1
شېرىن مەسەل
2- ئايلىق مەسەللەر توپلىمى
تەرجىمىدە: باھار تۇيغۇ
2020-يىل 2-ئاي
21. سېرىق قۇشقاچ
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئېيىق ئۆڭكۈردە قىشلىق ئۇيقۇسىدا.
قۇشلار ئۇچسا ھاۋادا، توشقان ياتار ئۆز ئۇۋىسىدا.
شۇنداق بىر دەرەخنىڭ شېخىدا بىر كىچىك سېرىق قۇشقاچ ياشايدىكەن، بۇ قۇشقاچ ئوچۇق مىجەز، مېھماندوست ۋە چىقىشقاق ئىكەن. ئانىسى ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا:
- ئۆزۈڭدىن چوڭ، ساڭا يامانلىق قىلىشى مۇمكىن بولغان قۇشلار بىلەن دوست بولۇشقا ھەۋەسلەنمە، بولمىسا ئۇلار كېيىن ساڭا زىيان سېلىشى مۇمكىن، -دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. لېكىن كىچىك قۇشقاچ ئانىسىنىڭ گېپىنى ئانچە ئېرەنشىمەي، بەك ئاڭلاپ كەتمەيدىكەن.
بىر كۈنى سېرىق قۇشقاچ ئۇچۇۋاتقاندا بىر دەرەخنىڭ شېخىدا كۆزلىرى يوغان، يۇپيۇمىلاق، چەكچىيىپ قاراپ تۇرىدىغان يوغان بىر قۇش كۆرۈپتۇ، بۇ بىر مۈشۈكياپىلاق ئىكەن. سېرىق قۇشقاچ:
- ياخشىمۇسىز! –دەپ ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ. مۈشۈكياپىلاق:
- ياخشى، -دەپ قوپاللا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ. سېرىق قۇشقاچ ئۇنىڭ بۇ قوپاللىقىغا پىسەنت قىلماستىن ئۇنىڭ يېنىغا قونۇپ، پاراڭلىشىشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوست بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سېرىق قۇشقاچ ھەركۈنى مۈشۈكياپىلاق بىلەن بىللە ئۇچۇپ، پاراڭلىشىپ ئۆتىدىغان بوپتۇ. بۇلارنىڭ دوستلىقىدىن خاتىرجەم بولالمىغان ئانىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسا، سېرىق قۇشقاچ ئانىسىنى قورقۇنچاق دەپ ئەيىپلەپ، مۈشۈكياپىلاقنى «ئىنتايىن ياخشى بىر دوست» دەپ بېرىپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېرىق قۇشقاچ بىلەن مۈشۈكياپىلاق ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ بىر ئۆينىڭ ھويلىسىدىكى دەرەخنىڭ شېخىغا قونۇپتۇ. بۇ چاغدا ھويلىدىن بىر ئېتىز چاشقىنى ئۆتۈۋاتقان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن مۈشۈكياپىلاق:
- قارىغىنە بىر تاشپاقا كېتىپ بارىدۇ، -دەپتۇ. سېرىق قۇشقاچ بولسا:
- ئۇ تاشپاقا ئەمەس، ئېتىز چاشقىنى، -دەپتۇ. مۈشۈكياپىلاق بولسا تاشپاقا دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى تاشپاقا بىلەن ئېتىز چاشقىنى دەپ تالاش-تارتىش قىلىپتۇ. مۈشۈكياپىلاق ئاچچىقلىنىپ، تۇمشۇقى بىلەن سېرىق قۇشقاچقا ھۇجۇم قىپتۇ، سېرىق قۇشقاچنىڭ جۇغى بەكلا كىچىك بولغاچقا، ھېچنەرسە قىلالماي، بېشىغا يېگەن تاياق دەستىدىن ھۇشىدىن كېتىپتۇ ۋە دەرەخ شېخىدىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. مۈشۈكياپىلاق ئۇنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ.
سېرىق قۇشقاچ نەچچە سائەت ھۇشسىز ياتقاندىن كېيىن، ھۇشىغا كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيىگە ئۇچۇپ كەتمەكچى بوپتۇ. لېكىن قانىتىمۇ يارىلانغاچقا ئۇچالماي، يىقىلغان يېرىدە ھەپىلىشىپ تۇرسا، ئۆيدىكى كىچىك بالا ئۇنى دېرىزىدىن كۆرۈپ قاپتۇ. كىچىك بالا دەرھال ھويلىغا چىقىپ سېرىق قۇشقاچنى ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپتۇ. سېرىق قۇشقاچ «مېنى ئەمدى قانداق قىلىۋېتەر؟» دەپ ئويلاپ قورققىنىدىن يۈرىكى دۈپۈلدەپ ئېتىشقا باشلاپتۇ. بالا ئانىسى بىلەن بىللە قۇشقاچنىڭ يارىسىنى تازىلاپ، تېڭىپ، بىر كىچىك قەپەزگە قويۇپ، قەپەزنى ئېگىز يەرگە ئېسىپ قويۇپتۇ.