1
ئۇيغۇردا ئەبگالىق
ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى
ئاپتور ھەققىدە
ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى 1950 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كاشغەر شەھىرىنىڭ يۇمۇلاقشە كۆلبېشى مەھەللىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ 1966 ـ يىلى كاشغەر ئۇيغۇر تولۈق ئوتتۈرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972 ـ يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1975 ـ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۈچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ 1978 ـ يىلدىن 1982 ـ يىلغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1986 ـ يىلدىن 1988 ـ يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ ھازىر بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر شۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۈئاۋىن باشلىقى، پروفېسسور.
ئابدۇرەئۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەشرىياتلاردا، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «ئەلىشىر ناۋائى ــ ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە» قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى، «كور خېرىدار»، «تەكلىماكاندىن كەلگەن نىدا»، قاتارلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى، شۇنداقلا «بەيتۈللاھنىڭ تارىخى»، «ئەنگۈشتەر»، «مەخدۈم قۈلى شېئرلىرى توپلىمى»، «ئەممە پارە تەپسىرى»، «ياشلار يېتەكچىسى»، «مزۋە رىسالىسى»، «يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز»ُ قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر بىلىم ئادىمىدۇر، ۋەسسالام.
2
1 ـ ئەقىدىسىزلىك
ھەركىم بىلىدۇكى، ئىنسان ― تەن (بەدەن) بىلەن روھ (جان) دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق. روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازدۇر. ئەمدى ئەقىدە بولسا، ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلا، ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ.
ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇق ئالەمىنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ھېچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا، كوللىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇنى كۈندۈزدىكى پارلاق قۇياشقا، كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى، ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قۇياش ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېخى نۇرى بىلەن ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ. ئەقىدەنى پەقەت كۆپۇل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دېسە بولىدۇكى، ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر ـ بىرىگە ھەر دايىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ.
ئەقىدە ― سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىمىزگە ئىشىنىشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزگە چىنپۈتۈشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزنى ئۆز ئارا قوللىشىمىزنى مىزان يادروسى قىلىدۇ. ئۇ ـ سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايىمىزنى كۈرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ. ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، مەن قوپۇپ سەندىنمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ گۈمانلانسام، بىز ئۇچىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتىمىزگە تەئەللۇق ئىشتا، ئۇچىمىز ئىشنى ئۇچ تەرەپكە تارتساق، تەبىئىيكى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەجەللىك يېرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سەن بىزگە تەئەللۇق مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، سەن بىز بولساق، ھەقلىق نېسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلىۋېرىمىز.
ئەڭ مۇھىمى، ئەقىدە ئىنسانىيەت مۇئەييەن توپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەب مىللىتىنىڭ جىددى ئېھتىياجى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ماركسىزم بولسا، پرولىتارلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ئۇل قىلىپ بەرپا قىلىنغان. دەرۋەقە كېيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ خىل بولغان قەۋملەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ، بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى) لاردىن بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ.
بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ» دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى ـ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرىمۇ كاززاپلىق.
3
بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتىي كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە ـ مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ «ھاجى ھەرەم» بولىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن» دېگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يورۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى «كۆڭلى قارا ئادەم» دەيدۇكى، قارا كۆپۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يېگانە «مەن» دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ـــ ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ ــ 21 ـ ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولىۋاتقان ئەھۋال!
دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، ئەقىدىسىز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلدە، گۇمانخورلۇق، ساتقىنلىق قايناپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ.
كېلەچەكشۇناس ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قارىشى شۇكى، 21 ـ ئەسىر پەن ـ تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان، دېموكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن ـ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بولىدۇ. 21 ـ ئەسىردە كىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىسى ئۇستۈن، كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك بولىدۇ. كىم ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە بولسا، شۇ مۆھتەرەم، شۇ ئېتىبارلىق بولىدۇ.
سەنمۇ ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى، سەنمۇ ھاۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى، ھالبۇكى سەنمۇ ئۆزەڭنى قەدىرلە، ئۆزەڭنى سۆي، ئۆزەڭگە ئىشەنچ قىل. بىلگىنكى، ھەرقانداق مەۋجۇدات مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق. سېنىڭ قىممىتىڭ بولسا قەدىرلىك يارسەن، ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا، قەدىرسىز خارسەن. قەدىرسىزلىك، خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس! شۇنداق ئىكەن، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق! مانا بۇ ـــ نۈسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى، غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى.
دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقويۇپ تۇرۇپ، ئوبدان ئويلان، ئەبگا!
2 ـ ئىناقسىزلىق ۋە ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىق
4
ئادەمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى،
ئانىكىم خەلق غەمىدىن يوقتۇر غەمى.
― ئەلىشىر نەۋائى
5
ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىۋاتقان بەزى ئالىملار «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنچە ياۋاش ۋە مۇنچە ساددا بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەمىشە قوي گۆشى يەيدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا. مېنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى يەر شارىدا ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۇنىڭدىكى سۇ، ھاۋا ۋە كۈن نۇرى قاتارلىق تەبىئى مۇھىت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. تەبىئى مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ماكانلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇد. مەسىلەن، تاغلىقلاردا تاغ پىسخىكىسى، چۆل ـ باياۋانلاردا ياشايدىغانلاردا چۆل پىسخىكىسى، دەريا ـ دېڭىز بويلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەرنى ماكان قىلغانلاردا بولسا، شۇ كونكرېت مۇھىت شەكىللەندۈرگەن خاس پىسخىكا بولىدۇ. ئەمدى كۈندە ئۇچ ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىكى پەرقلەرمۇ ئىنساننىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئىزلارنى قالدۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجازەت بەرگەن ئاچا تياق جانۋار كالىنىڭ گۆشىنىمۇ «تەبىئىتى سوغۇق، ئادەمگە سوغۇق كېلىدۇ» دەپ يەكلەپ تۈزۈك يېمەيدىغان، يىل ئون ئىككى ئاي ئاساسەن قوي گۆشى بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ئۇيغۇرغا قوي مىجەزىنىڭ سىپىپ قېلىشىمۇ ئابايقى گەپ. بىراق خۇدا بىلىدۇ، ئەبگا ئۇيغۇرغا ئاشۇ جانۋار قوينىڭ ئەڭ مۇبارەك خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدىغان ئۆملۈك، ئىناقلىق خىسلىتىنىڭ مۇتلەق سىڭمىگەنلىكى ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئالايلۇق، تۆت توڭگۈزنى باققىلى ئېلىپ چىقسا، ئېغىلدىن چىقىپلا تۆتى تۆت تەرەپكە پىتىراپ كېتىدۇ. بىراق ئوتتۇز قوينى بىر كىچىك بالا دەلنەزى باقالايدۇ. چۈنكى قوي دېگەن بىر ـ بىرىگە ئەگىشىدۇ، توپ ئوتلايدۇ. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، نىسبەتەن چېچىلىپ ئوتلاۋاتقان قويلار ئەگەر بۆرىنىڭ ۋەھىمىسىنى سەزسە، دەرھال «دۈررىدە» كېلىپ، بىر جايغا مەھكەم توپلىشىۋالىدۇ ــــ شۇ يۇۋاش، ساددا قويمۇ ئۆم بولۇپ، ئۇيۇشۇپ تۇرۇپ، بۆرىنىڭ ھۇجۇمىنى تار ـ مار قىلىدۇ! بىراق ئەبگا ئۇيغۇردا ئۆملۈك، ئىناقلىق ھۇجەيرىسى كەم ياكى تەرەققى قىلمىغان بولغاچ، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆملۈكتە ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە خۇددى توپتىن ئايرىلغان قوي بۆرىگە يەم بولغاندەك تەقدىرگە ئۇچراڭلا تۇرىدۇ.
تارىخ كىتابلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇچقاندەك ئالغا كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ، گاھى ئاتنىڭ قورسىقىغا شۇڭغۇپ تۇرۇپ، ئوقيانى ئالدى تەرەپتىكى نىشانغا قانداق دەل تەككۈزسە، بەل ئۈستىنى «شاپپىدە» كەينىگە بۇراپلا ئوق ئۈزۈپ، ئارقا تەرەپتىكى دۈشمەننىمۇ تىك موللاق چۈشۈرىدىغان جەڭگىۋار مىللەت ئىدى دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆم ـ ئىناقلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق بىر يارقىن رىۋايەت ئەلمىساقتىن بۇيان، ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا، كىتابتىن ـ كىتابقا كۆچۈپ، داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ: «ئۇيغۇرنىڭ مەئناسى بارچەغە مەلۇم ياپۇشقۇچى مەئناسىدادۇر. مەسىلەن، ئايتەلەر سۈت ئۇيۇدى دېپ. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىندىن ئايرىلە ئىدى. قاتىق بولغاندان سوڭ بىرى بىرىنە ياپۇشدى ۋە دەخى ئايتەلەركى ئىمامغە ئۇيۇدى. ئىمام ئوتۇرسا ئوتۇرار، تۇرسا تۇرادۇر بەس، ياپۇشقانى بولماي مى؟ ئانلار كەلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتەكىنە قوللارى ئىلەن مۇھكەم ياپۇشقاچ، خان ئانلارغە «ئۇيغۇر» دەدى، ياپۇشقۇچى دېگەن سۆزدۇر» («ئۇيغۇر» نىڭ مەنىسى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، «يېپىشقۇچى» دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن، سۇت ئۇيۇدى دېگەنگە ئوخشاش.
6
سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىگە ھىملەشمەي تۇرغان نەرسە، قاتقاندىن كېيىن بىر ـ بىرىگە يېپىشىدۇ. يەنە تېخى «ئىمامغە ئۇيۇدى» دېگەن گەپمۇ بار. ئىمام ئولتۇرسا ئولتۇرىدۇ. تۇرسا تۇرىدۇ، بەس. مانا بۇ يېپىشقىنى بولماي نېمە؟ ئۇلار كېلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشقاچ، خان ئۇلارنى «ئۇيغۇر» دېگەن. بۇ «يېپىشقۇچى» دېگەن سۆزدۇر.) [ قاراڭ: ئەبۇلغازى بەھادىرخان يازغان «شەجەرەئى تۈرك» (تۈركىي خەلقلەر شەجەرىسى) 11 ـ بەت، قازان ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى 1891 ـ يىل نەشرى ]. دېمەككى، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۆم ـ ئىناق بولغاچ، «بىر ـ برىگە يېپىشىپ ئۇيۇيدىغان»، «ئۇيۇشقاق خەلق» مەنىسىدە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئام ـ ئىناقلىق ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پەزىلىتى ۋە يۈكسەك خىسلىتى ئىدى. ئۇزاق قەدىمدىكى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆم ـ ئىناق ۋە ئۇيۇشقاق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق جەڭگىۋار مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۇيۈك قاراخانىيلار زامانىسىدىكىدەك شانلىق مەدەنىيەت دەۋرىنى بەرپا قىلالىغان.
ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، خېلى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتلىرىنى ئوراپ تۇرغان تەكلىماكاندىكى قۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى سىڭىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۆملۈك، ئىناقلىق ئەنگۈشتىرىنى يوقىتىپ قويغان. نەتىجىدە تەدرىجى ئەبگالىشىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۆزئارا ئۆم ـ ئىناقلىقتا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ــ بىرىنى قوللىشىش بىلەن ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزئارا ھەسەتخولۇق قىلىش، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى كولاش، بىر ـ بىرىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىش، كادىرى پۇقراسىنى ئالداش، شەھەرلىكلىرى يېزا ـ سەھرالىقلىرىنى گوللاش، مەست بولغاندا ھال ئوقۇپ دەرتلىشىش، يېشىلگەندە بىر ـ بىرىنى داۋاملىق قەستلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغان.
يەككە ـ يەككە ئىناقسىزلىقنى ئازدەپ، توپلىشىپ ئىناقسىزلىق قىلىشنىڭ مودا بولۇپ قېلىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! ئالايلۇق، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققىي قىلىپ تازا قىيامىغا يەتكەن بىر جاھىل ئىللەت. ئۇنى «ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز ئارا قوللىشىش» دەپ پەدەزلەۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت!
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان مىللەتلىرى تېخى رەسمىي مىللەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن چاغلاردىكى ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنىڭ قالدۇقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر قالاقلىق ۋە قاششاقلىق ھارۋىسىنىڭ ئەبجەق جابدۇقى. ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنى دۇنيا مىللەتلىرى ئۆز ئېڭىدىن چىقىرىپ تاشلىۋەتكىنى نەۋاخ؛ بىز ئۇيغۇرلار ئۇنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىمىز تىخى باشتىن ئاياغ. يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىدا، «شىماللىق» ۋە «جەنۇبلۇق» دەپ ئىككىگىلا ئايرىش بار ئىدى. ھازىر جەنۇبلۇقلار يەنە ئاقسۇلۇق، كاشغەرلىك ۋە خوتەنلىك دەپ ئايرىلىدىغان، كاشغەرلىكلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن قاغىلىقلىق، پوسكاملىق ۋە يېڭىسارلىق دەپ تۈرلىنىدىغان بولىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايرىش بۇرۇن ئاۋاملار ئارىسىدا كۆپرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا باھانە كۆرسىتىپ: «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئاڭ ــ سەۋىيىسى تۆۋەن» دەيتتۇق. ھازىر بولسا، بۇ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ دەۋران سۈرۈش ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى، بۇنىڭغا نېمە دەپ باھانە كۆرسىتەرمىزكىن؟ بولدى، باھانە كۆرسەتمەيلى، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپلا دەيلى ــ بۇ دەل قىسمەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ئەبگالىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى!
