1
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھايات شەجەرىسى
(دەسلەپكى ئىزدىنىش)
ئۆمەر ئوسمان شىپاھى
مەھمۇد قەشقەرى ئۆز زامانىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىستېداتى بىلەن ئالەمگە تونۇلغان ئېنسىكلوپېدىك ئالىم، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ يېگانە پېشىۋاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ ئاتىسى.
ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق نادىر ئەسىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە شەرق مەدەنىيىتى سەھىپىلىرىنىڭ گۈل تاجىسى، يېقىملىق پىرامىداسى ۋە ئۆچمەس ئابىدىسىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ۋە پۈتكۈل جۇڭگو مىللەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەھمۇد قەشقەرىنى ۋە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئورتاق ئىپتىخارى دەپ ھېسابلايدۇ.
بىز مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن ئىنتايىن كېچىكىپ، يەنى سەل كەم 1000 يىلدىن كېيىن تونۇشقان بولساقمۇ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيانقى يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە خېلى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىر قانچە قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى، ئاز بولمىغان تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىلدى ۋە كۆپلىگەن كىتاپلار نەشر قىلىندى. بۇ قېتىمقى «مەھمۇد قەشقەرى تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ قەشقەردە ئېچىلىشى ئەنە شۇنداق خاسىيەتلىك ئىشلىرىمىزنىڭ داۋامى ۋە يەنە بىر قېتىملىق نامايەندىسى.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ مىللەت تەركىبى، ئاتا - بوۋىلىرى، يۇرتى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى، ھاياتىي پائالىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھېچقانداق يىپ ئۇچى كۆرسەتمىگەن. شۇنىڭغا كۆرە بىزمۇ ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ كەملىكى ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىمنىڭ «شەجەرىسى» توغرىسىدا «دىۋان»دىكى بېشارەتلەردىن سىرت، بىرەر يېڭى ماتېرىيال ئۇچۇرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدۇق. چەت ئەللەردىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ نەتىجىسىمۇ شۇنداق بولۇپ كەلدى.
مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان ئىكەن، ھايات «شەجەرىسى» بار بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا بۇ «شەجەرە» نەدە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى شۇكى، مەرھۇم شائىر ئابدۇراخمان ناۋائىي 1983- يىلى بىر قەسىدىسىدە يازغاندەك:
«ئويدە چولپان»، «خان بېغى» ھەم ئۈستىدە موللام تېغى،
سەن ياشاپ ئۆتكەن بۇ يەردە، سۆيگەن دىيارىڭ بىزدىدۇر.
قەدىردانىم، مېھرىبانىم ئالىم ئەزىزان قەشقەرى،