1
[1:1]
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە سۈرە فاتىھە مەككىدە نازىل بولغان. بەزى ئۆلىمالار: «سۈرە فاتىھە تۇنجى نازىل بولغان سۈرىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرە ئەلەقنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغان» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، سۈرە فاتىھەنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر مەۋجۇدتۇر. بارلىق ئۆلىمالار سۈرە فاتىھەنىڭ يەتتە ئايەت ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن. بىراق، ھەق مەزھەپ (ھەق مەزھەپتىن ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەزھەپلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ _ م.) ئىماملىرىنىڭ بەزىلىرى ”بِسۡمِ ٱللَّهِ (بىسمىللاھ)“ كەلىمىسىنى سۈرە فاتىھەنىڭ بىر ئايىتى دەپ سانىماي، ”أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ“ جۈملىسىنى داۋامىدىن ئايرىپ بىر ئايەت ھېسابلايدۇ. ئەمما ھەق مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قالغان قىسمى بۇ پىكىرنىڭ ئەكسىچە ”بِسۡمِ ٱللَّهِ“ كەلىمىسىنى سۈرە فاتىھەنىڭ بىر ئايىتى دەپ ساناپ، ”أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ“ جۈملىسىنى ئايەتنىڭ داۋامى بىلەن قوشۇپ بىر ئايەت ھېسابلايدۇ .(دېمەك، كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار ”بىسمىللاھ“ جۈملىسىنى سۈرە فاتىھەنىڭ بىرىنچى ئايىتى دەپ قارايدۇ. قالغان سۈرىلەرنىڭ بېشىدىكى ”بىسمىللاھ“ جۈملىسىنى: «پەقەتلا سۈرىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن كەلگەن، ھەرگىزمۇ مەخسۇس بىردىن ئايەت ئەمەس» دەيدۇ. بەزى ئۆلىمالار: «”بىسمىللاھ“ جۈملىسى قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەتتۇر، سۈرە فاتىھەنىڭ ئايىتى ئەمەس» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن _ م.)
[1:2]
1. ئايەت: بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ١ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمان. يەنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن بار قىلغان، پەزلى ۋە ئېھسانى جىمى كائىناتنى ئوراپ تۇرغان، زاتىغا رەھمەت ۋە مېھرىبانلىق سۈپىتى لايىق بولغان ھەق مەبۇد اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن تىلاۋەت قىلىشنى باشلايمەن. (بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ جۈملىسىنىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن» دېگەنلىك بولىدۇ. ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىغا بىنائەن، ئۇنىڭغا ”باشلايمەن“ دېگەن كەلىمە ئىلاۋە قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەر ئىشنىڭ بېشىدا بىسمىللاھ دېيىلىپ، شۇ ئىشنى اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغانلىق ئىپادىلىنىدۇ _ م.)
2
[1:3]
2. ئايەت: ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ٢ جىمى ھەمدۇسانا (يەنى گۈزەل مەدھىيە ۋە ماختاش) بارلىق ئالەمنى پەرۋىش قىلغۇچى ھەق مەبۇدقا خاستۇر.
[1:4]
4. ئايەت: مَٰلِكِ يَوۡمِ ٱلدِّينِ٤ اﷲ جازا كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر (يەنى جازا كۈنىدە ھەممە ئىشلارنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر). اﷲ تائالا يۇقىرىقى سۈپەتلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇشبۇ كاتتا سۈپىتىنى زىكىر قىلىپ، گويا بەندىلىرىنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان: «ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ پەرۋىشىم ۋە رەھمىتىمنىڭ كەڭلىكىگە ئالدىنىپ، ئەمەللەردە سۇسلۇق قىلماڭلار، چۈنكى مەن جازا كۈنىنىڭ ھەقىقىي ساھىبىدۇرمەن، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىمەن. ئەگەر ئۇلار ياخشى ئەمەل قىلسا مۇكاپات، يامان ئەمەل قىلسا جازا بېرىمەن».
3
[1:5]
إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ٥
***********************************************
جانابىي ئىگىمىز بەرھەق مەبۇد اﷲ سۈرە فاتىھەنىڭ بېشىدا بارلىق ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك پەرۋىشكارلىق سۈپىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەممىگە شامىل ۋە كەڭ رەھمىتىنىڭ چەكسىز بەرىكىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئاندىن جازا (قىيامەت) كۈنىدە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، بۇ سۈپەتلەر مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلۇغ اﷲنىڭ دەرگاھى تەرەپكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى زوقلاندۇرىدۇ.
