1
تەپسىر ئىبنى كەسىر
5-توم / 6
30-سۈرىدىن 49-سۈرىگىچە
ئۇيغۇرچە تېكىست نۇسخىسى
مەنبە: Qurankerim.com
30-سۈرە
رۇملۇقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ خەۋىرى توغرىسىدا
[30:001,002,003,004,005,006,007]
بۇ ئايەتلەر پارسلار پادىشاھى سابۇر، رۇملۇقلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ رۇم تەۋەسىنىڭ چەت رايونلىرىنى، شامنى، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاندا نازىل بولغان. سابۇر، رۇم پادىشاھى ھىرەقلىنى چېكىنىشكە مەجبۇرلاپ ئۇنى قۇستەنتىنىيىگىچە ھازىرقى ئىستانبۇلنى كۆرسىتىدۇ قىستاپ باردى ۋە ئۇنى قۇستەنتىيىدە ئۇزاق مۇددەت مۇھاسىرگە ئالدى. تۆۋەندە دېيىلگىنىدەك، كېيىن ھىرەقل ئىشغال قىلىنغان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
ئىمام ئەھمەد، ئىنبى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: [ئەلىف، لام، مىم. رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى] دېگەن ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رۇملۇقلار يېڭىلدى ۋە يەڭدى. مۇشرىكلار، پارسلارنىڭ رۇملۇقلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى خالايتتى. چۈنكى، پارسلار بۇدلارغا چوقۇناتتى. مۇسۇلمانلار رۇملۇقلارنىڭ پارسلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى خالايتتى. چۈنكى، ئۇلار ئەھلى كىتاب ئىدى. رۇملۇقلارنىڭ يېڭىلگەن خەۋىرى ئەبۇبەكرىگە يەتكۈزۈلدى. ئەبۇبەكرى بۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمما رۇملۇقلار كەلگۈسىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دېدى.
ئەبۇبەكرى بۇنى مۇشرىكلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار: ئۇنداق بولسا، بىز ئارىمىزدا ۋاقىت بەلگىلەيلى، ئەگەر بىز ئۇتۇپ چىقساق، پالان - پۇستان ئىشلار بىزنىڭ بولسۇن. ئەگەر سىلەر ئۇتۇپ چىقساڭلار، پالان - پۈكۈن ئىشلار سىلەرنىڭ بولسۇن، دېدى. ئەبۇبەكرى بەش يىلنى بەلگىلىدى. بىراق رۇملۇقلار غەلىبە قىلالمىدى. ئەبۇبەكرى بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىلگىنكى، ئون يىلدىن تۆۋەنرەك ۋاقىت بەلگىلىسەڭ بوپتىكەن» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇملۇقلار غەلىبە قىلدى.
بۇ ئەھۋال ﷲ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدە ئىپادىلىنىدۇ: [ئەلىف، لام، مىم. رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى. ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر. بۇ كۈندە مۆمىنلەر ﷲ نىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ. ﷲ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ﷲ غالىبتۇر. (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر]. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە نەسەئى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنداق رىۋايەت قىلغان.