1
زوردۇن سابىر
ئاتا
(رومان)
بىرىنچى باب
بەگ - رەئىس ـــ ھاجىم توغرىسىدا
1
ئادەملەر ھەرخىل ئىشلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئىشلارنى سان بىلەن ئىپادىلىمەك قىيىن. بۇنىڭ ئىچىدە كوچا ساياھىتىدىن ھۇزۇرلىنىش تولىمۇ خۇمارلىق بولسا كېرەك. ھاجىم ھەر كۈنى ھېچبولمىغاندا بىر قېتىم كوچا ئايلانمىسا خۇددى غىزالانمىغاندەك، ھاۋالانمىغاندەك، چاڭقىغاندەك ياكى ئۇيقۇسىرىغاندەك بىئارام بولىدۇ - دە، ئۆيىدە چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ، يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلىدۇ، خېنىمنى ياكى نەۋرىلىرىنى ئادىتى بويىچە پارس، ئەرەب ياكى ئوردۇ تىللىرىدا تىللايدۇ. كوچىدىن خۇشال قايتقان كۈنلىرى بولسا چىرايلىق قىرقىلغان ساقال - بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپ، ئاپئاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ - دە، سارجا پەلتوسىنىڭ يانچۇقىدىن كەمپۈت ئېلىپ نەۋرىلىرىگە بىر تالدىن تۇتقۇزىدۇ. ئاندىن ئۇ سۈرلۈك قىياپەت بىلەن پەلەمپەيدىن ئۆرلەپ چىقىپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ ئىككى قاتلاقلىق يېكەنداز ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئىش بۇيرۇيدۇ، «دوكلات» ئاڭلايدۇ ياكى خىيال سۈرىدۇ.
ھاجىم يەتمىش تۆت يىللىق ئۆمرىنىڭ يىگىتلىك، قىرانلىق ۋە قىروۋ مەزگىللىرىنى ئەنە شۇنداق يۇمشاق، سىلىق، رىتىملىق ۋە قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ كەلگەچكىمۇ، ئۇنىڭ قىپقىزىل مەڭزى، تېخى دېگۈدەك چارلاشمىغان ساقال - بۇرۇتى، جاراڭلىق ئاۋازى، تىمەن، مەزمۇت قەدەملىرى ھازىرمۇ ئۇنىڭ ياشلىق - قىرانلىق چاغلىرىنىڭ يالدامىلىرىنى ساقلىماقتا.
ھاجىمنىڭ بۈگۈنكى كوچا ساياھىتى كۆڭۈللۈك بولمىغان ئوخشايدۇ، ئۇ قوش قاناتلىق دەرۋازىسى ئالدىدا «ئۇھ» تارتىپ خېلى ئۇزاق تۇردى - دە، قوشنىسى موللاق سوپىغا ئالىيىپ قويدى. مودىدىن قالغان كۆك چەكمەن پەرىجىسىگە ئورىلىپ، كۆتەك ئۈستىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرغان موللاق سوپى ياغاقلىشىپ قالغان سالۋاق تۇماق ئاستىدىن ھاجىمغا غىلام - غىلام قاراپ قويغانىدى. موللاق سوپىنىڭ قارىشى مەنىلىكمۇ ياكى ھاجىم بۈگۈن قولىنى كەينىگە تۇتۇپ ئاۋات رەستىدىن ئۆتكەندە تۇراق سۈپۈرگىچى كىنايە بىلەن «ھاجىم!» دەپ توۋلىغاندا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھاجىملارنى مازاق قىلىش سېزىلدىمۇ، ياكى سالامچىلار ئازايدىمۇ، كۇلۇبنىڭ ئالدىدا قارتا ئويناپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار چاپانلىرىنى قېقىشىپ ئورۇنلىرىدىن دۈررىدە تۇرۇشمىدىمۇ، ياكى بولمىسا ناھىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى ئالدىراشلىقتا ھاجىمنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىنى توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ھاجىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن يولىنى داۋام قىلمىدىمۇ؟...