دېمەك، مۆجىزە خاراكتېرلىك تەرتىپتىكى بۇ جۈملىلەر مۇنۇلارنى ئىپادىلەيدۇ: «ئى بەندىلەر! بىلىپ قېلىڭلاركى، بارلىق مەۋجۇداتنى كائىنات سەھنىسىدە يوقتىن بار قىلغۇچى قۇدرەتلىك زات مەن بولىمەن. ھەممە نەرسىنى چەكسىز رەھمىتىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە پەرۋىش قىلغۇچىدۇرمەن. ئاندىن ھاياتىڭلارنىڭ مۇددىتى ئاخىرلىشىپ، جازا كۈنى مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتقىنىڭلاردا، ھەممە نەرسىنىڭ ساھىبى يەنە مەن بولىمەن. شۇڭا، بۇ دۇنيادا بەندىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بارىسىدا مېنىڭ ئەمرىمگە بويسۇنۇڭلار ۋە تەلىۋىڭلارنى پەقەتلا مەندىن سوراڭلار، ھەممە ئىشتا مەندىن ياردەم تىلەڭلار».
اﷲ تائالا بەندىلىرىگە قانداق ئىبادەت قىلىش ۋە ياردەمنى قانداق تەلەپ قىلىش يولىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
5. ئايەت: إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ٥ بىز پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز (يەنى سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىبادەت قىلمايمىز ۋە سەندىن باشقا ھېچكىمدىن ياردەم تىلىمەيمىز).
ئەسكەرتىش: سۈرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، تا بۇ ئايەتكىچە قۇرۇلغان جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن قۇرۇلغان، لېكىن بۇ ئايەتكە كەلگەندە، بىرىنچى شەخس ئالمىشىغا يۆتكەلگەن. بۇنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە مۇنداق ئىككى قاراش مەۋجۇت: بىرىنچى، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، بىرىنچى شەخس ئالمىشىدىن ئىككىنچى شەخس ئالمىشىغا، ئۈچىنچى شەخس ئالمىشىدىن بىرىنچى شەخس ئالمىشىغا يۆتكەپ تۇرۇپ جۈملە قۇرۇش ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىدىندۇر. بۇنىڭ سەۋەبى سۆزنى پاساھەتلىك شەكىلدە ئىشلىتىشتۇر. دېمەك، مۇنداق قىلىشتىن سۆز ئىبارىسىنى ھەر خىل ۋە ھەر شەكىلدە ئىشلىتىش، سۆز ئۇسلۇبىنى باشقا ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنى، سۆزگە ھالاۋەت قوشۇش، پاساھەتلىك ئىبارە سۈرۈش ۋە ئاڭلىغۇچىغا كۆتۈرەڭگۈ روھ بېغىشلاش ئۈچۈن جۈملىدە ھەر خىل ئالماشلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۈرىدىمۇ شۇنداق جۈملىلەر قۇرۇلغان.
ئىككىنچى، پاساھەت ساھىبى ۋە ئەرەب تىلىدىن ھەقىقىي خەۋەردار بەزى زاتلار بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «باشتىكى جۈملىلەردە يېگانىلىك سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە چەكسىز ھەمدۇساناغا لايىق بولغان زات زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇ زات ئۆزىنى بارلىق كائىناتتىن ئالاھىدە پەرقلىق قىلىپ تۇرىدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەچكە، بەندە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس زات ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە تونۇپ يېتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. ئاندىن، ئاشۇ ئۇلۇغ زاتقا يېلىنىش ۋە يالۋۇرۇش ئىلكىدە خىتاب قىلىدۇ. يەنى، بەندە ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن، مەغرۇرلۇق ۋە كىبىرلىك قاتارلىق سۈپەتلەرنى ئۆزىگىلا خاس قىلغان زاتقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئۇلۇغ اﷲ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلىمىز. ئىبادىتىمىز ساڭىلا مەخسۇستۇر، ياردەم تەلەپ قىلىشىمىزمۇ سەندىنلا بولىدۇ.