7
زىيالىلار قوشۇنى ئىچىدىكى مەھەللىۋازلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ، قۇسقۇسىنى كەلتۇرىدۇ. ھېكايەت، مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلۈمىگە يۇقىرىدىن بەش شىتات بېرىلگەن بولۇپ، ھايت ــ ھۇيت دەپ بولغىچە، بۆلۈم باشلىقى ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان ئۇچ ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان. نەتىجىدە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا پىكرى چىققان، چوڭ باشلىقنىڭمۇ سەل خۇيى تۇتقان. شۇڭا بەشىنچى شىتات ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، شۇ بۆلۈم خىزمىتىگە تازا باب كېلىدىغان، بىراق بۆلۈم باشلىقى بىلەن يۇرتداش بولمىغان بىر ياشنى بەرگەن. ئۆز كەسپىگە ماس خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بۇ ياش بۆلۈمگە ئەتىگەن كېلىپ، كەچ قايتىپ، خىزمەتلەرنى شۇنچە جانپىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، بۆلۈم باشلىقى تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۈرۈپ، ئۇنى سېسىق گەپلەر بىلەن ئەيىبلەپ خاپا قىلغان. بۇنى ئاز دەپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە كۆپچىلىكنىڭ ئالدېدىلا بۆلۈمنىڭ بۇلۇڭىدىكى تۈكۈرۈك قاچىسىنىڭ لېۋىگە قوندۇرۇپ ساپ ـ سېرىق خەپرۈك تۈكۈرۈپ، ھېلىقى غەيرى يۇرتداش ياش بالىنى «تۈكۈرۈك قاچىسىنى يۇيۇپ كىر» دەپ بۇيرىغان. ياش بالا ئۇن ـ تىنسىز ئۇنى يۇيۇپ كىرگەن. يەنە بەش ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بۆلۈم باشلىقى ئۇ ئىپلاس قىلىقىنى يەنە تەكرارلىغان. غەيرى يۇرتداش ئۇيغۇر ئاشۇنداق خارلانسا، يۇرتداشلار بىر تەرەپتە «خىر ـ خىر» كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۆلۈم باشلىقى مەزكۇر غەيرى يۇرتداش بالىنى دوكلات يېزىپ، باشقا بۆلۈمگە يۆتكېلىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن باشقىلار ئۇ بۆلۈم باشلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، جانابى بۆلۈم باشلىقى ھېچبىر خىجىل بولماستىن: «نېمىشقىدۇر مېنىڭ كۆزۈمگە باشقا يۇرتلۇقلار زادىلا سىغمايدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بىر ئۇرۈمچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئىككى يىل ئوقۇب بولغاندىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» دېگەن بىر ماۋزۇنى سۇنغان. ئۇستازى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە يازىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «خەقلەر، مەھمۇد كاشغەرى، مەھمۇد كاشغەرى، دېسە، قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ. مەن ئۇ ئادەمنى كاشغەرلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇرۈمچىلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭسىزمۇ شىماللىق ئۇيغۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ نامايەندە شېئىرى «تۈگىمەس ناخشا» نى جەنۇبلۇق شائىرلار «ئۇ شېئىر ئەمەس، بەلكى ئىككى ئېغىزلا گەپ» دەپ قەستەن چۈشۈرۈپ ماقالە يازىدىغان، جەنۇبلۇق ئالىم موللا مۇسا سايرامى ۋە نىم شەھىد ئارمىيە ئېلىلەرنىڭ تۇپراق بېشىغا بولسا، شىماللىق ئەدىبلەر يولاپمۇ قويمايدىغان ئەھۋال بىر قىسىم زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا غەيرى ھال ھېسابلانمايدىغۇ؟!
دەرۋەقە، يۇرتداشلار بىر يەرگە كەلسە، ھېلىقى تونۇش تار كوچىنىڭ دوقمۇشى ۋە ھېلىقى دوڭغاق سۆگەتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ سۈيى ھەققىدە مەھەللىۋى تەلەپپۇز بىلەن بىردەم ـ يېرىمدەم كاسىلدىشىۋالسا، ئادەم خېلى پۇخادىن چىقىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇرتداشلارنىڭ ئۆز ئارا ئىزدىشىشى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش قىلىشىنى ئاداققى ئەيىبلىك ئىش دېگىلىمۈ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
8
بىراق يۇتداشلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى سىياسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىزمەت مەيدانىدا ھېچقانداق بىر ئىقتىدار ئۆلچىكى يوق مەھەللىۋى مەزھەب بولۇپ ئۇيۇشۇۋالسا، ئۇ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىللەت تۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسى گەۋدىسىگە چىققان بىر خىل ئۆسمە. ھالبۇكى ئۇنى پەقەت ئۆز ۋاقتىدا كېسىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
خوش، ئەبگالىق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىناقلىشالمايدۇ؟ نېمىشقا بىر ـ بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تونۇش جەھەتتە، ئەجدادلىرىمىز ئەسىرلەر مابەينىدە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن تەۋەررۇك ئاڭ ــ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىغا ئۇزۈل ـ كېسىل خىيانەت قىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە ناچار بولۇشى ئۇلاردا ئوتتۇراق مەنپەئەت ئېڭى ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئىدىيىسىنىڭ يوقلۇقىدىن بولىۋاتىدۇ.
روناق تېپىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، مەيلى قانداق قەۋم، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مەنمۇ گۇللىنەي، تەرەققى قىلىپ باشقا ئەللەر قاتارىدا يۈكسەك مەدەنىي ھايات باياشاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەيدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئېڭىدا، ئۆز قەۋمى، ئۆز مىللىتىنىڭ جامائىتى ئۈچۈنلا تەئەللۇق بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى ئەبەدىيلىك قىلىپ تۇرغۇزۇشى لازىم. ھېكايەت، گېرمانىيىدە ئەخلەت تۆكىدىغان جاي ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان بىنالاردىن خېلىلا يىراقتا بولىدىكەن. ئاھالىلار ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقىدىغان كۈندىلىك ئەخلەتنى ئاشۇ خېلى يىراق جايدىكى ئەخلەتخانىغا ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويىدىكەن. كىشىگە تەنبىھ بولىدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار ئەخلەتنى قارا ـ قويۇق پوملاپلا تاشلاپ قويماستىن، ئۆزلىرى ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، مەسىلەن، سەي ـ كۆكتات ئېشىندىلىرى ۋە مېۋە ـ چىۋە شۆپەكلىرىنى ئايرىم، قەغەزلەرنى ئايرىم، تۆمۈر بوتۇلكىلارنى ئايرىم ۋە ئەينەك بوتۇلكىلارنى ئايرىم قىلىپ، خاس خالتىغا چىرايلىق قاچىلاپ، ئاندىن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن زىيارەتچى ئۇلاردىن: «ئەخلەتخاناڭلارنىڭ يېنىدا، ھەممىنى پوملاپلا تاشلىدىڭ، دەپ تۇتىۋالىدىغان ساقچىلارغۇ كۆرۈنمەيدۇ. ھالبۇكى مۇنچىۋالا زىللىق قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار تولىمۇ تەبىئى قىياپەتتە: «بۇ ئەخلەتلەر ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بارغاندا، ھامىنى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ھالبۇكى ئەگەر بىز تۈرلەرگە ئايرىپ بەرسەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان سەرپىيات ۋە ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى تىجەپ قالىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئۈچۈن پايدا. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ پايدا، ئاشۇ مەنپەئەتتە بىزنىڭمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، ياۋرۇپادا ئىشلەمچى بولۇپ يۈرگەن تۈركلەر يىلدا بىر قېتىم تۈركىيىگە قايتىپ، ھۆكۈمەتكە شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى لازىمكەن. ھەۋەس قىلىشقا تېگىشلىك ئاڭ شۇكى، ئۇلاردىن ھېچكىم بۇ باجدىن قېچىپ چەتئەللىك بولىۋالمايدىكەن. ھەر يىلى بەلگىلەنگەن مۆھلەتنىڭ دەل ئۆزىدە، كېلىشلىك باجنى ئاشۇرۇپ تاپشۇرسا تاڭشۇرىدىكەنكى، ھەرگىزمۇ كەم تاپشۇرمايدىكەن، باج ئوغۇرلىمايدىكەن، ھۆكۈمەتنى ئالدىمايدىكەن. نېمىشقا؟