1
تەپسىر ئىبنى كەسىر
4-توم / 6
18-سۈرىدىن 29-سۈرىگىچە
ئۇيغۇرچە تېكىست نۇسخىسى
مەنبە: Qurankerim.com
18-سۈرە
سۈرە كەھفنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون ئايەت، ئايىغىدىكى ئون ئايەتنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ سۈرىنىڭ دەججالدىن ساقلايدىغانلىقى توغرىسىدا
[18:000]
ئىمام ئەھمەد، بەرائىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كىشى سۈرە كەھفنى ئوقۇۋاتاتتى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ قورۇسىدىكى ئۇلاغ ئۈركۈشكە باشلىدى. ئۇ كىشى قارىغۇدەك بولسا بۇلۇت ئۆزىنى ئورىۋاپتۇ. ئۇ كىشى بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دەپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى پالانى! (قۇرئاننى) ئوقۇۋەرگەن بولساڭ بولاتتى. چۈنكى، ئۇ بۇلۇت بولسا قۇرئان ئوقۇلغاندا چۈشىدىغان ھۇزۇرى خاتىرجەملىكتۇر» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىممۇ رىۋايەت قىلدى.
قۇرئان ئوقۇغان كىشىنىڭ ئىسمى ئۇسەيد ئىبنى ھەزىردۇر. قۇرئان ئوقۇغان كىشىنىڭ شۇ ئادەم ئىكەنلىكى سۈرە بەقەرەنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى.
ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداردادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى سۈرە كەھفنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادا ئالسا دەججالنىڭ (پىتنىسىدىن) ساقلىنىپ قالىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، نەسەئى ۋە تىرمىزىلەرمۇ رىۋايەت قىلدى. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە: «كىمكى سۈرە كەھفنىڭ بېشىدىن ئۈچ ئايەت يادا ئالسا» دەپ كەلدى.
(ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداردادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى سۈرە كەھفنىڭ ئايىغىدىن ئون ئايەت ئوقۇسا دەججالنىڭ (پىتنىسىدىن) ساقلىنىپ قالىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىممۇ رىۋايەت قىلدى.
ھاكىم، ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى سۈرە كەھفنى جۈمە كۈنى ئوقۇسا، ئۇ سۈرە يەنە بىر جۈمە كۈنى بولغىچە ئارىلىقتا ئۇ كىشى ئۈچۈن نۇر بولىدۇ». بۇ ھەدىسنى ھاپىز ئەبۇبەكرى بەيھەقىمۇ ھاكىمدىن شۇنداق رىۋايەت قىلدى. ئىمام بەيھەقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى سۈرە كەھفنى (ئۆزگەرتىۋەتمەي) خۇددى ئۇ چۈشكەندىكىدەك ئوقۇسا، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى ئۈچۈن نۇر بولىدۇ».
قۇرئاننىڭ خۇش بېشارەتچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىنىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا
[18:001,002,003,004,005]