4
سەندىن باشقا مەبۇدىمىز يوقتۇر، شۇنداقلا، سەندىن باشقا باشپاناھىمىزمۇ يوقتۇر. دېمەك، سەندىن باشقا ھېچكىم ئۇشبۇ ئۇلۇغ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشكە لايىق ئەمەس. يەنى، بارلىق ئۇلۇغ سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىشكە لايىق يېگانە زات سەندۇرسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ يېگانە مەبۇدىمىز ۋە باشپاناھىمىز سەندۇرسەن“». بەندە ئەقىدىسىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، اﷲقا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
[1:6]
ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ٦
***********************************************
6. ئايەت: ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ٦ بىزگە توغرا ۋە ھەق يولنى كۆرسەتكىن. بۇ جۈملە ”وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ“ جۈملىسى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ياردەمنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. گويا اﷲ تائالا تەرىپىدىن بەندىلەرگە خىتاب قىلىنىپ: «سىلەر ئۆزەڭلارغا نېمىگە ۋە قايسى شەكىلدە ياردەم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟» دېيىلگەندە، بەندىلەر: «بىزنى توغرا ۋە ھەق يولغا ھىدايەت قىلىشىڭنى سورايمىز» دەيدۇ. بۇ جۈملە بەندىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تەلىپىنى اﷲ تائالادىن سوراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، اﷲ تائالانىڭ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رىزاسىغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتۇر. بەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ كاتتا تەلىپىنى باشقا تەلەپلەردىن ئايرىپ، ھەق يولغا ھەقىقىي ھىدايەت قىلغۇچى اﷲتىن سورىغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ يەنى، بىزنى ئۆزۈڭنىڭ رىزالىقىڭغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن!
بۇ توغرا يولدىن بەندىلەرنى ئىككى ئالەمنىڭ سائادىتىگە يەتكۈزىدىغان ھەق يول كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىسلام دىنىدۇر. بەزىلەر ئۇنى مۇنداق تەپسىر قىلغاندا، ھاسىلنى تەھسىل قىلغانلىق (يەنى مەۋجۇد نەرسىنى ئۆگەنگەنلىك) جۈملىسىدىن بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىدىن ئېھتىيات قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان دىننىڭ ھىدايىتىنى چۈشىنىشتە، شۇنداقلا، سېزىم ئەزالىرىنى ھەمدە ئەقلىنى ئىشلىتىشتە خاتالىق ۋە گۇمراھلىققا دۇچار بولغان چاغدا ئەڭ ئاۋۋال خۇسۇسىي ياردەمگە موھتاج بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ بىزنى ئاشۇ خۇسۇسىي ياردەمنى ئۆزىدىن تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇغان. اﷲ تائالانىڭ: ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ دېگەن سۆزى شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. يەنى، ئايەتنىڭ مەنىسى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۆزۈڭ تەرىپىدىن كېلىدىغان ھىدايەتتىن ئىبارەت كۆرۈنمەس ياردىمىڭ بىلەن بىزنى ھىدايەت قىلغىن ۋە ئـاشـۇ كـۆرۈنـمـەس ياردىمىڭ بىلەن بىزنى گۇمراھلىقتىن ھەمدە خاتالىشىشتىن ساقلىغىن، - دېمەكتۇر».
5
[1:7]
صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ٧
***********************************************
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲنىڭ بىزگە سۈرە فاتىھەنىڭ بېشىدىلا بۇ دۇئانى ئۆگىتىشى بىز بەندىلەرنىڭ توغرا يولغا بولغان ئېھتىياجىمىزنىڭ باشقا ھەممە ئېھتىياجىمىزدىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر.
7. ئايەت: صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ بىزگە سەن توغرا يول ئىنئام قىلغان زاتلارنىڭ يولىنى كۆرسەتكىن (يەنى، سەن بىزنى ئۆز پەزلىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىك، ئەلچىلىك، ئەۋلىيالىق، سىددىقلىق ۋە سالىھلىق نېمەتلىرىنى ئىنئام قىلغان زاتلارنىڭ يولىغا يېتەكلىگىن). غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ٧ ھەرگىزمۇ غەزەپىڭگە دۇچار بولغان ۋە ھەق يولدىن ئادىشىپ، گۇمراھ بولغان مەلئۇنلارنىڭ يولىنى كۆرسەتمىگىن. قىسقىسى، سېنىڭ غەزىپىڭگە دۇچار بولغان ۋە توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈپ، گۇمراھلىقنى تاللىغانلارنىڭ يولىنى بىزگە ھەرگىز كۆرسەتمىگىن.
ئەللامە زەمەخشەرى ۋە باشقا تەپسىرشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئايەتنىڭ: غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ٧ دېگەن جۈملىسىنى ئالدىنقى جۈملىسى بىلەن باغلاپ تەپسىر قىلغاندا، ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: سەن مۇتلەق نېمەت ئاتا قىلغان كىشىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلار سېنىڭ غەزىپىڭگە دۇچار بولۇشتىن ۋە ھەق يولدىن ئادىشىشتىن قۇتۇلغان كىشىلەردۇر. بىزنىمۇ شۇنداق زاتلارنىڭ يوللىرىغا ھىدايەت قىلغىن (جانابىي اﷲ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ مەنە ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆزى ياخشى بىلگۈچىدۇر).
مېھرى – شەپقەت بەخش ئەتكۈچى، تەۋپىق ۋە ياردەم ئىنئام قىلغۇچى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغ اﷲنىڭ ياردىمى ۋە تەۋپىقى بىلەن سۈرە فاتىھەنىڭ تەرجىمىسى تۈگىدى. ھىجرىيە 1367 – يىلى، رەجەپ ئېيىنىڭ 14 – كۈنى، شەنبە، سائەت 10.00 دا؛ مىلادىيە 1948 – يىلى، 22 – ماي، ئىلىنىڭ شەرقىي مەھەللىسى.
[2:1]
1. ئايەت: الٓمٓ١ بۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسىنى اﷲ ئۆزى بىلىدۇ. بەزى سۈرىلەرنىڭ باشلىرىدا كېلىدىغان بۇ ھەرپلەر اﷲ بىلەن پەيغەمبىرى ئارىسىدىكى سىردۇر. بىز مۇئمىنلەر بۇ ھەرپلەرنىڭ اﷲنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە ئۇنىڭ ئېنىق مەنىسىنى اﷲقا تاپشۇرىمىز.
[2:2]
2. ئايەت: ذَٰلِكَ ٱلۡكِتَٰبُ لَا رَيۡبَۛ فِيهِۛ ۋەدە قىلىنغان ئۇشبۇ كىتاب مۇكەممەل بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ اﷲ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ھېچبىر شەك يوقتۇر. هُدٗى لِّلۡمُتَّقِينَ٢ ئەنە شۇ مۇكەممەل كىتاب اﷲنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، توسقان ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، تەقۋالىق يولىنى تۇتقان كىشىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان ھىدايەت ۋە تەۋپىقتۇر (يەنى، ئۇلارنى نىشان ۋە غايىلىرىگە يەتكۈزىدىغان ھىدايەتتۇر، روشەن باياندۇر).
6
[2:3]
3. ئايەت: ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡغَيۡبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ٣ ئۇلار راستچىللىق بىلەن غەيبكە ئىمان كەلتۈرىدۇ، نامازنى شەرت ۋە تەدىل – ئەركانلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا بەرپا قىلىدۇ، بىز ئۆز پەزلىمىز ۋە ئېھسانىمىز بىلەن ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلغان رىزىقنى خەير – ساخاۋەت يولىدا ئىشلىتىدۇ. غەيبكە ئىمان كەلتۈرۈشتىن مۇراد قۇرئان ۋە ھەدىسـ ـتە ئېنىق بەلگىلەنگەن، لېكىن سېزىم ئەزالىرى بىلەن ھېس قىلغىلى بـولـمايدىغان نەرسىلەرگە، يەنى اﷲ تائالانىڭ بار ۋە بىرلىكىگە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىگە، پەيغەمبەرلەرگە، پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈم ۋە تۈزۈملەرگە، قىيامەت كۈنىگە، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى، بارلىق جانلىقلارنىڭ ھېسابقا تارتىلىشى، ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان غەيبكە ئىمان كەلتۈرۈش بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار بولۇپ، تەپسىرشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ پىكىرنى قوللايدۇ.
[2:4]
4. ئايەت: وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ وَبِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ٤ ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە (يەنى تەۋرات، زەبۇر ۋە ئىنجىل قاتارلىق كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئاخىرەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ شەك – شۈبھىسىز يۈز بېرىدىغانلىقىغىمۇ) پەقەت ئۇلارلا چىن دىلىدىن ئىشىنىدۇ.
سۈرىنىڭ بېشىدىن بۇ يەرگىچە زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: «ھەق ئىكەنلىكىدە ھېچبىر شەك بولمىغان قۇرئان كەرىم شېرىك ۋە گۇناھتىن يىراق تۇرغان كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر. ئۇلار (يەنى شېرىك ۋە گۇناھتىن يىراق تۇرغان تەقۋادار زاتلار) غەيبكە ئىمان كەلتۈرىدۇ، نامازنى شەرت ۋە تەدىل – ئەركانلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا ئادا قىلىدۇ ۋە ئادا قىلىشنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرىدۇ. رىزىق بەرگۈچىنىڭ يېگانە اﷲ ئىكەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئىمان كەلتۈرگەن بۇ كىشىلەر اﷲ ئىنئام قىلغان مال – مۈلكىنى خەير ۋە ياخشىلىق يولىدا ئىشلىتىدۇ. شۇنداقلا، قۇرئان كەرىمگە ۋە قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان مۇقەددەس كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. قىيامەت كۈنىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بېرىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلار مانا مۇشۇلاردۇر».
7
[2:5]
5. ئايەت: أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ ئۇشبۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن تەقۋادار كىشىلەر پەرۋەردىگارلىرىنىڭ تەۋپىقى ۋە ياردىمى بىلەن ئاتا قىلىنغان كامىل ھىدايەت ئۈستىدە بولۇپ، بۇ ھىدايەتنىڭ ماھىيىتىنى اﷲ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ٥ ئۇشبۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن تەقۋادار كىشىلەر _ ئەنە شۇلارلا نىجات تاپقۇچى ۋە غايىلىرىگە يەتكۈچىدۇر.
ۋەز – نەسىھەت: اﷲ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغانلىقىنى، ئىلگىرىكى مۇقەددەس كىتابلاردا تەرىپى قىلىنغان مۇبارەك ۋە مۇكەممەل كىتابنىڭ مانا مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قۇرئان كەرىمنى مەدھىيىلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇشبۇ كىتابنىڭ اﷲ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا ھېچبىر شۈبھىنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ۋە بۇ مۇكەممەل كىتابنىڭ گۇناھقا يېقىنلىشىشتىن ئۆزىنى ساقلىيالايدىغان، اﷲنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدىغان تەقۋادارلارغا ھىدايەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. شۇنداقلا، تەقۋادار مۇسۇلمانلارنى مۇنداق بىرنەچچە سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيدۇ:
بىرىنچى سۈپەت: تەقۋادارلار غەيبكە ئىمان كەلتۈرىدۇ. غەيبنىڭ نېمىلىكى ﴿بِٱلۡغَيۡبِ﴾ كەلىمىسىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى.
ئىككىنچى سۈپەت: تەقۋادارلار نامازنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ. بەش ۋاخ نامازنى شەرت ۋە تەدىل – ئەركانلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا، تۆۋەنچىلىك ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئادا قىلىدۇ.
ئۈچىنچى سۈپەت: تەقۋادار كىشىلەر بىز ئۇلارغا ئاتا قىلغان رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى خەير – ساخاۋەت يولىدا ئىشلىتىدۇ. يەنى، ئۇلار بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە بىنائەن ئىگە بولغان رىزىقنى ياخشىلىق يوللىرىغا ساپ نىيەت، خۇرسەنلىك ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن ئىشلىتىدۇ. ئايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: «ئۇلار ئىگە بولغان پۇل – مال بىز ئاتا قىلغان رىزىقتۇر. شۇڭا، يوقسۇل، پېقىر ۋە موھتاجلارغا ئېھسان قىلىش بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن ئېھسان قىلغانلىق بولىدۇ. يەنى، بەندە ئۆزىگە اﷲ تائالا ئاتا قىلغان مال – دۇنيانى خەير – ساخاۋەت يولىغا ئىشلەتسە، ئەمەلىيەتتە، اﷲ تائالانىڭ خەزىنىسىدىكى مال – دۇنيانى ئىشلەتكەن بولىدۇ. لېكىن اﷲ تائالا ئەنە شۇ بەندىگە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن قات – قات ساۋاب ئاتا قىلىدۇ ۋە مال – مۈلكىگە بەرىكەت بېرىدۇ».
ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، بەندىنىڭ اﷲ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن رەۋىشتە خەير – ساخاۋەت قىلىشنى ئېغىر كۆرمەستىن، تىرىكلىكنى غەنىمەت بىلىپ اﷲ رىزالىقى ئۈچۈن خەير – ساخاۋەت قىلىشى مۇھىم ۋە زۆرۈردۇر. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ھايات ۋاقتىدا بىر تەڭگە سەدىقە قىلىشى سەكراتتىكى ۋاقتىدا يۈز تەڭگە سەدىقە قىلىشىدىن ئەۋزەلدۇر». قىسقىسى، اﷲ ئاتا قىلغان مال – دۇنيادىن اﷲنىڭ يولىدا سەدىقە قىلىش ۋە يوقسۇل، پېقىر، موھتاجلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارغا خەير – ئېھسان قىلىش كاتتا ئەجىر ۋە ساۋابقا ئېرىشتۈرىدىغان ساۋابلىق ئىشتۇر. مۇشۇنداق قىلىش تەقۋادار كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. شۇڭا، تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇشنى كۆزلىگەنلەر چوقۇم تەقۋادارلارنىڭ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئېسىل سۈپەتلىرىنى ئىزچىل ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى لازىم.
