1
تەپسىر ئىبنى كەسىر
1-توم / 6
1-سۈرىدىن 3-سۈرىگىچە
ئۇيغۇرچە تېكىست نۇسخىسى
مەنبە: Qurankerim.com
1-سۈرە
سۈرە فاتىھەنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
[1:000]
بۇ سۈرە ”فاتىھە“ دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ”قۇرئان كەرىم“ نىڭ يېزىلىشى مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ. (يەنى قۇرئان كەرىم بۇ سۈرە بىلەن باشلانغان بولۇپ، نامازلاردا قىرائەت قىلىش بۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ). كۆپلىگەن ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىچە بۇ سۈرە ھەم ”ئۇممۇل كىتاب“ (كىتابنىڭ جەۋھىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئىمام تىرمىزىنىڭ ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ دىن باشلانغان بۇ سۈرە قۇرئاننىڭ جەۋھىرىدۇر، نامازدا دائىم تەكرارلىنىدىغان يەتتە ئايەت ۋە كاتتا قۇرئاندۇر». بۇ سۈرە ”ھەمدە سۈرىسى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئاتىلىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسى قۇددىسىدا بايان قىلغان ﷲ تائالانىڭ بۇ سۆزىنىڭ سەۋەبىدىندۇر: «مەن (ﷲ ئۆزىنى دېمەكچى) نامازنى مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئارىلىقىدا ئىككىگە بۆلدۈم. ئەگەر بەندەم الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ دېسە، مېنىڭ بەندەم ماڭا ھەمدە ئېيتتى دەيمەن». بۇ سۈرە نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىر شەرتى بولغانلىقى ئۈچۈن ”ناماز“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بۇ سۈرە ”رۇقىيە“ (دەمىدە قىلماق) سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ مۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئەبۇسەئىدنىڭ رىۋايىتىدە ئېغىر يارىدار بولغان بىر ئادەم بۇ سۈرىنى ئوقۇپ ئۆزىگە دەمىدە قىلىۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمدىن «بۇ سۈرىنىڭ دەمىدە سۈرىسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟» دەپ سورىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئىبنى ئابباس، قەتادە ۋە ئەبۇئالىيە قاتارلىقلار بۇ سۈرە مەككىدە چۈشكەن دېگەن. بۇسۈرىنىڭ مەككىدە چۈشكەنلىكىنىڭ دەلىلى ﷲ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدۇر: (نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق سۈرە ھىجر 87 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى (بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىدە چۈشكەن بولۇپ، نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەت سۈرە فاتىھەنى كۆرسىتىدۇ) ت.
بۇ سۈرىدىكى ئايەتلەرنىڭ سانى
[1:000]
بۇ سۈرە ھېچ قانداق ئىختىلاپسىز يەتتە ئايەتتۇر. كۇفىلىق قۇرئانشۇناس ئالىملارنىڭ بەزىسى، بىر تۈركۈم ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە خەلەپ خەلەپ ئۆلىمالىرى دېگىنىمىز ھىجرىيەنىڭ 3 ئەسىرىدىن كېيىن ياشىغان ئۆلىمالارنى كۆرسىتىدۇ ئۆلىمالىرىنىڭ بەزىسى بِسْمِ اﷲ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ نى بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىكى بىر ئايەتتۇر، دەيدۇ.