1
كىتاب ۋە كىشەن
(ھېكايە)
ئابدۇسەمەد
ھەممە ياقتا ھۇۋشىۋاتقان رەھىمسىز شىۋىرغان خۇشاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ مەھەللە خەلقىنىڭ ياداڭغۇ ۋە روھسىز تەنلىرىگە ئاچچىق سانجىلماقتا؛ مۇدھىش قارا بۇلۇتلار ئاي يورۇقىنى توسۇپ، مەھەللە ئاسمىنىنى زۇلمەت پۈركەنجىسى بىلەن قاپلاپ، تولىمۇ ۋەھىمىلىك بىر تۈسكە مەھكۇم قىلماقتا؛ قاياقلاردىدۇر «ماڭە! ماڭ دەيمەن!» دەپ قوپال ۋارقىراۋاتقان ئاۋازلار، «مېنى قويۇۋېتىڭلار! مېنى قويۇۋېتىڭلار!» دەپ توۋلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى، «مېنى نېمە قىلساڭلار مەيلى، ئايالىمنى قويۇپ بېرىڭلار! مانا مېنى تۇتۇڭلار!» دەپ تىركىشىشلەر، «ئانا! ئانا!» دەپ توۋلاۋاتقان يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەردلىك پەريادلار بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ ۋە تىترەك ئولاشتۇرماقتا ئىدى. لېكىن ئەپسۇس! ھەردائىمقىدەك، بۇنىڭغا جۈرئەتلىك ھالدا قارشى تۇرالايدىغان ھېچكىم چىقمايتتى. پەقەت قايسىبىر ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىر شائىر قەغەز يۈزىگە مۇنۇ مىسرالارنى يېزىپ ئولتۇرۇۋاتاتتى:
جۇت زىمىستان ۋەھمە ئەيلەپ چاچتى شالىن ھەر تامان،
شۇل زىمىستان ۋەھمىسىدە قالدى ئەنە يۇرت-ماكان.
ۋاقىتسىزلا چۈشتى يەرگە يوپۇرماقلار سارغىيىپ،
ھەم دەسسىلىپ پۇت ئاستىدا بولدى يەنە خەس سامان.
سورىدىم مەن يوپۇرماقتىن: «گۈزەل ئىدىڭ ياپيېشىل،
قېنى ئەمدى شۇ چاغلىرىڭ، نېچۈك ھالىڭ بەك يامان؟»
«ھەي بىلمىدىڭمۇ، ـــ دېدى ئۇ، ـــ زىمىستاننىڭ قەھرىنى،
ھەر تەرەپتە گۈركىرىشىپ ھۇۋلايدۇ ھەم شىۋىرغان.»
ئۆمەر ئاكا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ئەتراپقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى ئاستاغىنا يېپىپ، ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ ، قاراڭغۇ بۇلۇڭدا شام ياندۇردى ۋە بىر بۇلۇڭغا تىقىپ قويغان كونا قۇرئاننى ئالدى-دە، ئەلەملىك بىر تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى.... «سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۇئمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر: <ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟> دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر»[1] دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، ئۆمەر ئاكا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. كۆز ياشلىرى قۇرئان سەھىپىلىرىگە سىرغىپ چۈشەتتى. ئۆمەر ئاكا ئىچ-ئىچىدىن كېلىۋاتقان بۇ ئەلەملىك يىغىدا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇشقا تاقىتى يەتمەي سەجدىگە يىقىلدى. ئىككى يىلدىن بېرى تىمتاسلىق، غېرىبلىق ۋە يالغۇزلۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ سوغۇق كەپىدە ئۇ دەردىنى تۆكىدىغان ۋە ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان، ئۇنىڭ قەلبىگە تەسەللى ئاتا قىلىدىغان يېگانە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قالمىغانىدى. ئۇ بىرھازا قانغۇدەك يىغلاپ، ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق ئەلەمنى ئازغىنە بولسىمۇ يېنىكلىتىۋالغاندىن كېيىن، بەش يىل بۇرۇن ۋاپات تاپقان ئايالى بىلەن جەننەتتە بىرگە بولۇشقا نېسىپ قىلىشىنى، ئىككى يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ جانجىگەر دوستى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھىجرەت سەپىرىگە قوشۇپ قويغان ئوغلى مۇھەممەدكە ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت، تەقۋالىق، ھىدايەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئاندىن ياستۇققا بېشىنى قويدى.