1
بۇ كىتابتا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ھەدىس ئاتالغۇلىرىغا قىسقىچە چۈشەنچە
سەنەد ـ ھەدىسشۇناستىن تاكى ھەدىسنىڭ تېكىستىگە تۇتاشقۇچە ئارىلىقتىكى راۋىيلار زەنجىرى «سەنەد» دېيىلىدۇ.
سەھىھ ـ بىرىنچىدىن، سەنەدى مۇتتەسىل (بىر ـ بىرىگە ئىزچىل تۇتاشقان) بولغان، يەنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تاكى ھەدىسشۇناسقىچە بولغان سەنەد زەنجىرىنىڭ ھەممىسىدىكى راۋىي مەزكۇر ھەدىسنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى راۋىيدىن بىۋاسىتە ئالغان؛ ئىككىنچىدىن، ھەممە راۋىيلىرى بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقلى ـ ھوشى جايىدا، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولغان؛ ئۈچىنچىدىن، ھەممە راۋىيلىرى ھەدىسنى پىششىق ياد ئېلىش ياكى يېزىپ قالدۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان؛ تۆتىنچىدىن، ھەدىس شاز بولمىغان، يەنى ئىشەنچلىك بىر راۋىينىڭ ھەدىسى ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك يەنە بىر ياكى بىر قانچە راۋىينىڭ ھەدىسىگە زىت بولمىغان؛ بەشىنچىدىن، ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىللەت (قۇسۇر) بولمىغان (يەنى مەزكۇر بەش شەرت تېپىلغان) ھەدىس «سەھىھ» دېيىلىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ).
ھەسەن ـ سەھىھ ھەدىسنىڭ بارلىق شەرتلىرى تېپىلغان، پەقەت ئۈچىنچى شەرت ھېسابلانغان “پىششىق ياد ئېلىش قابىلىيىتى” بىر ئاز تۆۋەن بولغان راۋىي تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «ھەسەن» دېيىلىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىسكىمۇ ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ).
سەھىھ ۋە ھەسەن ـ ئەگەر ھەدىس ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولسا، مەزكۇر ھەدىس بىر سەنەد ئېتىبارى بىلەن سەھىھ، يەنە بىر سەنەد ئېتىبارى بىلەن ھەسەن دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا مۇنداق ھەدىس بىرلا ۋاقىتتا «سەھىھ ۋە ھەسەن» دېيىلىدۇ. ناۋادا ھەدىسنىڭ سەنەدى بىر بولسا، مۇنداق ھەدىس بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن «سەھىھ»، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەسەن» دەپ قارالغان دېگەنلىك بولىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىسكىمۇ ئەمەل قىلىنىدۇ).
زەئىپ ـ ھەسەن ھەدىسنىڭ شەرتلىرىدىن بىرەرسى تېپىلماي قېلىپ، ھەسەن دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن ھەرقانداق ھەدىس «زەئىپ» دېيىلىدۇ. زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىلىرى سەنەدتىكى بىرەر راۋىينىڭ ياكى بىر قانچە راۋىينىڭ شەرتكە تولۇق لايىق بولماسلىقىغا ئەگىشىپ پەرقلىق بولىدۇ (بۇ تۈردىكى ھەدىس ئىنتايىن زەئىپ بولمىسا، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مەلۇم شەرت ئاستىدا ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن «ھەدىس ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» دېگەن تېمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ).