1
كۇچادىن تېپىلغان سانسكرىت يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە دائىر ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە ھەققىدە
ئابلىز مۇھەممەد سايرامى
مۇقەددىمە
ھازىر «كۇچا» دەپ ئاتالغان بۇ يۇرت ئەينى زاماندا بۈگۈنكى شايار، توقسۇ، باي ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تېررىتورىيەدىن تەركىب تاپقان ھەمدە كۇچانى مەركەز قىلغان بولۇپ، تارىختىكى مەشھۇر «كۈسەن خانلىقى»نى روياپقا چىقارغانىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2-، 3- ئەسىرلەردىن مىلادىيە 10-ئەسىرلەرگىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا كۈسەن خانلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي يولىدىكى ھەرقايسى بۈگۈنكى ئاقسۇ شەھىرى، ئۈچتۇرپان، كەلپىن، ئاۋات، ئونسۇ، مارالبېشى، بۈگۈر، كورلا ۋە لوپنۇرغىچە يېتىپ بارغان. بۇ خانلىق گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا تەسىر دائىرىسى ھەتتا تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ تاكى خوتەن، يەكەن، قەشقەر ئەتراپلىرىغىچە يېتىپ بارغانىدى. مىڭ يىلدىن ئۇزاق ۋاقىت دىيارىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ خانلىق دائىرىسىدە تارىختىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن تۇخرى، ھون، ئېگىز قاڭقىللار (تۇرالار)، تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغانىدى. پىروفېسسور سۇ بېيخەي: «ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۈسەن خەلقى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ يېڭى تاشقوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا يەرلىك خەلق ئىدى، تارىخ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۇخرى، ئۇيسۇن، ھون، ئېگىز قاڭقىللار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار كۈسەن خەلقى تەركىبىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، تارىختىكى كۈسەن ھونلىرى، كۈسەن ئېگىز قاڭقىللىرى، كۈسەن تۈركلىرى ھەم كۈسەن ئۇيغۇرلىرى بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈسەن خەلقىنى زور دەرىجىدە ئاۋۇتۇپ، قۇدرەت تاپقۇزدى» دەپ يازغاندەك، ئوتتۇرا ۋە يېڭى تاشقوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادلىرى بولغان تۇخرىلار، ھونلار، ئېگىز قاڭقىللار تۈركلەر ئاساسىي ئاھالە بولۇپ ياشاپ كەلگەنىدى.
دوكتور ئالبېرت رېگېل ئېيتقاندەك، «رىم خارابىسى سىياقىدىكى خارابە»گە ئايلىنىپ كەتكەن قەدىمكى كۈسەن شەھەر-قەلئەلىرىدە ئەجدادلىرىمىز ياراتقان تارىخنىڭ ئىپتىخارى سۈپىتىدە پارلاق كۈسەن مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن ۋە قالتىس روناق تاپقانىدى. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، ئەينى زامان كۈسەن خانلىقىنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا-قەسىرلىرى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ يادىكارلىقلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. پەقەت قەدىمكى كۈسەننىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمكى كۈسەن ھاياتى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنىڭ ماددىي ئىسپاتى سۈپىتىدە ئەۋلادلىرىغا كۈنسايىن ئايان بولۇشقا باشلىدى.