8
تۆتىنچى سۈپەت: تەقۋادار كىشىلەر جانابىي پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان مۇقەددەس كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. چۈنكى مۇئمىنلەرنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھيىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشى ۋاجىپتۇر. «تەقۋادار كىشىلەر ئۇشبۇ كىتابلارغا ئىشىنىدۇ» دېگەنلىك، ئۇلار ئۇشبۇ كىتابلارنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا شەك – شۈبھىسىز ئىشىنىدۇ، - دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ئۇشبۇ كىتابلارغا ئىشىنىش بىلەن بىرلىكتە، ”مۇكەممەل كىتاب“ دېگەن ئۇلۇغ سۈپەتكە لايىق بولغان قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان ھۆكۈملەرگە ئىزچىل ئەمەل قىلىدۇ، ئۇنىڭدا بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە چەكلەنگەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار قۇرئان كەرىمنى ھەممە ئىشلىرىدا ئۆزلىرىگە شامىل قانۇن دەپ بىلىدۇ. چۈنكى اﷲ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈش ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ۋە كۆرسەتكەن يولىغا ئەگىشىش دېمەكتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپىنچە تەپسىرشۇناسلار اﷲ تائالانىڭ: ﴿ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَتۡلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۗ﴾ ﴿بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ﴾ (سۈرە بەقەرە، 121 – ئايەت.) دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز بەزىلەرگە كىتاب بەردۇق، ئۇلار بۇ كىتابقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار كىتابتىكى بۇيرۇقلارغا قەتئىي بويسۇنىدۇ. دېمەك، ئۇلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ كىتابقا ئىشەنگەن ۋە ئىمان كەلتۈرگەن بولىدۇ (يەنى، ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەل قىلمىغانلار چىن دىلىدىن ئىشەنمىگەنلەردۇر)».
قىسقىسى، اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈش دېمەك، ئۇنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا ۋە ھەق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىش، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرگە ئىزچىل ئەمەل قىلىش، شۇنداقلا، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى قەتئىي بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش دېمەكتۇر. بەندىلەر مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن بولىدۇ.
بەشىنچى سۈپەت: ئايەت ئۇلارنى: «ئاخىرەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ پەقەت ئۇلارلا چىن دىلىدىن ئىشىنىدۇ» دەپ سۈپەتلەيدۇ. يەنى، ئاخىرەت كۈنىنىڭ شەك – شۈبھىسىز يۈز بېرىدىغانلىقىغا، ئۇ كۈندە بارلىق خالايىقنىڭ جانابىي اﷲنىڭ ئەمر – پەرمانى بىلەن قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ چىقىپ مەھشەرگاھقا توپلىنىدىغانلىقىغا، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى، كائىناتنىڭ يېگانە پادىشاھى، ”قەھر قىلغۇچى“ دەپ سۈپەتلەنگەن، مەرتىۋىسى ئۇلۇغ، سەلتەنىتى كاتتا يېگانە ئىلاھ اﷲنىڭ ئادالەت مەھكىمىسىدە ھېساب بېرىش ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ياكى جازاغا مەھكۇم بولۇش ئۈچۈن ھېساب مەيدانىغا جەم بولىدىغانلىقىغا ئەنە شۇ تەقۋادار كىشىلەرلا چىن دىلىدىن ئىشىنىدۇ.
ئۇ كۈندە، بەندىلەرنىڭ دۇنيا ھاياتىدا سادىر قىلغان بارلىق قىلمىشلىرى تارازىدا تارتىلىپ، بەزىلىرى ئوڭ تەرەپتىن، بەزىلىرى سول تەرەپتىن ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە بارلىق خالايىقنىڭ ھۇزۇرىدا ئوچۇق – ئاشكارا ئوقۇلىدۇ. نامە – ئەمالى ئوقۇلغان بەزى بەختلىك بەندىلەر ئىچ – ئىچىدىن خۇشاللىنىپ: ﴿هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ١٩﴾ ﴿بۇ مېنىڭ نامە – ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار﴾ (سۈرە ھاققە، 19 – ئايەت.