1
تەپسىر ئىبنى كەسىر
3-توم / 6
8-سۈرىدىن 17-سۈرىگىچە
ئۇيغۇرچە تېكىست نۇسخىسى
مەنبە: Qurankerim.com
8-سۈرە
ئەنفال ”غەنىمەتلەر“ توغرىسىدا
[8:001]
ئىمام بۇخارى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئەنفالنى ”غەنىمەتلەر“ دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. يەنە ئىمام بۇخارى سەئىد ئىبنى جۇبەيرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سۈرە ئەنفال توغرۇلۇق سوردىم، ئۇ: بۇ سۈرە بەدرى ئۇرۇشى بولغاندا نازىل بولغان، دېدى.
شۇنداقلا ئىمام بۇخارىنىڭ بىرىنچى رىۋايىتىگە ئوخشاش ئەلى ئىبنى ئەبۇتەلھەمۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئەنفال - غەنىمەتلەر، دېمەكتۇر. بۇ غەنىمەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەئەللۇق ئىدى. ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھېچقانداق ھەققى يوق ئىدى.
مۇجاھىد، ئىكرىمە، ئەتا، زەھھاك، قەتادە، ئەتاخۇراسانىي، مۇقاد ئىبنى ھەييان، ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلەر ئەنفالنى ”غەنىمەتلەر“ دەپ تەپسىر قىلدى. بەزى تەپسىرشۇناسلار: ئەسلى غەنىمەتنى تەقسىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن جەڭچىلەر ئۆزلىرى دۈشمىنىدىن تارتىۋالغان ئولجا ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى، ئىمام بەزى شەخسلەرگە تارقىتىپ بەرگەن نەرسىنى ”ئەنفال“ دەپ ئاتايمىز، دېدى.
بەزى تەپسىرشۇناسلار: غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئەنفال دەيمىز، دېدى. يەنە بەزى تەپسىرشۇناسلار: كاپىرلاردىن ئۇرۇشسىز ئېلىنغان ئولجىنى ،ئۇلار مۇسۇلمانلارغا تاشلاپ كەتكەن چارۋا - ماللار قۇل - دېدەك ۋە ياكى مال - مۈلۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەنفال دەيمىز، دېدى.
ئەلى ئىبنى سالىھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ماڭا ﷲ تائالانىڭ [(ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ] دېگەن ئايىتى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن قوشۇنلارنىڭ غەنىمەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دېيىلگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن قوشۇنلارنىڭ بەزى جەڭچىلىرىگە ئىمام ئۇلارنىڭ قوشۇندىكى باشقا جەڭچىلەر بىلەن ئوخشاش ئالغان تەقسىماتىدىن ئارتۇق بەرگەن غەنىمىتى ”ئەنفال“ دېيىلىدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى توغرىسىدا
[8:001]
ئىمام ئەھمەد، سەئىد ئىبنى مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن ئى ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! بۈگۈن ﷲ ماڭا ھەقىقەتەن مۇشرىكلاردىن بىر ئولجا نېسىپ قىلدى، بۇ قىلىچنى ماڭا بەرگىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قىلىچ ساڭىمۇ ماڭىمۇ تەۋە ئەمەس، ئۇنى قويغىن» دېدى. مەن ئۇنى قويۇپ قويدۇم. ئىچىمدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىلىچنى مەن ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسىگە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ تۇرسام تۇيۇقسىزلا ئارقامدىن بىر ئادەم مېنى چاقىردى. مەن: ﷲ مېنىڭ ھەققىمدە بىرەر ئايەت نازىل قىلدىمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن بۇ قىلىچنى سورىغان ئىدىڭ، ئۇ مېنىڭ ئەمەس، لېكىن ﷲ تائالا ئۇنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ سېنىڭ بولسۇن» دېدى. سەئىد ئىبنى مالىك شۇ چاغدا ﷲ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى دېدى: [(ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر] بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسەئى قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان.