1
تەپسىر ئىبنى كەسىر
2-توم / 6
4-سۈرىدىن 7-سۈرىگىچە
ئۇيغۇرچە تېكىست نۇسخىسى
مەنبە: Qurankerim.com
4-سۈرە
بۇ سۈرىنىڭ مەدىنىدە چۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
[4:000]
ئەۋفىي، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: سۈرە نىسا مەدىنىدە چۈشكەن. شۇنىڭدەك ئىبنى مەردەۋى، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ۋە زەيد ئىبنى سابىتنىڭ: بۇ سۈرە مەدىنىدە چۈشتى، دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى.
ھاكىم، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھەقىقەتەن سۈرە نىسادا بەش ئايەت بار، دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى بۇ بەش ئايەت مېنى خۇرسەن قىلغاندەك خۇرسەن قىلالمايدۇ. (بۇ بەش ئايەت) بولسا [ﷲ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ﷲ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ] سۈرە نىسا 40 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى. [ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، (كەرىمىمىزگە ئېلىپ) كىچىك گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز] سۈرە نىسا 31 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى. [ﷲ ھەقىقەتەن ﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ] سۈرە نىسا 48 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى. [ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا] سۈرە نىسا 64 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى. [كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ﷲ دىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ﷲ نىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ] سۈرە نىسا 110 - ئايەت. دېگەن ئايەتلەردۇر.
ھاكىم، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: سىلەر مەندىن سۈرە نىسا توغرىسىدا سوراڭلار، ھەقىقەتەن مەن قۇرئاننى كىچىگىمدىن تارتىپ ئوقۇيتتىم.
تەقۋادارلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدا
[4:001]
ﷲ تائالا مەخلۇقاتلىرىنى ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنى بىر جاندىن ياراتقانلىقىنى يەنى تۇنجى قېتىم ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ، ئۇ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىدە سول قوۋۇرغىسىدىن ئايالى ھەۋۋانى ياراتقانلىقىنى، ئۇ ئىككىسى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: [ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار]. ھەدىستە مۇنداق كەلدى: «شەكسىز ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلدى. قوۋۇرغىنىڭ ئۇچ تەرىپى ئەگرىدۇر. سەن قوۋۇرغىنى تۈزلەيمەن دېسەڭ، ئۇنى سۇندۇرۇپ قويىسەن يەنى بۇ يەردىكى «قوۋۇرغىنى تۈزلەيمەن دېسەڭ» دېگىنى ئەگەر ئايالىنىڭ مىجەزىنى بىرلا قېتىمدا ئۆزگەرتىمەن دەپ قالسا، ئايالىدىن ئاجرىشىپ كېتىش ئاقىۋىتىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا ئاياللارغا خۇددى ئەگرى قوۋۇرغىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم. . ئەگەر سەن ئۇ ئەگرى قوۋۇرغىدىن ئۆز پېتىچە مەنپەئەتلىنەي دېسەڭ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلەيسەن».