1
مۇھەررىرلەرگە مەدھىيە
(نەسر)
ئى ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ھۇزۇر ۋە مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچقۇچى جاپاكەش ۋە مىننەتسىز باغۋەنلەر! سىلەر ئىلىم دېڭىزىدىكى گۆھەرلەرنى لاي-لاتقىلاردىن تازىلاپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي سۈزۈك جۇلاسىنى نامايان قىلغۇچى ئەزىز مېھنەتكەشسىلەر. سىلەرنىڭ ھەربىر ھەرپ ۋە سۆزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىخلاسىڭلار ئۆزىنىڭ جەزبىدار ۋە جەلپكار نۇرىنى گىجىرماچ قۇرلارغا چېچىپ، ئوقۇرمەننىڭ قەلب ئوردىسىنى يورۇتىدۇ. چۈشىنىكسىز ئىبارىلەر سىلەرنىڭ قەلىمىڭلار ئاستىدا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. زېرىكىشلىك بەتلەر سىلەرنىڭ تۆككەن مېھنىتىڭلار سەۋەبلىك يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ، كىتابخان كۆڭلىگە گاھىدا ھۇزۇر ئاتا قىلسا، گاھىدا ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى دولقۇنلىتىدۇ، يەنە گاھىدا خىيال كېمىسىنى قاياقلارغىدۇر ئېلىپ كېتىپ، ھاياتلىق دېڭىزىنى ساياھەت قىلدۇرىدۇ.
سانسىزلىغان گىياھسىز، تاز-تاقىر قۇرلار سىلەرنىڭ تۆككەن تەرىڭلار ئارقىلىق پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئۆزىنىڭ خۇشھىدلىرىنى چاچماقتا ۋە خۇددى جەننەت ھۆرلىرىنىڭ گۈزەل ناخشىلىرىدەك ھەربىر ئوقۇرمەن قەلبىگە چەكسىز راھەت ۋە ھۇزۇر-شادلىق ئاتا قىلماقتا. مىڭلىغان ئۆلۈك يازمىلار سىلەرنىڭ ئىخلاسىڭلار سەۋەبلىك قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولىمۇ گۈزەل ۋە جانلىق شەكىلدە گەۋدىلەندۈرمەكتە. مۇرەككەپ خاتالىقلاردىكى ئىنچىكە نۇقتىلار كۈچلۈك زېھنىيىتىڭلار ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىڭلارغا بوي ئېگىپ سۈزۈلۈپ چىقىپ، تەپەككۇر ۋە ئىلىم-تەجرىبە خەزىنەڭلاردىكى ئىنكاس ۋە تىل بايلىقىڭلار ئارقىلىق يېڭىچە سۈپەت، بىباھا قىممەت ۋە جانلىق ئىپادىسىنى تاپماقتا.
سىلەر خۇددى ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن كاشىغەر نەققاشلىرىغا ئوخشاش، جۈملىلەرنىڭ قوپال قىرلىرىنى ئۇستىلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن يونۇپ، شىلىپ ياكى سىلىقلاپ، ئاقلاپ يازغۇچى تەپەككۇرىنىڭ چىن مەنىسىنى ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە تولىمۇ نەپىس ۋە سىپتا شەكىلدە ئۇيۇپ بېرىسىلەر. سىلەر خۇددى ئۇستا بىناكار كەبى ھەۋەسكار يازغۇچىلارنىڭ قالايمىقان ئوي-پىكىرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ماھىرلىق بىلەن لايىھەلەپ، چېچىلاڭغۇ ئىدىيە-مەقسەتلەرنى توغرا نىشانغا باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاكامۇللاشقان ئىدىيەۋى قۇرۇلمىنى بارلىققا كەلتۈرىسىلەر. سىلەر گاھىدا خۇددى ئەدەبىياتنىڭ كىمىياگەرلىرى بولۇپ، كىتابخان روھىنى جانلاندۇرۇسىلەر، ئېستېتىك زوق بېغىشلايسلەر، ھەتتا مەستخۇش قىلىسىلەر.