1
شېرىن مەسەل
(1- ئايلىق مەسەللەر توپلىمى)
تەرجىمە قىلغۇچى: باھار تۇيغۇ
1. گۈللۈك يېزا
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن...
بۈگۈنمۇ مۇشۇنداق باشلاپ تۇرايلى.
شۇنداق بىر زامانلاردا بىر گۈزەل گۈللۈك يېزا بار ئىكەن. بۇ يېزىدا ئۆسكەن رەڭگارەڭ گۈللەر ئىنتايىن خۇشپۇراق چاچىدىكەن، بۇ خۇشبۇي پۇراقلار ئىنتايىن يىراق يەرلەرگىچە بارىدىكەن. بۇ پۇراق ھەم شۇنداق شىپالىق ۋە پايدىلىق بولۇپ، بۇ خۇشبۇي پۇراقنى پۇرىغان كېسەل ساقىيىپ كېتىدىكەن، يىغلاۋاتقان بالىمۇ يىغىسىدىن توختايدىكەن.
بۇ يېزىدىكى كىشىلەرمۇ ئاقكۆڭۈل ۋە ياخشى مىجەزلىك كىشىلەر بولۇپ، بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن، دۇرۇس مۇئامىلە قىلىدىكەن. يېزىدىكى كىشىلەر ئىناق-ئىجىل، خاتىرجەم ۋە باياشات ياشايدىكەن. گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى سەۋەبىدىن ئىنسانلار ياخشى مىجەزلىك بولغانمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ ياخشى مىجەزلىك بولغىنىدىن گۈللەر خۇشبۇي پۇراق چاچامدۇ، بىلگىلى بولمايدىكەن.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى بالىسى بار بىر ئائىلە كىشىلىرى باشقا يېزىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەپتۇ. ئۇلار كېلىپ نەچچە كۈنگە قالمايلا ئۇلار ئولتۇرغان ئۆينىڭ باغچىسىدىكى گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى يوقاپ كېتىپتۇ، بۇ ئەھۋال يېزىدىكى باشقا يەرلەرگىمۇ تارقىلىپ، ھەممە گۈلنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى يوقاپ كېتىشكە باشلاپتۇ.
يېزىدىكى كىشىلەر نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي تۇرغاندا، بۇ يېزىدىكى دانا بىر بوۋاي يېزىدىكى بارلىق بالىلارنىڭ يالغان سۆزلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يېزىدىكىلەر يالغاننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، لېكىن يېڭى كۆچۈپ كەلگەن ئائىلىدىكى بالىلار بەكلا يالغان سۆزلەيدىكەن، يېزىدىكى بالىلارغىمۇ يالغان سۆزلەشنى ئۇلار ئۆگىتىپتۇ.
ئەسلىدە ئادەم يالغان سۆزلىگەندە ئاغزىدىن چىققان بىرخىل سېسىق پۇراق گۈلنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىنى يوقىتىۋېتىدىكەن، بۇ پۇراقنى ئىنسانلار ھېس قىلالمىغان بىلەن، گۈللەر بۇنىڭ تەسىرىگە بەكلا ئۇچرايدىكەن، يالغانچىلىق بار يەردە گۈللەر خۇشپۇراق چاچمايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن دانا بوۋاي يېڭى كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە يالغانچىلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئىشىكنى ئاچقان بالىلارنىڭ ئانىسى ئۆزىگە سۇنۇلغان پۇرىقىنى يوقاتقان سولغۇن بىر دەستە گۈلنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ ۋە بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. دانا بوۋاي بۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن مۇلايىملىق بىلەن: