1
تەپسىر ئىبنى كەسىر
6-توم / 6
50-سۈرىدىن 114-سۈرىگىچە
ئۇيغۇرچە تېكىست نۇسخىسى
مەنبە: Qurankerim.com
50-سۈرە
مۇفەسسەل بۆلۈمنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا
[50:000]
توغرا رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ سۈرە مۇفەسسەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان سۈرىلىرىنى مۇئەييەن بۆلۈملەرگە بۆلۈپ ئوقۇغانلىقى ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ 1393 - نۇمۇرلۇق ھەدىسىدە رىۋايەت قىلىنغان مۇفەسسەل بۆلۈمى بولسا ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمدۇر بۆلۈمنىڭ بېشىدۇر. بۇ بۆلۈمنىڭ بېشى سۈرە ھۇجۇرات دېگەنلەرمۇ بولغان. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ: بۇ بۆلۈمنىڭ بېىشى سۈرە نەبەدۇر دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ سۆزنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. بىز بىلىدىغان ئېتىبارلىق ئۆلىمالار (ﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) دىن ھېچ بىرى بۇ سۆزنى قىلمىغان. ئۇنداقتا بۇ بۆلۈمدىن ئىلگىرىكى بۆلۈملەر تەشكىل قىلغان 48 سۈرىنى ساناپ چىقساق، سۈرە قافنىڭ دەل بۇ بۆلۈمنىڭ بېشى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1 - بۆلۈم ئۈچ سۈرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار: بەقەرە، ئال ئىمران ۋە نىسا سۈرىلىدۇر. 2 - بۆلۈم 5 سۈرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار: مائىدە، ئەنئام، ئەئراف، ئەنفال ۋە تەۋبە سۈرىلىدۇر. 3 - بۆلۈم 7 سۈرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار: يۈنۈس، ھۇد، يۈسۈف، رەئد، ئىبراھىم، ھىجر ۋە نەھل سۈرىلىدۇر. 4 - بۆلۈم 9 سۈرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار: ئىسرا ، كەھف، مەريەم، تاھا، ئەنبىيا، ھەج، مۆئمىنۇن، نۇر ۋە فۇرقان سۆلىرىدۇر. 5 - بۆلۈم 11 سۈرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار: شۇئەرا، نەمل، قەسەس، ئەنكەبۇت، رۇم، لوقمان، سەجدە، ئەھزاب، سەبەئ، فاتىر، ۋە ياسىن سۈرىلىرىدۇر. 6 - بۆلۈم 13 سۈرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار: ساففات، ساد، زۇمەر، غافىر، فۇسسىلەت، شۇرا، زوخرۇف، دۇخان، جاسىيە، ئەھقاف، مۇھەممەد، فەتھى ۋە ھۇجۇرات سۈرىلىرىدۇر. ئاندىن كېيىن 7 - بۆلۈم مۇفەسسەل بۆلۈمى كېلىدۇ. ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار شۇنداق ئېيتقان. بۇنىڭدىن شۇ مۇئەييەنلەشتىكى بۇ بۆلۈمنىڭ بېشى سۈرە قافتۇر. بۇنىڭغا بىزمۇ شۇنداق دەپ قارايمىز. بارلىق ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيە ﷲ تائالاغا خاستۇر.
سۈرە قافنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
[50:000]
ئىمام ئەھمەد، ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئەبۇ ۋاقىد لەيسىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىدا قايسى سۈرىنى ئوقۇيتتى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: سۈرە قاف بىلەن سۈرە قەمەرنى ئوقۇيتتى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇنى ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان.