1
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى شانلىق مەدەنىيەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ. ئالىمنىڭ شاھ ئابىدە ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» يەنى «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم».
11-ئەسىردە بۈيۈك قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان، يەنى سىياسەتنامە تۈرىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ داستان يەنە تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ يېزىلغان ئەسەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرى ئەرەب تىلىنىڭ ئىلىم تىلى، پارس تىلىنىڭ شېئىرىي تىلى بولغان بىر دەۋردە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى، ئەينى دەۋردىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئاشكارا ھالدا قىلىنغان نارازىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەمما بۈگۈنكى مەۋجۇت نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلغان 3-قېتىم يېزىلغان نۇسخىسىنىڭ، ئەسەرنىڭ ئەسلىي ھالىتىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىلغان نۇسخىسىغا ئەرەبچىنى ئۆزگەرتىپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئېلىپبە ھەرپلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغانلىق ئېھتىماللىقى مۇتلەقتۇر. دۇنيا ئەدەبىياتى نۇسخىسىدىن قارىغاندا «قۇتادغۇبىلىك» داستانى تېما جەھەتتىن نەسىھەتنامە، ئىلمىي ھېكمەت، ماقال-تەمسىلنامە، سىياسەتنامە، دۆلەت توغرىسىدىكى تەلىمات (ئۇتوپىيە)، شاھزادىلەرنىڭ جاھاننامىسى قاتارلىق تۈرلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» ئىلىم-پەننىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر قامۇس ھېسابلىنىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھ ئابىدە ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى خىتايلار «ئەدەبۇلمۈلۈك» – شاھلارنىڭ ئەدەب قائىدىلىرى دەپ ئاتىدى. ماچىن يەنى خوتەن مۈلكىنىڭ ھاكىملىرى «ئاينۇر مەمىلىكە» – مەملىكەتنىڭ دەستۇرى ۋە «ئەنسۇل مەمالىك» – سەلتەنەت سىردىشى دېسە، شەرقلىقلەر «زىننەتۇل ئۇمرا» – ئەمىرلەر زىننىتى دېدى. ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى»، تۈركلەر «شاھنامىسى» دەپ ئات قويدى. بەزىلەر يەنە «پەندىنامى مۈلۈك» – شاھلارغا نەسىھەت دەپ ئاتىدى. تۇرانلىقلار بولسا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويدى.
قامۇسنىڭ ئەدەبىي تۈرى داستان. 85 باب، 6645 بەيت، 13300 دىن ئارتۇق مىسرادىن تەركىب تاپقان. ئەسەر مەسنەۋى يەنى ئىككىلىك شەكىل، ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان. ئەرەب پارس تىللىرىنى پەقەت چوڭ زۆرۈرىيەت ئاستىدىلا ئىشلەتكەن. ئاساسەن قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى دىيالېكتى يەنى خاقانىيە تىلى بىلەن يېزىلغان.