1
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئۇقۇملارغا تارىخىي – ئىجتىمائىي نۇقتىدىن نەزەر
ئابدۇقادىر جالالىدىن
بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھالقىما پەن خاراكتېرىگە ئىگە ئالاھىدە ئىلىم بولۇپ قالدى. ئۇ ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت، شۇنداقلا ئادەم بىلەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئاڭ ھەم ئىپادىلەش مۇناسىۋىتىنى پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ بىرلەشمە كۆزى بىلەن تەكشۈرىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. يۇقىرىقى ساھەلەر ھەربىر مىللەتتە ئۆزگىچە شەكىل ۋە مەزمۇن بىلەن خاراكتېرلەنگەچكە، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تۈرلۈك ئامىللارنى تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىيات نەزەرىيەسىمۇ روشەن مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىدۇ.
قاراخانىيلار (مىلادىيە 870 - 1212) سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھاياتىدا ئالاھىدە تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان سۇلالە بولۇپ، «كۆلىمى ناھايىتى زور، مەدەنىيىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلانغان ھەم ناھايىتى ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن بىر خانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
«قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا ۋە فېئودالىزمنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن ئوتتۇرا باسقۇچتىكى فېئوداللىق مۇناسىۋەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن كۇشان خانلىقى، ئېفتالىتلار خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خاقانلىقىغا ئوخشاش خانلىقلاردا ياشىغان باشقا قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تۈركىيلىشىش ۋە قايتا تۈركىيلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ خىل تۈركىيلىشىش جەريانى تەبىئىي ھالدا كېيىنكى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلىشىشقا شەرت ھازىرلىغانىدى».
روشەنكى، بۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ناھايىتى چوڭ تارىخىي بۇرۇلۇش بولۇپ، دەل ئەينى دەۋردىكى چوڭ ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئادەتتە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھەرقانداق ئىجتىمائىي ھادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇنى ئۈنۈملۈك كۆزىتىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى شەخس، توپلام (ئېتنىك گۇرۇپپا)، جەمئىيەتنىڭ تەشكىلىي فورمىسى، تۈزۈم قاتارلىق ئامىللارنى بىرلىك قىلىمىز. بۇ يەردىكى شەخسىي بىرلىك پوزىتسىيە، نۇقتىئىنەزەر، ئارزۇ ۋە تۈرتكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. توپلام دېگىنىمىزدە، كىشىلەرنىڭ ئالاقە يوسۇنلىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھالىتى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ تەشكىلىي فورما دېگىنىمىزدە، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيۇشۇش شەكلى، تەبىقە، تەبىقىلەر ئارا مۇناسىۋەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىماتنىڭ قائىدە - قانۇنلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ تۈزۈم دېگىنىمىزدە، جەمئىيەتكە ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي سىستېما كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ ئادەتتە نىكاھ ۋە ئائىلە شەكلى، تەربىيە شەكلى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.