1
شېرىن مەسەل
(2- ئايلىق مەسەللەر توپلىمى)
تەرجىمە قىلغۇچى: باھار تۇيغۇ
مۇندەرىجە
31. قارا پاقا بىلەن يېشىل پاقا 33
39. ھۆرمەت ئىزدىگەن شاھزادە 57
21. سېرىق قۇشقاچ
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئېيىق ئۆڭكۈردە قىشلىق ئۇيقۇسىدا. قۇشلار ئۇچسا ھاۋادا، توشقان ياتار ئۆز ئۇۋىسىدا. شۇنداق بىر دەرەخنىڭ شېخىدا بىر كىچىك سېرىق قۇشقاچ ياشايدىكەن، بۇ قۇشقاچ ئوچۇق مىجەز، مېھماندوست ۋە چىقىشقاق ئىكەن. ئانىسى ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا:
ـــ ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە ساڭا يامانلىق قىلىشى مۇمكىن بولغان قۇشلار بىلەن دوست بولۇشقا ھەۋەسلەنمە، بولمىسا ئۇلار كېيىن ساڭا زىيان سېلىشى مۇمكىن، ـــ دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. لېكىن كىچىك قۇشقاچ ئانىسىنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەنشىمەي، ئانچە قۇلاق سېلىپ كەتمەيدىكەن.
بىر كۈنى سېرىق قۇشقاچ ئۇچۇۋاتقاندا بىر دەرەخنىڭ شېخىدا كۆزلىرى يوغان ۋە يۇپيۇمىلاق، باشقىلارغا چەكچىيىپ قاراپ تۇرىدىغان يوغان بىر قۇشنى كۆرۈپتۇ، بۇ بىر مۈشۈكياپىلاق ئىكەن. سېرىق قۇشقاچ:
ـــ ياخشىمۇسىز! ـــ دەپ ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ. مۈشۈكياپىلاق:
ـــ ياخشى، ـــ دەپ قوپاللا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. سېرىق قۇشقاچ ئۇنىڭ بۇ قوپاللىقىغا پىسەنت قىلماستىن ئۇنىڭ يېنىغا قونۇپ، پاراڭلىشىشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوست بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سېرىق قۇشقاچ ھەر كۈنى مۈشۈكياپىلاق بىلەن بىللە ئۇچۇپ، پاراڭلىشىپ ئۆتىدىغان بوپتۇ. بۇلارنىڭ دوستلىقىدىن خاتىرجەم بولالمىغان ئانىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسا، سېرىق قۇشقاچ ئانىسىنى «قورقۇنچاق» دەپ ئەيىبلەپ، مۈشۈكياپىلاقنى «مېنىڭ ئىنتايىن ياخشى دوستۇم» دەپ ماختاپ بېرىپتۇ.