1
مۇئەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
مۇئەللىپنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي بولۇپ، ھىجرىيە 1030 - يىلى ماراكەشنىڭ سۇس شەھىرى تارۇدەنت كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپتە ئۆز شەھىرىدىكى ئالىملاردا ئوقۇغان. كېيىن ئالجىرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بېرىپ، بىر مەزگىل ئىستىقامەت قىلغاندىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولغان. بۇ مەزگىلدە زامانىنىڭ كۆپ قىسمىنى داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە كىتاب يېزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن.
ھىجرىيە 1080 - يىلى ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ۋەزىرى مۇستافا بەگ بىلەن ئۇچرىشىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئىستانبۇلدا ئەھلى ئۆلىمالارنىڭ ئىززەت ۋە ئېھتىرامىغا ئېرىشكەن. ئىستانبۇلدا بىر يىلغا يېقىن تۇرغاندىن كېيىن مەككىگە قايتقان ۋە ئوسمانىيلار خەلىپىسى تەرىپىدىن ھەرەمنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەنگەن. مۇئەللىپ بۇ خىزمەتنى جان ـ دىلى بىلەن ئادا قىلىپ، ھەرەم ئەتراپىدىكى رابات، كارۋانسارايلارنى، مىنا ۋە ئەراپاتقا بارىدىغان يوللارنى ئىسلاھ قىلغان.
مۇئەللىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بالا ـ چاقىلىرىنى مەككىدە قويۇپ، ئۆزى شامغا كەلگەن. ئۇ يەردە ۋاقتىنى كىتاب يېزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. مۇئەللىپ ھىجرىيە 1094 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن شامدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مۇئەللىپ زامانىدىكى داڭلىق ئالىملاردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ «سىلەتۇلخەلەف بىمەۋسۇلىسسەلەف» ناملىق مۇشھۇر ئەسىرى بار بولۇپ، بۇ ئەسەردە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدىكى سەنەد زەنجىرىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى مەشھۇر ئەسىرى بولسا، قولىڭىزدىكى «جەمئۇلفەۋائىد» ناملىق ھەدىسلەر توپلىمىدۇر. ئۇ دىنىي ئىلىملاردىن سىرت، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتېكا ئىلمىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان يېتۈك ئالىم ئىدى.
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
كىرىش سۆز
جىمى ھەمدۇ سانا ۋە گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲقا خاستۇر. سالام، رەھمەت ۋە مەغپىرەت پۈتۈن ئەھلى جاھانغا مەرھەمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن ـ ئامىن!
ئۇلۇغ ئىگىمىز اﷲ تائالا زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانلارنى سىناش ئىرادىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنى يارىتىپ، ئاندىن ئۇلارنى زېمىنغا چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ نەسلىنى كۆپەيتتى، دۇنيا ھاياتىدىكى سىناقتىن غەلىبىلىك ھالدا ئۆتۈشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەرگە قەۋملىرىنىڭ ھايات نىزامنامىلىرىنى، تائەت ـ ئىبادەتلىرىنى، ئەخلاق مىزانلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئىلاھىي قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساماۋىي كىتابلارنى نازىل قىلىپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان ئەنە شۇ ئىلاھىي ۋەھيى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت يولىنى ئىزچىل ھالدا كۆرسىتىپ تۇردى.