمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ﴾ ٢
مۇكەممەل، يۈكسەك سۈپەتلەردىن بولغان مەدھىيەلەرنىڭ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت يېگانە ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى ۋە تەدبىر قىلغۇچىسىدۇر. بۇ ئايەتتىكى «ئالەملەر» دېگەن سۆز ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.