1
گىگانت ئاتىلار
(نەسر)
ئى ئاتىلار، قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالا سىلەرنى نەقەدەر بەقۇۋۋەت ۋە گىگانت ياراتقان ھە!
تاڭ ساباسى يورۇغاندىن تارتىپ تۈن پەردىسى يېيىلغىچە، سىلەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن تۆككەن مىننەتسىز قان-تەرىڭلار ئارقىلىق ئائىلەڭلەرگە مۇھەببەت نۇرى بېغىشلايسىلەر ۋە زېمىن يۈزىگە ياخشىلىق ئۇرۇقى چاچىسىلەر. سىلەر ھېرىپ ھالىڭلاردىن كەتكەن ھالدا ئۆيگە قايتقاندا، ئاتىلىق بۇرچۇڭلار تېخى ئاخىرلاشمىغان: ئەنە شۇ قاداق باسقان قوللىرىڭلار بىلەن ھەل قىلىشىڭلارنى ساقلاپ تۇرغان ئۆيدىكى تۈگىمەس ئىشلار، يىللارنىڭ جەبىر-جاپالىرىدا تاۋلانغان كەڭ يەلكەڭلەرگە مىنىپ ئات قىلىپ ئويناش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرغان بالىلىرىڭلار، مېھىرلىك قەلبىڭلار ۋە خۇش تەبەسسۇم چىرايىڭلاردىن ھاياتنىڭ غەملىرى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كۆڭلى ئىللىپ قالىدىغان قولۇم-قوشنىلار... لېكىن سىلەر يەنىلا شۇنچىلىك گىگانت، سەۋرچان ۋە خۇش پېئىل! سىلەرنىڭ بەھەيۋەت ۋۇجۇدۇڭلار سەۋەبلىك، ئائىلەڭلار خاتىرجەم؛ سىلەرنىڭ تىز پۈكمەس قەددىڭلار سەۋەبلىك، بالىلىرىڭلار شاد-خۇرام؛ سىلەرنىڭ پىدائىي روھىڭلار سەۋەبلىك، ئاجىز-ئاجىزەلەر بوران-چاپقۇنلاردا غەمسىز؛ سىلەرنىڭ پولاتتەك قانىتىڭلار ئاستىدا ئەل-يۇرت تىنچ-ئامان ۋە سالامەت.
گەرچە دۇنيا سىلەرگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشتىن غاپىل قالسىمۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا مەدھىيەگە بىپەرۋا ۋە شۇنىڭغا رازى. باشقىلار بېشىنى راھەت ياستۇقىغا قويغاندا، سىلەر داۋاملىق جاپا ئىچىدە ئىلگىرىلەيسىلەر؛ باشقىلار دۇنيا مەئىشەتلىرىگە غەرق بولۇپ يۈرگەندە، سىلەر بىر قولۇڭلاردا بالا-چاقاڭلارنىڭ يۈكىنى، بىر قولۇڭلاردا ئاتىلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى پەيغەمبەر سىلەرگە تاپشۇرغان مۇقەددەس تۇغنى كۆتۈرگەن ھالدا، ئائىلەڭلارنى ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلاردىكى بارچە «پادىلار»نى دۇنيا-ئاخىرەتلىك سائادەت يولىغا يېتەكلەپ ماڭىسىلەر. سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار ۋە پىدائىيلىقىڭلار شۇنچە بۈيۈك بولسىمۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار يەنىلا مىننەتتىن خالىي.
ئى جاپاكەش ئاتىلار، سىلەر نەقەدەر تىرىشچان! ئائىلىدىكى ئازادىلىك ۋە خۇشاللىقلار سىلەرنىڭ تىنىمسىز ئاققان تەر تامچىلىرىڭلاردىن كۆكلەيدۇ. ئائىلىدىكى شادلىق كۈلكىلىرى سىلەرنىڭ كۆيۈمچانلىقىڭلار، مېھرىبانلىقىڭلار ۋە پۈكۈلمەس قەددىڭلار ئارقىلىق ياڭرايدۇ. ئى جاپاكەش ۋە مىننەتسىز ئاتىلار، دۇنيا سىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارغا چەكسىز ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ۋە كاتتا ئەجىر-ساۋابلار تىلەيدۇ.